كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى، كۆڭۈلسىزلىكلەرگە سەۋەب بولماقتا

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى تور بېتىدە 31 - يانۋار بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەخسۇس تەشكىللىشى بىلەن، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە كادىرلارنىڭ قىمار ئوينىشىغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغان بولۇپ، ئاممىنىڭ جەمىيەتتىكى قىمار ئوينىغانلار ئۈستىدىن مەخسۇس پاش قىلىش تېلېفونىمۇ تەسىس قىلىنغان.

ئۈرۈمچىدە جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىمار ئويناشقا قارشى بۇ ھەرىكەتتە، ھۆكۈمەت توردا قىمار ئويناش، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا قىمار ئويناش، ئائىلىلەردە قىمار سورۇنى تەشكىللەشكە ئوخشاش ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان ئىكەن.

كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى قىمار سورۇنلىرىغا ئايلانماقتا

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى يېقىندا تۇيۇقسىز ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدە، 400 دىن ئارتۇق شاخمات ئويۇنلىرى سورۇنلىرىدىن قىمار تەشكىللىگۈچىدىن 19 كىشىنى، قىمار ئوينىغۇچىدىن 461 ئادەمنى تۇتقان، ھەمدە قىمار ئويناشقا ئىشلەتكەن 66 توپ ماجاڭ ۋە باشقا قىمار ۋاسىتىلىرىنى يىغىۋالغان.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە ئاممىنىڭ قىمارۋازلىقنىڭ ئومۇملىشىۋاتقانلىقىغا بولغان نارازىلىق پىكىرلىرى ناھايىتى كۆپەيگەن. بولۇپمۇ خىتايلارنىڭ قەدىمى شاخمات ئويۇنلىرىدىن ماجاڭ ئويۇنىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئومۇمىلىشىشى ھەتتا ئۇيغۇرلاردىمۇ ئومۇملىشىشى خېلى ئېغىر بىر مەسىلە بولۇپ، بۇ خىل كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى جەمىيەت ۋە ئائىلىلەردە نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ يىلتىزىغا ئايلانغان.

ئۈرۈمچىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر مەمۇرىي كادىر، ئۆزىنىڭشمۇ بۇرۇن ئىشخانىدىكىلەرنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ماجاڭغا كىرىشىپ قالغانلىقىنى، كېيىن شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئائىلە تۇرمۇشىنىڭمۇ بۇزۇلىشى بىلەن، ھازىر ئۇنى ئويناشتىن قول ئۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇرۇن ئوينايدىغانلار بەك جىقتى ھازىر ئازلاپ قالدى دىدى.

بەختلىك ئائىلىلەر ماجاڭ مەستانىلىقىنىڭ قۇربانى بولماقتا

ئەمما ئۈرۈمچىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايال، "ئۇيغۇر ئېلىدە خېروئىن، ئەيدىز دېگەندەك ھەممە ئادەمنىڭ ئاغزىغا چىقىدىغان ئېغىر مەسىلىلەردىن باشقا، ماجاڭ، قىمار ئويناشمۇ ئۇيغۇر ياشلىرى، ئوتتۇرا ياش كىشىلىرىمىزدە ھەتتا زىيالىلىرىمىزدا ئومۇملىشىپ، ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلىشىغا، ئىختىساسلىق ئادەملەرنىڭ كەسپ ھەم خىزمەتلىرىدىن ئايرىلىشىغا ھەتتا جىنايەت ئۆتكۈزىشىگە سەۋەب بولىۋاتقانلىقىنى، جەمىيەت خاراكتېرلىك مۇشۇ مەسىلىنىڭمۇ، ئاخبارات، ۋە قانۇن ئورگانلىرىنىڭ دېققىتىنى تارتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۈر پىكىرگە ئاساسەن بىز ئۈرۈمچى ئاھالىلىرى ۋە بىر قىسىم ئورگانلاردىن ماجاڭ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ۋاستىلەر بىلەن قىمار ئويناش مەسىلىسىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىگىلەشكە تىرىشتۇق. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۈپەت تەكشۈرۈش ئىدارىسىدىن 38 ياشتىكى بىر ئۇيغۇر ئايال، 40 ياشلار قارىسىنى ئالغان يولدىشىنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان ماجاڭ ئويۇنىغا كىرىشىپ قالغانلىقى، كېچە - كېچە ئۆيگە كىرمەيدىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن قەرزدارمۇ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئېيتىپ ھەسرەتلىك ياشلىرىنى تۆكتى. بىز ئۇنىڭدىن بىرەر چارە تېپىپ يولدىشىڭىزنى ماجاڭ ئويناشتىن توختاتمىدىڭىزمۇ دەپ سورىدۇق. ئۇ ئايال "سۆزلەپمۇ، يىغلاپمۇ ھىچ گەپ ئاڭلىتالمىدىم، جەمىيەتتە ھازىر بىرىنىڭ يولدىشى زەھەرلىك چېكىملىك چېكىۋالغان يا بولمىسا پاھىشىۋازلىق قىلىپ ئويىنى بۇزغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارغا يولۇققاندىن ماجاڭ ئوينىسا تىنچراق دەپمۇ ئۆزەمگە تەسەللى بېرىدىغان بولدۇم" دىدى.

