نازاربايېف قازاقىستانغا يېڭى ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەرمۇ؟


2005.12.05

nazarbayef.jpg
5 - دېكابىر كۈنى قازاقىستان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، پرېزىدېنتلىققا قايتا سايلانغان نۇرسۇلتان نازاربايېف قوللىغۇچىلىرى بىلەن. AFP

يەكشەنبە كۈنى قازاقىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ ئۆتتى. بۇ قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى ئۈچىنچى قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمىدۇر.

قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، مەزكۇر سايلامغا سەككىز مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، بۇ پۈتۈن نوپۇسنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

پرېزىدېنت نۇرسۇلتان نازاربايېف نۇتۇق سۆزلەپ، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ناھايىتى ئادىل، ئوچۇق-ئاشكارا ۋە دېموكراتىك كەيپىياتتا ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى كۆرسەتكەن، ئەمما نازاربايېفنىڭ رىقابەتچىلىرى باشقىچە كۆز قاراشتا بولۇپ، ئۇلار مەزكۇر سايلامنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە چۈشمەيدىغانلىقى، پرېزىدېنتنىڭ بارلىق ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ئۆز نامزىتىنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئىشلەتكەنلىكىنى، باشقا نامزاتلارغا توسالغۇلۇقلار پەيدا قىلىنغانلىقىدەك سايلام قائىدىسىگە خىلاپ ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

خەلق نازاربايېۋتىن ئۈمىد كۈتمەكتە

پرېزىدېنت نازاربايېف بۇ قېتىم يەنە يەتتە يىللىق مۆھلەت بىلەن قازاقىستان پرېزىدېنتى بولۇپ قايتا سايلانغاندىن كېيىن، قازاقىستاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى يىللار ئىچىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئۆزگىرىشلىرى ھەققىدە تۈرلۈك ئىنكاسلار داۋاملاشماقتا.

بۇ ئىنكاسلارنىڭ ئاساسلىقى، قازاقىستاندا يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان دېموكراتىك ئىسلاھاتلار، ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تەرەققىيات ۋە خەلقنىڭ ئىجتىمائىي پاراۋانلىقى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ تاشقى سىياسىي ئىستراتېگىيىسى ھەم باشقىلاردۇر.

قازاقىستان مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ كافېدرا باشلىقى پروفېسسور شېرىپجان نادىروپنىڭ ئېيتىشىچە، نازاربايېفنىڭ بۇ قېتىمقى سايلامدا 90 % تىن يۇقىرى ئاۋاز بىلەن رىقابەتچىلىرىنى ئۇتۇپ چىقىشى خەلقنىڭ يەنىلا ئۇنىڭدىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى، ئۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرى داۋاملىق تۈردە مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ياخشىلاپ، قازاقىستاننى ئىقتىسادىي ھەم باشقا جەھەتلەردىن دۇنيادىكى ئىلغار دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈش ۋەدىلىرىنى بەرگەن بولۇپ، خەلق ئۇنىڭ بۇ ۋەدىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرمەكچى بولسا كېرەك.

ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، قازاقىستاندا ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىلگىرىلەشلەر بولۇۋاتىدۇ، قازاقىستاننىڭ ئىقتىسادىي كۈچى، باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلەردىن ئون ھەسسە ئۈستۈندۇر؛ قازاقىستان ھازىر پەقەت نېفىت ۋە تەبىئىي بايلىقلىرىنى سېتىپ ئۆز ئىگىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرماقتا، پرېزىدېنت بىر قانچە يىللار ئىچىدە قازاقىستاننى دۇنيادىكى 50 باي دۆلەتنىڭ بىرى قىلىمەن دېگەن.

قازاقىستان كۆپ قۇتۇپلۇق تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈشى مۇمكىن

دوكتور شېرىپجان نادىروپ نازاربايېفنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى پرەزىدېنتلىق مۆھلىتى جەريانىدا ئىچكى-تاشقى سىياسەت جەھەتتە مەلۇم ئۆزگىرىشلەر ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن ئىكەنلىكى، بەلكى ئۇنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق تاشقى سىياسەت يۈرگۈزۈشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، قازاقىستان پەقەت ئامېرىكا ياكى خىتاي ۋە ياكى رۇسىيە بىلەنلا ئايرىم يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتسا خاتالىشىدۇ، شۇڭا ئۇ بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت قۇرۇشى كېرەك.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە خاس ئۈمىدى بار

رەسمى نوپۇس ستاتىستىكىسى بويىچە 300 مىڭدىن ئارتۇق دەپ قارىلىۋاتقان قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى قازاقىستاننىڭ پۇقرالىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن پرېزىدېنت سايلىمىغا قاتناشتى، ئەلۋەتتە، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە ئۆزىگە خاس مەسىلىلىرىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا ۋەتىنىنىڭ دېموكراتىك ھاياتى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قازاقىستان ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە چەك قويۇپ كەلگەن ئىدى، ئالمۇتىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىسى، سىياسىيون قەھرىمان غوجەمبەردى ئەپەندى ئۆزىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ پرېزىدېنتتىن بۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسىلىدە ياخشىلاش ئېلىپ بېرىشنى كۈتىدىغانلىقىنى، ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتىدا ئۆزگىرىش بولۇشىنىڭ قىيىنلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، قازاقىستاندا يېقىن كەلگۈسىدە دېموكراتىك ئىسلاھات بولمايدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتى بولۇپمۇ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئۆزگىرىش بولۇشى ناتايىن،چۈنكى ئۇ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانلىقى ۋە رۇسىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە ئىكەنلىكى تۈپەيلىدىن مۇستەقىل تاشقى سىياسەت يۈرگۈزەلمەيدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بولۇپمۇ ، ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى چەكلەنگىنى چەكلەنگەن.

ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ھوقۇقلىرىنىڭ ياخشىلىنىشى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دېموكراتىيىگە باغلىق

ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئەگەردە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان ، تاجىكىستان ۋە باشقا جۇمھۇرىيەتلىرىدىمۇ خۇددى قىرغىزىستاندىكىدەك دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ، دېموكراتىيە ئەمەلگە ئاشسا، ئۇ چاغدا قازاقىستانمۇ شۇ يولغا مېڭىشى تەبىئىي، ئەگەر قازاقىستان دېموكراتىك بولسا، ئۇ چاغدا ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ھوقۇقلىرىمدىمۇ ياخشىلىنىشلار بولۇشى مۇمكىن.

قازاقىستاندىكى پرېزىدېنت سايلىمىغا خەلقئارا كۆزىتىش تەشكىلاتلىرىنىڭ 1600 دىن ئارتۇق ئادىمى كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشقان بولۇپ، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەزكۇر سايلامنىڭ يەنىلا خەلقئارا دېموكراتىك سايلام ئۆلچەملىرىگە لايىق ئەمەسلىكىنى كۆرسەتكەن.

كۆپىنچە كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، قازاقىستاندا ھازىرچە خۇددىي، ئۇكرائىنىيە، گرۇزىيە ۋە قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەندەك رەڭلىك ئىنقىلابلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، بۇ پەقەت نازاربايېفنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىچكى سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.