قازاقىستان پرېزىدېنتى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلماقچى


2006.08.29

ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېف سېنتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرلىرىدا پرېزىدېنت بۇشنىڭ تەكلىپى بىلەن ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدىكەن.

بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ نازاربايېفنى تەكلىپ قىلىشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدكە ئۇچرىماقتا

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىرى ھەمدە نۇرغۇنلىغان سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر پرېزىدېنت بۇشنىڭ، نازاربايېفنى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلماقتا. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، تېخى بىر نەچچە ھەپتە بۇرۇن چەتئەل دۆلەت خادىملىرى ئارىسىدىكى چىرىكلىككە قارشى ئۇرۇش باشلىتىپ، ئۇنى ئامېرىكىنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەھدىت دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانى قىلىپ بېكىتكەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇشنىڭ، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇر سۇلتان نازاربايېفنى ئامېرىكىغا تەكلىپ قىلىشى، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ سەمىمىيىتى ھەققىدە سۇئال پەيدا قىلماقتا.

ئەلۋەتتە، قازاقىستان پرېزىدېنتى، بۇش ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئاقسارايغا تەكلىپ قىلىنغان تۇنجى مۇنازىرىلىك دۆلەت باشلىقى ئەمەس. بۇ يىل ئاپرىل ئېيىدا، تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولغان بىر سايلامدا ئەزەربەيجان پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغان ئىلھام ئەلىيىف ئاقسارايغا تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. لېكىن خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بولۇپمۇ قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇر سۇلتان نازاربايېف ئاقساراي تەرىپىدىن ئالاھىدە قىزغىن قارشى ئېلىنماقتا ئىكەن.

ۋەھالەنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆزى يانۋار ئېيىدا نۇرسۇلتان نازاربايېفنى بىر پارىخورلۇق دېلوسى تۈپەيلىدىن سوتقا تارتىشقا تەييارلىنۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت ئامېرىكىلىق بىر بانكېرنى 1990‏- يىللىرىدا قازاقىستاننىڭ نېفىت سودىسى ئۈستىدە ھاكىمىيەت قۇرۇش ئۈچۈن، قازاقىستان دائىرىلىرىگە پارى بەرگەن دەپ ئەيبلىمەكتە. مەزكۇر بانكېر بۇ جىنايتى تۈپەيلىدىن تۈرمىگە تاشلىنىشى مۇمكىن، ئەمما نازاربايېف تېخى رەسىمى ئەيىبلەنمىگەن. .

بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ نازاربايېفنى تەكلىپ قىلىشى قازاقىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ تەنقىدكە ئۇچرىماقتا

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قازاقىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر، پرېزىدېنت بۇشنىڭ، نازاربايېفنى ئامېرىكىغا تەكلىپ قىلغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. پرېزىدېنت بۇشنىڭ نازاربايېفنى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلىپلا قالماي ئۇنى مايىندىكى ئائىلە داچىسىدا كۈتۈدىغانلىقى ئۇلارنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرمەكتە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تېخى قازاقىستان پرېزىدېنتىنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىنى ئوچۇق ئېلان قىلمىدى. ئەمما پرېزىدېنت بۇشنىڭ دادىسى سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇشنىڭ باياناتچىسى تام پرىچەت، نازاربايېفنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدا بۇش ئائىلىسىنىڭ مايىندىكى داچىسىدا مېھمان بولىدىغانلىقىنى ئېنىقلىدى.

قازقىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، 1990‏- يىلىدىن بېرى قازاقىستاندا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان نۇر سۇلتان نازاربايېف ھۆكۈمىتى ئۆكتىچى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەپ ياكى ئۇلارنى ئەنگە ئېلىشنى رەت قىلغان. ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغان پۈتۈن گېزىت-جورناللارنى چەكلەپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلىماقتا. ھازىرغىچە قازاقىستاندا ئىككى ئاتاقلىق سىياسىي ئۆكتىچى ناھايىتى گۇمانلىق ئۇسۇلدا ئۆلتۈرۈلگەن.

ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، بۇنداق بىر ئەھۋالدا قازاقىستاندا چىرىكلىكنىڭ سىمۋولى بولغان نازاربايېفنى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلىش، قازاقىستان خەلقىغە خاتا سىگنال ئەۋەتىدىكەن.

بۇش ھۆكۈمىتى بۇ ئىشتا ئۆزىنى ئاقلىماقتا

لېكىن پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتى ۋە ھۆكۈمەتكە يېقىن ئەباپلار نازاربايېفنى، ئامېرىكىغا دۈشمەن دىكتاتورلار ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بىر رايوندىكى دوست ۋە مۆتىدىل بىر رەھبەر دەپ قارىماقتا. ئۇلار، نازاربايېفنىڭ خەلقئارادا ئۆز ئېتىبارىنى قانداق تىكلەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، قازاقسىتان پرېزىدېنتىنىڭ ھۆكۈمەت ئىچىدىكى چىرىكلىكنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىغا ئىشىندىغانلىقىنى، يېقىندا قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ نازاربايېفنىڭ بۇيرۇقى بىلەن چىرىكلىككە قارشى كەڭ كۆلەملىك بىر ھەرىكەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ۋە ھەرىكەت نەتىجىسىدە نۇرغۇنلىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىمىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، نازاربايېفنى ئاقلاشقا ھەمدە پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئۇنى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلغانلىقىنىڭ توغرا بىر تەشەببۇس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشماقتا.

ئەمما، ئامېرىكىدىكى يەنە نۇرغۇنلىغان سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، قازاقىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە ئوخشاشلا، پرېزىدېنت بۇشنىڭ نازاربايېفنى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نازاربايېفقا ئوخشاش مۇتىدىل ۋە دوست دېكتاتورلارنى ئاقسارايغا تەكلىپ قىلىشى، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ دىكتاتورلارغا قارشى تۇرۇپ، دېموكراتىيىنى تىكلەش توغرىسىدىكى سەمىمىيىتىگە داش چۈشۈرۈپ، بۇ ھەقتىكى پائالىيەت ۋە تىرىشچانلىقىنى بەرباد قىلىدۇ، دېيىشمەكتە. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.