قىرغىزىستان پارلامېنتىدىكى سايلامنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى
2007.12.17
يەكشەنبە كۈنى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامىنت سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ ئاقجول پارتىيىسى، ئاۋازلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق پارلامېنتتىكى 90 ئورۇننىڭ ھەممىسىگە ئىگە بولغان.
چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا سايلام ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر
سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئاقجول پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت سايلىمىدىكى غەلىبىسى، دېموكراتىيە ۋە سىياسىي كۆپ تەرەپلىمىلىك ئۈچۈن چوڭ بىر زەربە ھېسابلىنىدىكەن. چۈنكى قىرغىزىستان يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامىنت سايلامغا قەدەر، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي جەھەتتىن ئەڭ دېموكراتىك ۋە پارلامىنتىدا كۈچلۈك بىر سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكەت مەۋجۇت بولغان بىر دۆلەت ھېسابلىناتتى. پارلامىنت سايلىمىدا پرېزىدېنتى باقيېفنىڭ ئاقجول پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك قولغا كەلتۈرۈشى، قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچى پارتىيىلەرنى پارلامىنت سىرتىدا قالدۇرۇپ قويدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستاندا يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سايلام سابىق سوۋىت جۇمھۇرىيەتلىرىدە دېموكراتىيىنىڭ ئاجىزلاۋاتقانلىقىنىڭ يەنە بىر بىشارىتى ھېسابلىنىدىكەن.
ئۆتكەن ئاي گروزىيە ھۆكۈمىتى، سىياسىي ئۆكتىچى پارتىيىلەر نىڭ بىر نارازىلىق نامايىشىنى باستۇردى ھەمدە مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە چەكلىمىلەر قويدى. شۇنىڭدەك رۇسىيىدىكى سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكەت، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى، 2- دېكابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامىنت سايلىمىدا، پرېزىدېنت پۇتىننى قوللىغان پارتىيىگە ئاۋاز بېرىشى ئۈچۈن پۇقرالارغا بېسىم ئىشلەتتى دەپ، ئەيىبلىمەكتە. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، پارلامىنت سايلىمىدا، رۇسىيىدىكى پۈتۈن سىياسىي ئۆكتىچى پارتىيىلەر پارلامېنتتىكى ئورنىنى يوقاتتى.
قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچى پارتىيىلەر، قىرغىزىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى، سايلامدا ھېلە ئىشلەتتى دەپ، ئەيىبلىمەكتە. شۇنداقلا سايلام كۆزەتكۈچىلىرى، ئاۋازلارنىڭ ئۇسۇلغا مۇۋاپىق ھېسابلانمىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە. بۇنىڭدىن سىرت، ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى سايلام نازارەتچىلىرى، سايلامنىڭ ئېلىپ بېرىلىش ئۇسۇلىنى تەنقىد قىلدى.
قىرغىزىستان سايلام كومتېتى ۋە ئانالىزچىلارنىڭ قاراشلىرى
قىرغىزىستان سايلام كومىتېتى، يەكشەنبە كۈنىدىكى سايلامدا ئاۋازلارنىڭ %48 نى قولغا كەلتۈرگەن ئاقجول پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتقا كىرىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان، ئۇمۇمىي ئاۋازلارنىڭ %5 نى قولغا كەلتۈرۈش شەرتىنى ئورۇندىيالىغان ۋە رايونلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان 0.5 پىرسەنتلىك توساقتىن ئۆتەلىگەن بىر دىن بىر پارتىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گەرچە ئاتا-ماكان پارتىيىسى سايلامدا ئۇمۇمىي ئاۋازلارنىڭ 9.2 پىرسەنتىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدا، يېقىندا ئۆزگەرتىلگەن سايلام قانۇنىدا رايونلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان 0.5 پىرسەنتلىك توساقتىن ئۆتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، پارلامېنتقا كىرەلمىگەن.
قىرغىزىستاننىڭ مەۋجۇت سايلام قانۇنىنى قاتتىق تەنقىد قىلىۋاتقان بەزى ئانالىزچىلار، ئۆكتەبىر ئېيىدا، قىرغىزىستان سايلام قانۇنىغا كىرگۈزۈلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ، ئۆكتىچى سىياسىي پارتىيىلەرنى پارلامېنتتىن چىقىرىۋېتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، بىلدۈرمەكتە.
نۇرغۇنلىغان سىياسىي ئانالىزچىلار، قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامىنت سايلىمىدا، ئۆكتىچى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ پارلامېنتقا كىرەلمىگەنلىكى، ئۇزۇندىن بېرى ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشلىرىغا سەھنە بولۇۋاتقان بۇ دۆلەتتە، مەۋجۇت سىياسىي كېرىزىسنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سايلامدىن كېيىن، توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىپ قىلىش ئېھىتماللىقى بارلىقىنى سەزگەن پرېزىدېنت باقىيېفنىڭ ئاقجول پارتىيىسى، يەكشەنبە كۈنىدىكى سايلامدىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن، سايلام قانۇنىدىكى رايونلار ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان 0.5 پىرسەنتلىك توساقنى بىكار قىلىشى ئۈچۈن قىرغىزىستان ئالىي سوتىغا ئەرز سۇنغان ئىدى. ئالىي سوت سەيشەنبە كۈنى بۇ مەسىلە ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىكەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پەرھات ھاجى قىرغىزىستان ئالى كېڭىشىگە نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى
- رۇسىيىە پارلامېنت سايلىمىدا پۇتىننىڭ پارتىيىسى غەلىبە قىلدى
- قىرغىزىستان "ۋەتەن" پارتىيىسى ئىتتىپاق جەمئىيىتى بىلەن ئۇچراشتى
- قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرىنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى كۆپەيمەكتە
- قىرغىزىستاندا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى
- قىرغىزىستان ساقچىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 83 يىللىقى خاتىرلەندى
- ئۇيغۇر ئايبېك پولاتوف قىرغىزىستان پارلامېنتى يۇقىرى پالاتاسىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى
- قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى دىلمۇرات ئەكبەروفنى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىدى
- قىرغىزىستاندا، ھازىرقى پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېۋنى قوللايدىغان ئاقجۇل پارتىيىسى قۇرۇلدى
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىدىن ئەندىشە قىلىدۇ
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قەغەز يولۋاسمۇ ؟
- قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى سايلامغا تەييارلىق قىلماقتا