قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيە ‏- گۇرۇھلار سايلامدا ئادالەتسىزلىك كۆرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى


2007.12.25

ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن قىرغىزىستان پارلامېنت سايلىمىدا پرېزىدېنت قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ ئاقجول پارتىيىسى غەلىبە قىلىپ، پارلامېنتتىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئورۇننى ئىگىلىگەن ئىدى. لېكىن ئۆكتىچى پارتىيە گۇرۇھلار ۋە دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى سايلامدا ئادالەتسىزلىك قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سايلام نەتىجىسىگە ئېتىراز بىلدۈرمەكتە.

ئۆكتىچىلەر دۈشەنبە كۈنى بېشكەك شەھىرىدىكى گورك باغچىسىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، سايلام نەتىجىسىگە قارشى تۇردى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، بېشكەكتىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ سايلامدىن كېيىنكى ۋەزىيەت توغرىسىدا بەرگەن مەلۇماتىنى ئاڭلايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.