ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دېموكراتىك مەركىزى - قىرغىزىستان


2007.04.17

kyrgyz200-1.jpg
قىرغىزىستان، بىشكەكتىكى ھوكۇمەتكە كارشى نامايىشچىلار، 2007-يىلى 11-ئاپرىل، بىشكەك. AFP PHOTO / VAYCHESLAV OSELEDKO / central Bishkek, 11 April 2007

قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇننى ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرى يەتتىنچى كۈنگە كىردى. ئۆكتىچىلەر پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ، 19-ئاپرىل كۈنى بۇ نامايىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرىدىغانلىقىنى ھەتتا 100 مىڭلىغان ئادەمنىڭ نامايىشقا ئىشتىراك قىلىشى مۇمكىنلىكىنى جاكارلىدى.

پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، 17-ئاپرىل كۈنى نامايىشنى تەشكىللەۋاتقان " قىرغىزىستاننىڭ پەخىرلىك كېلەچىكى ئۈچۈن" ۋە " ئىسلاھات ئۈچۈن" دەپ ئاتالغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرلەشمە فرونتى بىشكەك ئاھالىلىرىغا مۇراجەتنامە ئېلان قىلىپ، ئاھالىلارنى خاتىرجەم بولۇشقا شۇنىڭدەك نامايىشنى قوللاشقا دەۋەت قىلدى.

ئاچلىق ئېلان قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نامايىشلار گەرچە بىر ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان، ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا قوپاللىق قىلىش ھەمدە بىر نەپەر نامايىشچىنىڭ نامەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن ئۆلۈش ئەھۋالى كېلىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي يۈزلۈك قالايمىقانچىلىق ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى سادىر بولمىغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئەركىن مەتبۇئاتلاردا بىشكەكتىكى بۇ نامايىشنىڭ ئۆكتىچى رەھبەرلەر تەرىپىدىن ماددىي ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق تەشكىللەنگەنلىكى ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلار بېرىلگەندىن سىرت بۇنىڭ قانداقتۇر دېموكراتىيە بايرىقى كۆتۈرۈلگەن ھوقۇق كۈرىشى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەرمۇ ئېلان قىلىنغان. ئۇنداقتا؟ ھەقىقەتەن بىشكەكتىكى بۇ نامايىشلار دېموكراتىك جەريانلار بىلەن مۇناسىۋەتسىزمۇ؟

بىر سەپتىكى ئۆكتىچىلەر قايتا بۆلۈندى

مەلۇمكى، قىرغىزىستان 2005-يىلىدىكى مارت نامايىشلىرى نەتىجىسىدە سابىق پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېف ھاكىمىيىتى يىقىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆكتىچىلەر ھاكىمىيەتنى ئىگىلەش باسقۇچىغا كىردى. ئۆكتىچىلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى دېموكراتىك ئىنقىلاب ئاتىغان بولسا، چەتئەل مەتبۇئاتلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلىرى بۇنى ئۇكرائىنىيە ۋە گرۇزىيىدە يۈز بەرگەن "رەڭلىك ئىنقىلاب"نىڭ داۋامى دەپ قاراپ، " لالە ئىنقىلابى" دەپ ئاتىدىغان ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن ئۆكتىچىلەر قىرغىزىستاننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇپ، خەلقنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقلىرىنى ئىزچىل تۈردە جاكارلاپ كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن دۆلەتتىكى مۇقىمسىزلىق يەنىلا داۋاملاشتى ۋە يېڭى ئۆكتىچىلىك ھەرىكىتى باشلاندى. قىسقىسى، بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى ئۆكتىچى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىپ، ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرگەنلەرنىڭ بىر قىسىمى قايتىدىن ئۆزلىرى سايلىغان پرېزىدېنتقا قارشى ئۆكتىچىلەر سېپىغا قوشۇلدى. بۇ بىر قاتار ئەھۋاللارنىڭ خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك يەنە بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرىدىن گۇمانلىنىش خائىشلىرىنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. قىرغىزىستاننىڭ ئامېرىكا ۋە كانادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى زەمىرە سىدىقوۋا ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بىشكەكتە داۋاملىشىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ خاراكتېرى ھەققىدىكى قارىشىنى ۋە باھاسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،" ھاكىمىيەت قاتلىمىدا شەكىللەنگەن كۈچلەر ۋەزىيەتنى تەرتىپكە سېلىش ئۈچۈن ئىنقىلابتىن كېيىن ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك ئىدى. بىراق، بۇ قىيىن بىر جەرياندۇر، چۈنكى ئىنقىلاب كۈنلىرىدە بىر سەپتە تۇرغان بىراق، كېيىنچە ئۆز يولىدىن كەتكەن ھەر بىر سىياسىي گۇرۇھ دۆلەت باشقۇرۇش ھەم سىياسىي مەيدان ھەققىدە ئۆزىگە خاس كۆز قاراشلارغا ئىگە" دەيدۇ شۇنىڭدەك يەنە ئىسلاھاتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پەقەت ئىنقىلابلا كېرەك ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ.

