قىرغىزىستان پارلامېنتى جىنايەتچىلەرگە تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى

0:00 / 0:00

قىرغىزىستان ئالى كېڭەش پارلامېنتى يىغىن چاقىرىپ، دۆلەت ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىق دىلولىرى ۋە مىللىي بىخەتەرلىك ئىدارىسى باشلىقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىدى.

قىرغىزىستان ئۆلەتلىك تەنھەرىكەتچى راھەتبېكنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك دىلولاردا قىرغىزىستان مىللى بىخەتەرلىك ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ قولى بارلىقى ئېنىقلانغاندىن كېيىن، گەرچە بىر قىسىم جىنايەتچىلەر قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ، بىخەتەرلىك ئىدارىسى مەسئۇللىرى ئۇلارنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان.

بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.