قازاقىستان پادىشاھلىق دۆلەت بولامدۇ؟


2006.09.06

قازاقىستان مەركىزىي ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەت، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئۆسۈۋاتقانلىقى مەلۇم. بولۇپمۇ، ئۇنىڭ ئېنېرگىيە زاپىسىنىڭ موللۇقى بۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات سۈرىتىنىڭ تېز بولۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېۋ قازاقىستاننى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۇنيا يۈزىدىكى 50 ئىقتىسادىي تەرەققى قىلغان مەملىكەتنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرىمەن دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

راھەت ئېلىيېۋ - جۇمھۇرىيەتتىن سۇلتانلىق ياخشى

ئۆتكەن ھەپتىدە قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېۋنىڭ كۈيئوغلى، يەنى نازاربايېۋنىڭ چوڭ قىزى دارىغانىڭ ئېرى، قازاقىستان مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى راھەت ئېلىيېۋ بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇ مەملىكەتتىكى جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ، ئۇنى پادىشاھلىق تۈزۈمگە ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلدى.

راھەت ئېلىيېۋنىڭ "جۇمھۇرىيەت ۋە ياكى سۇلتانلىقنىڭ قايسىسىنى تاللايمىز؟" ناملىق ماقالىسى قازاقىستاندىكى داڭلىق گېزىتلاردىن بىرى "كارۋان" دا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ دادىللىق بىلەن قازاقىستانغا "سۇلتانلىق" تۈزۈمنى تاللاشنى تەشەببۇس قىلغان. gazeta. ru ئىنتېرنېت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان قازاقىستانلىق ئانالىزچى گېننادىي ساۋچېنكونىڭ ماقالىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، راھەت ئېلىيېۋ ئۆز ماقالىسىدە سۇلتانلىق بىلەن جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ مەنىسى ۋە قازاقىستانغا توغرا كېلىش كەلمەسلىكى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن. ئۇ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ قازاقىستانغا توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى شەرھلەپ، "جۇمھۇرىيەت قازاقلارغا توغرا كەلمەيدىغان غەيرى شەكىل، ئۇ قازاق يايلاقلىرىدا بايراقدار ئىنقىلابچى ۋلادىمىر ئىلئىچ لېنىننىڭ كاللىسى ئارقىلىق مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن" دەپ يەكۈن چىقارغان.

ئۇنىڭ قارىشىچە، 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا رۇسىيە بولشېۋىكلىرى قازاق يايلاقلىرى ئىنقىلاب قوزغاپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى بەرپا قىلمىغان بولسا، بەلكى بۇ جايدا تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قەبىلە-ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدىكى باشقۇرۇش ئەنئەنىلىرى داۋاملىشىۋەرگەن بولار ئىدى. ھەقىقەتەن، تارىخقا نەزەر سالساق، لېنىن باشچىلىقىدىكى رۇس بولشېۋىكىلىرى تۇنجى بولۇپ، مەركىزىي ئاسىيادا قازاق سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ، رۇسىيە فېدېراتسىيىسىگە تەۋە قىلغان، بۇ ئارقىلىق قازاقلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىپ قىلىدىغان "ئالاش ئوردا" پارتىيىسىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ھەمدە قازاقلار ئارىسىدىكى ئەسىرلەردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قەبىلە باشلىقى ھەم سۇلتانلارنىڭ ھوقۇق تۇتۇش ئەنئەنىسىنى يوقىتىپ، قازاق خەلقى ئۈستىدىن كەڭ –كۆلەملىك ئىجتىمائىي ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان ئىدى.

جۇمھۇرىيەت قازاقلارنىڭ ئەنئەنىسىگە توغرا كەلمەيدۇ

راھەت ئېلىيېۋ جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنىڭ قازاقلارغا توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى تارىخىي ۋە مىللىي خاراكتېر ھەم ئەنئەنە نۇقتىلىرىدىن دەلىللەشكە تىرىشقان. ئۇ، مونارخىيە يەنى، پادىشاھلىق تۈزۈمنىڭ قازاقلارغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دەيدۇ. " پادىشاھلىق جۇمھۇرىيەتچىلىكنىڭ ئەكسىچە، قازاقلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق ئەنئەنىسىگە شۇنداقلا دۇنياۋى تەجرىبىلەر بولۇپمۇ ئەنگىلىيە تەجرىبىسىگە ياخشى ماسلىشىدۇ" دەيدۇ.

