قىرغىزىستان پرېزىدېنتى باقىيىف يېڭى باش مىنىستىرىنى تەيىنلىدى


2007.03.29

قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ئازىم ئىسابېكوف پەيشەنبە كۈنى سەھەردە ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى. تېخى ئىككى ئاي بۇرۇن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن ئىساقبېكوفنىڭ ئىستىپاسىنى دەرھال قوبۇل قىلغان قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيىف، سىياسىي ئۆكتىچى ۋە قىرغىزىستان سوتىسىيال دېموكرات پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئالماس ئاتامبايىفنى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گەرچە پرېزىدېنت باقىيف قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكەت بىلەن مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق سىياسىي ئىتتىپاقدىشى بولغان ئىساقبېكوفنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ ئاتامبايىفنى باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكەتنى رازى قىلالمىغان. ئەكسىچە، قىرغىزىستاندىكى سىياسىي ئۆكتىچى ھەرىكەتنىڭ رادىكال قانىتىنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرگەن.

رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىزىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان سابىق قىرغىزىستان باش مىنىستىرى فىلىكس قولۇفنىڭ باياناتچىسى ئازامات قالمان، بىزنىڭ مەيدانىمىز ئېنىق. بىز پىلانىمىزنى ئۆزگەرتمەيمىز. بىزنىڭ مەقسىدىمىز باقىيىفنىڭ ئىستپا بېرىشى ۋە قىرغىزىستاندا پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈشتۇر. ئاتامبايىفنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنلىكى پرېزىدېنتقا ئىشەنگىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى، دېگەن.

قىرغىزىستان ئاتا-ماكان پارتىيىسىنىڭ رەئىسى كازىمبېك راھىمقۇلئوغلۇ ئاتامبايىفنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنلىكىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، پرېزىدېنت باقىيىفنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى، ئۇنىڭ پرېزىدېنتلىقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسىمى دەپ، كۆرسەتتى. كازىمبېك بېشكەكتە بەرگەن باياناتىدا "پرېزىدېنت خەلقنىڭ دەردىگە چارە تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، ھاكىمىيەت بېشىدا قىلىش ئۈچۈن ئاتامبايىفنى باش مىنستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىگەن. بىزچە ئاساسىي قانۇننى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، يېڭىدىن پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىش كېرەك. بۇندىن باشقا ھېچقانداق تەدبىرنى قوبۇل قىلمايمىز" دېگەن.

قىرغىزىستاندا 2005‏- يىلى مارت ئېيىدا يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، ۋاقتىلىق پرېزىدېنت ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن قۇرمانبېك باقىيىف، يەنە شۇ يىلى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە خەلقئارا كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن ئادالەتلىك سايلام دەپ كۆرسىتىلگەن پرېزىدېنت سايلىمىدا، ئاۋازلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق پرېزىدېنت ۋەزىپىسىگە سايلانغان ئىدى. لېكىن سىياسىي ئۆكتىچىلەر ئۇنى سايلامدىن بۇرۇن ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ۋە قىرغىزىستان قانۇن ھاكىمىيىتىنى تىكلەپ، چىرىكلىكنىڭ كۆكىنى قۇرۇتۇش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئەمەل قىلمىدى دەپ ئەيىبلىمەكتە.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، قىرغىزىستاندا داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي كرىزىس، ئوتتۇرا ئاسىيادا دېموكراتىك بىر جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ قانچىلىك قېيىن بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنىڭ بىر ئىسپاتى ھېسابلىنىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، 2005‏- يىلى قىرغىزىستان ئەسقەر ئاقايىف ھاكىمىيىتى خەلق قوزغىلىڭى نەتىجىسىدە گۇمران بولغاندىن كېيىن، قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندىكى رەھبەرلەر، قىرغىزىستاندىكى خەلق ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدىن قاتتىق ئەندىشىلەنگەن ئىدى. ئۇلار قازاقسىتان ۋە ئۆزبېكىستان خەلقلىرىنىڭ ئادالەتلىك ۋە ياخشى بىر ھايات ئۈچۈن قىرغىزىستاندىكى ئىنقىلابنى ئۆرنەك ئېلىشىدىن قاتتىق چۆچىگەن.

لېكىن 2005‏- يىلىدىكى ئىنقىلاب باشلىنىپ ئەسقەر ئاقايىف ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن بېرى، قىرغىزىستاننىڭ ۋەزىيىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشنا دۆلەت خەلقلىرىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان بىرەر تەرەققىيات يۈز بەرمىدى. ئەكسىچە، قىرغىزىستان بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي جەڭ ۋە جىدەللەرگە ھەمدە نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە سەھنە بولدى. قىرغىزىستاندىكى ۋەزىيەت، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدىمۇ بەزى قېيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بۇ دۆلەتتە داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي كرىزىس سەۋەبىدىن، بولۇپمۇ قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىي رايونىدا رادىكال ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەسىرىنىڭ ئالىدىنى ئېلىشتا ئاجىزلىق قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.