سابىق قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئۆكتىچىگە ئايلاندى


2007.02.15

يېقىندا قىرغىزىستان باش مىنىستىرى فېلىكىس قۇلوپ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ، يېڭى باش مىنىستىر ۋەزىپىگە ئولتۇردى. قىرغىزىستان ھۆكۈمەت قاتلىمىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.

يېڭى ئۇچۇرلاردىن قارىغاندا، سابىق باش مىنىستىر قۇلوپ، بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆكتىچىلەر سېپىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قۇلوپ سابىق پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېۋ دەۋرىدىلا ئۆكتىچىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن،تۈرمىگە تاشلانغان، ئۇ ئالدىنقى يىلىدىكى مارت رەڭلىك ئىنقىلابىدا تۈرمىدىن بوشۇتۇلغان ۋە كېيىن باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئىدى. بۇ ھەقتە قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.