قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېگ باقىيېۋ دۈشەنبە كۈنى ئۆكتىچى گۇرۇھلارنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دۈشەنبە كۈنى ئۆكتىچى گۇرۇھلار بېشكەك شەھىرىدىكى مەركىزى چوڭ مەيداندا ئېلىپ بېرىۋاتقان نامايىش 5 - كۈنىگە كىردى.
بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 10 مىڭ كىشىلىك نامايىشچىلار قوشۇنى باقىيېۋنىڭ ئىشخانىسى ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزگەن شۇنداقلا قىرغىزىستان پارلامېنتىدىكى 31 نەپەر ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسى باقىيېۋنىڭ ئاساسى قانۇن ئىسلاھات لايىھىسىنى مۇۋاپىقيەتلىك ھالدا توساپ قالغاندىن كېيىن، پرېزىدېنت باقىيېۋ ئۆكتىچىلەرنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلغان.
ئۆكتىچى رەھبەرلەرنىڭ بىرى ئازىمبېگ بەكنەزاروۋنىڭ ئەسكەرتىشىچە، باقىيېۋنىڭ ئىسلاھات لايىھىسىدە پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقى كېڭەيتىلمىگەن. لېكىن ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسى ئۆمۈربېگ بابانوۋ، نامايىشنىڭ باقىيېۋ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگۈچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
نامايىشچىلار، باقىيېۋنىڭ پرېزىدېنت ھوقۇقىنى قىسقارتىش، پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتكە تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق بېرىش توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى ئورۇندىمىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە. خەۋەرلەرگە قارىغاندا باقىيېۋنى پرېزىدېنت ئىشخانىسى ئاق ئۆينى قوغداۋاتقان بەزى ساقچىلار نامايىشچىلار تەرەپكە ئۆتۇپ، "خەلق بىلەن قارشىلاشمايدىغانلىقىنى" ئىپادىلىگەن. باقىيېۋ، ئۆكتىچىلەر رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.
كۆرۈشۈشتىن كېيىن ئۆكتىچى كۈچلەر رەھبىرى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ، باقىيېۋنىڭ ئاساسى قانۇن ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش، يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇش، دۆلەت تېلېۋىزىيىسىنى ئاممىۋى قانالغا ئايلاندۇرۇش، ئىچكىرى ئىشلار مىنىستىرى ئوسمانئالى گۇرونوۋ، باش تەپتىش كامبارئالى كونگانتىيېۋلارنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشقا ماقۇل بولغانلىقىنى جاكارلىدى. (ئەركىن)