قىرغىزىستاندا رادىئو ئاڭلىتىشىنىڭ باشلانغانلىقىغا 75 يىل توشقان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىرغىزىستان رادىئو – تېلېۋىزىيە كومىتېتى مەخسۇس خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
قىرغىزىستان رادىئوسىدا قىرغىز، رۇس تىللىرىدا ئاڭلىتىش بېرىلگەندىن باشقان يەنە ئون نەچچە يىللاردىن بۇيان تەڭرىتاغ سادالىرى دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇر تىلىدا ھەم تۇڭگان تىلىدا ھەپتىگە بىر سائەتتىن ئاڭلىتىش بېرىلىدۇ.
قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى مەزكۇر ئۇيغۇرچە پروگرامما ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھەم جۇمھۇرىيەتنىڭ يېڭى ئەھۋاللىرىدىن خەۋەر تاپىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇر تىلىدىمۇ ئايدا بىر قېتىم 30 مىنۇت تېلېۋىزىيە پروگراممىسى بېرىشمۇ يولغا قويۇلغان ئىدى. لېكىن، ھۆكۈمەت سىتاتىسىتىكىسى بويىچە سانى 50 مىڭ دەپ قارىلىتىۋاتقان قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ رادىئو – تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىغا بولغان ئېھتىياجىنىڭ زور ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.