قىرغىزىستاندىكى ھەرىكەتلەر دېموكراتىك جەرياننىڭ ئىپادىسى

kyrgyz150.jpg
قىرغىزىستان، بىشكەكتىكى ھوكۇمەتكە كارشى نامايىشچىلار، 2007-يىلى 14-ئاپرىل، بىشكەك. AFP PHOTO / VAYCHESLAV OSELEDKO / central Bishkek, 14 April 2007

قىرغىزىستانلىق سىياسىي پائالىيەتچى ئەدىل بايسالوۋ بولسا، قىرغىزىستاندا بولۇۋاتقان ھەرىكەتلەرنىڭ ھەقىقەتەن دېموكراتىك بىر جەريان ئىكەنلىكىگە تەبىر بېرىپ، مەزكۇر ۋەقەلەرنىڭ بىر باشلانغۇچ دېموكراتىك جەمىيەت ئۈچۈن نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكى شۇنىڭدەك بۇ ئۆكتىچىلىك ھەرىكىتىنىڭ تېخى دېموكراتىك سىناق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ئۈچۈن بەزىبىر خاتالىقلارنىڭ سادىر بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇ، بۇ جەرياندا ھەر قانداق زوراۋانلىق قىلمىشلارغا يول قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن ۋە داۋاملىشىۋاتقان ئۆكتىچىلىك ھەرىكىتىنى ئۇكرائىنىيىدىكى رەڭلىك ئىنقىلاب بىلەن سېلىشتۇرغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئانالىزچىسى ئەكرەم ئاسراروفنىڭ " "گازېتا.كز" ناملىق ئىنتېرنەت سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك جەريانلارغا بېغىشلىغان ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، قىرغىزىستان جەمىيىتى ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن يىلىدىكى "لالە ئىنقىلابى"دا ۋە ھازىرقى ھەرىكەتلەردە خۇددىي ئۇكرائىنىيىدىكىگە ئوخشاش قاتتىق توقۇنۇشلار، قان تۆكۈلۈشلەر كېلىپ چىقمىدى، ئۆكتىچى- نامايىشچىلار تىنچلىق بىلەن پرېزىدېنتنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى تارايتىپ، پارلامېنتنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىشنى شۇنىڭدەك ئاساسىي قانۇننى ئىجرا قىلىش تەلىپىنى داۋاملاشتۇردى. قىرغىزىستاندىكى بۇ ھەرىكەتلەر دېموكراتىك جەرياندىن ئىبارەت بولسىمۇ، لېكىن بۇ غەربتىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقلىقتۇر.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئۇكرائىنىيىدىكى رەڭلىك ئىنقىلاب رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى -تاشقى سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىش رولىنى ئوينىغان بولسا، قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەر پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا جۈملىدىن ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئۆزبېكىستان، قازاقىستان، تاجىكىستان ھەمدە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرگە تەسىر قىلماي قالمايدۇ. شۇڭا، قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەت خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققەت نەزىرىدە مۇھىم سالماقنى ئىگىلەيدۇ. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.