قانۇنغا خىلاپمۇ؟

ھەمدە يەنە "ھۆكۈمەت ھازىر قىمار ئويناشنى چەكلىگىنى بىلەن ماجاڭ ئويناشنى قانۇنغا خىلاپ دېمىگەندىن كېيىن ئۇلارنى يەنىلا توسىغىلى بولمايۋاتىدۇ" دىدى.

ئېغىر جەمىيەت مەسىلىسى پەقەت ئائىلە مەسىلىسى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنماقتا بىز يۇقارقى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە تېلىفون ئۇلىدۇق، تېلېفون ئالغان ساقچىدىن سورودۇق:

- نۆۋەتتە قىمار ئويناشقا قارشى ھەركەت ئېلىپ بېرىۋېتىپسىلەر، ماجاڭ ئويناشمۇ سىلەرنىڭ زەربە بېرىش دائىرەڭلەرگە كىرەمدۇ ؟

- شۇنداق قىمارۋازلىققا قارشى، كەڭ كۆلەمدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. لېكىن ماجاڭغا ئوخشاش كۆڭۈل ئېچىش ئويۇنلىرى ئۇنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ.

- ئاممىنىڭ پىكرىگە قارىغاندا جەمىيەتتە ماجاڭ ئويناپ كېچە - كېچە ئۆيىگە كىرمەيدىغان، خىزمىتىگە جەمىيەت تىنىچلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللار بەك ئېغىر ئىكەن، بۇ جەمىيەت مەسىلىسىگە قارىتا بىرەر تەدبىر قوللانمامسىلەر ؟

- ماجاڭ دىگەن ئۇ بىر ئويۇن، ئەگەر ئۇ قىمار خاراكتېرىنى ئالغان بولسا ئۇنى تۇتىمىز، ئەگەر ئۆزلىرى ئۆيدە ئوينىسا ئۇنىڭغا ئامال يوق، ئەگەر بەكلا كىرىشىپ قالسا ئۇ دىگەن شۇ ئائىلىنىڭ ئىشى ئۆزلىرى تەربىيە قىلسا بولىدۇ.

ئىگىللىشىمىزگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچىگە ئوخشاش چوڭ شەھەرلىرىدە 25 ياشتىن 50 ياشلارغىچە بولغان ئۇيغۇر ئەرلەر ئارىسىدا قىمار خاراكتېرىنى ئالمىغان تەقدىردىمۇ ماجاڭغا ئوخشاش ئويۇنلارغا زىيادە مەستانە بولۇپ كەتكەنلەرمۇ ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا كۆپ ساندىكىلىرى دۆلەت كادىرلىرى ھەمدە زىيالىلار ئىكەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ قىمارۋازلىققا قارشى تۇرۇش بىلەن ماجاڭغا ئوخشاش ئويۇنلارغا پەرقلىق يول تۇتىشى، تېخىمۇ كۆپ زىيالى كىشىلەرنىڭ بۇ خىل ساغلام بولمىغان ئويۇنلارغا كىرىشىپ، ئائىلە ۋە خىزمەتلىرىدىن ۋاز كېچىشىگە يول ئېچىپ بەرمەكتە، دەپ قارىماقتا. (گۈلچېھرە)