قازاقىستاننىڭ سابىق مىنىستىرى ئالتۇنبېك ئۆلتۈرۈلدى

nazarbayef.jpg
قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف 11-يانۋار ئاستانادا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنتلىققا قايتا ئولتۇرۇش قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا قازاقىستاننىڭ دۆلەت بايرىقىنى سۆيمەكتە. AFP

ئالتۇنبېك سەرسانبايئوغلى، قوغدۇغۇچىسى ۋە شوپۇرىنىڭ جەسىتى ‏13 ‏- فېۋرال كۈنى ئالمۇتا شەھىرىنىڭ سىرتىدىكى بىر يول يېقىنىدا تىپىلغان. سەرسانبايئوغلى قازاقىستاندا ئۈچ ئاي ئىچىدە ئۆلتۈرۈلگەن ئىككىنچى سىياسىي ئۆكتىچى ھېسابلىنىدۇ.

ئۆكتىچىلەر ئۆلتۈرۈلمەكتە

ئۆتكەن يىلى نويابىر ئېيىدا قازاقىستان سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنىڭ يەنە بىر رەھبىرى بولغان زامانبېك نۇرقادىلوف ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئۆلۈك تېپىلغان ئىدى. قازاقىستان ساقچى دائىرىلىرى نۇرقادىلوف ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋالغان بولۇشى مۇمكىن دەپ، يەكۈن چىقارغان ئىدى.

سەرسانبايئوغلىنىڭ جەسىتىنى ۋە باشقا جەسەتلەرنى كۆرگەن قازاقسىتان سىياسىي ئۆكتىچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەر ئۈچىلا كىشى بېشىغا ۋە ئارقىسىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

43 ياشلىق سەرسانبايئوغلى، 2003 ‏- يىلىغىچە پرېزىدېنت نازاربايىفنىڭ ئەڭ يېقىن ئادەملىرىدىن بىرى ھېسابلىناتتى. ئەمما ئۇ 2003‏- يىلدىن كېيىن نازاربايىف بىلەن ھەمكارلىشىشنى توختىتىپ، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ سېپىگە قوشۇلغان.

قازاقىستاندىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنى سەرسانبايئوغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە جىددىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى. شۇنداقلا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئاماندا روجەرس ھارپەر 14 ‏- فېۋرال كۈنى ۋاشىنگتوندا بەرگەن باياناتىدا، سەرسانبايئوغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشنى دەرھال باشلاش كېرەك، دېدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايىف سەرسانبايئوغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە تەزىيە بىلدۈرۈپ، بۇ ۋەقە توغرىسىدا جىددىي بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن قازاقىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى باۋۇر جان مۇھەممەتجانوفنى ۋەزىپىلەندۈرگەن.

سەرسانبايئوغلىنىڭ نېمە ئۈچۈن ۋە كىملەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئەمما قازاقىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر، سەرسانبايئوغلىنىڭ سىياسىي سەۋەبلەردىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە قازاقىستان رازۋېتكا ئىدارىسىنىڭ قولى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئاق يول پارتىيىسى: ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقى يۇقىرىدىن كەلگەن

ئاغىز ئاق يول پارتيىسىنىڭ يەنە بىر رەھبىرى بولغان پولات ئابىلوف، سەرسەنبايئوغلىنى ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنىڭ قازاقىستاندىكى ھاكىمىيەتنىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىدىن كەلگەنلىكىنى بايان قىلىپ، سەرسابايئوغلى ۋە نۇرقادىلوف، قازاقىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ سېپىگە قوشۇلغان سابىق مىنسىتىرلار ئىدى. ئۇلار مىنسىتىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان چاغدا، نازاربايىفغا ئەڭ يېقىن كىشىلەر ھېسابلىناتتى. دېمەك ئۇلار ناھايىتى كۆپ ئىشلاردىن خەۋەردار ئىدى، دېدى.

ئابىلوفنىڭ ئېيتىشىچە، نۇرقادىلوف ۋە سەرسانبايئوغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، بۇرۇن قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىدا ۋەزىپە ئورۇندىغان سىياسەتچىلەرگە، قازاقىستاندىكى ئۆكتىچى ھەرىكەت سېپىگە قوشۇلماسلىق توغرىسىدا بېرىلگەن بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەمدى بۇرۇن ھاكىمىيەتتە ۋەزىپە ئالغانلار قازاقىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر سىپىگە قوشۇلۇشتىن قۇرقىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ سەۋەبتىن ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن.

ئەڭ كۈچلۈك سىياسىي ئۆكتىچى

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، سەرسانبايئوغلى قازاقىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكەت ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك رەھبەر ھېسابلىنىدىكەن.

2003‏- يىلى قازاقىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىڭ سېپىگە قوشۇلغان سەرسانبايئوغلى، 2005 ‏- يىلىدا قازاقىستاندىكى بىر سوت تەرىپىدىن، نازاربايىفنىڭ قىزى دارىگا نازاربايىۋانىڭ باشقۇرۇشىدىكى خەۋەر مەتبۇئات شىركىتىنى ھاقارەتلىگەن دەپ پۇل جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سوت جەريانىدا سەرسانبايئوغلى دارىگا نازاربايۋانىڭ بۇ شىركىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن قانۇنلارنى دەپسەندە قىلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىكەن.

رويتىرېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە قازاقىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر قازاقىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى سەرسانبايئوغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدە قولى بار دەپ ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، ئەمما پرېزىدېنت نازاربايىفنى بىۋاستە تىلغا ئالمىغان. ئۇلار نۆۋەتتە چەتئەلدە تەتىلىنى ئۆتكۈزۈئىۋاتقان نازار بايىفتىن، تەتىلىنى توختىتىپ قازاقىستانغا قايتىپ كېلىپ، سەرسانبايئوغلىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكشۈرۈش ئىشىنى ئۆزى باشقۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانۈ

16 يىلدىن بېرى قازاقىستاندا ھاكىمىيەت يۈزگۈزۈپ كېلىۋاتقان نۇرسۇلتان نازاربايىف، يېقىندا قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا، ئاۋازلارنىڭ 91 پىرسەنتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق قايتىدىن پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلاندى. غەرب دۆلەتلىرى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پېرزىدېنت سايلىمىدا نۇرغۇن ساختىپەزلىكلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)