ئاپتور پادىشاھلىق تۈزۈمنىڭ ئىلغارلىقلىرىنى تەرىپلەپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەنگىلىيە، ئىسپانىيە ۋە باشقا تەرەققى قىلغان پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى مەملىكەتلەرنىڭ تەجرىبىلىرىنى مىسال قىلىدۇ. ئاپتورنىڭ قاراشلىرىغا تايانغاندا، ئەنگىلىيە، ئىسپانىيەلەر ھەتتا ياپونىيەلەرمۇ پادىشاھلىق سىستېمىدىكى مەملىكەتلەر بولۇپ، بۇ تۈزۈم مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، باشقۇرۇش ھەتتا خەلقئارالىق كۈچىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتمىگەن، ئۇنىڭ قارىشىچە، قازاقىستانمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئۇ ماقالىسىدە بولغۇسى قازاق سۇلتانلىقىنىڭ سۇلتانىنىڭ كىم ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچ نېمە دېمىگەن.

سابىق قازاقىستان بىخەتەرلىك ئورگىنىنىڭ رەھبىرى ھېسابلىنىدىغان راھەت ئېلىيېۋنىڭ بۇ ماقالىسى قازاقىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاسلىرىنى قوزغىغان بولۇپ، ۋۋۋ. ئەئۇراسىئا. ئورگ. رۇ دەپ ئاتالغان ئىنتېرنەت سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدىكى مەزمۇنلاردىن قارىغاندا، ئۆكتىچىلەر پرېزىدېنت كۈيئوغلى بولغۇچىنىڭ ماقالىسى پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېۋنى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى بىردىن-بىر پادىشاھقا ئايلاندۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىشكەن.

بۇنداق قەدەملەر بۇرۇنلا باشلانغان

گېننادىي ساۋچېنكونىڭ ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قەدەم ئالدى بىلەن ئازەربەيجاندا باشلانغان بولۇپ، پرېزىدېنت ھەيدەر ئېلىيېۋ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئازەربەيجاننىڭ رەھبىرىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى سەپەر مۇرات نىيازوپمۇ ئۆزىنى " تۈركمەنلەرنىڭ بېشى" دەپ ئاتىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۇ تۈركمەنىستاننىڭ پادىشاھى دېگەنلىك بىلەن ئوخشاش ئىدى.

قازاقىستان ئۆكتىچىلىرى بۇرۇندىنلا نازاربايېۋنى يەنە پرېزىدەنتلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغانلىق بىلەن ئەيىبلىگەن بولۇپ، ئۆكتىچىلەرنىڭ نارازى بولغان تەرىپى، ئۇنىڭ قىزلىرى ۋە كۈي ئوغۇللىرىنىڭ پۈتۈن قازاقىستاننىڭ بىخەتەرلىك، ئاممىۋى ئاخبارات ۋە ئېنېرگىيە ساھەلىرىنى تولۇق كونترول قىلىش ئارقىلىق قازاقىستاننى ئۆزلىرىنىڭ ئائىلىۋى مۈلكىگە ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىدۇر.

ئۆكتىچى رەھبىرى ئالتۇنبېك سارسىنبايېۋ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، نارازىلىق تېخىمۇ كۈچەيدى. قازاقىستاننى بىر سۇلتانلىققا ئايلاندۇرۇش تەكلىپىنىڭ باشقا ئادەتتىكى ئادەمنىڭ ئاغزىدىن ئەمەس بەلكى، پرېزىدېنتنىڭ كۈيئوغلىنىڭ ئازغىدىن چىقىشى قازاقىستاندا يەنە بىر قېتىملىق پىكىر ئىختىلاپلىرى ۋە غۇل-غۇلىلارنى قوزغىغان بولۇپ، بۇ ئۆكتىچىلەرنىڭ تەنقىدلىرىنىڭ كۈچىيىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.