قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى

قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف، پەيشەنبە كۈنى باش مىنىستىر ئازىم ئىساقبېكۇفنى ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلىپ، ئالماس ئاتامبايېفنى باش مىنىستىرلىققا تەيىنلىدى.

قىرغىزىستان قابار ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باقېيىف ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ ئىساقبېكۇفنى ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئاتامبايېفنى مىنىستىرلىققا تەيىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. گەرچە باقېيىف خەلقنىڭ ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆكتىچى ۋە سوتسىيال دىموكرات پارتىيىسىنىڭ رەئىسى ئالماس ئاتامبايېفنى باش مىنىستىرلىققا قويغان بولسىمۇ، ئەمما كىشىلەر "باقېيېفنىڭ بۇ ھەرىكىتى، ئۇنىڭ پرېزىدېنت ۋەزىپىسىدە قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسمى" دىيىشمەكتە.

2005 ‏- يىلى مارت ئېيىدا يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، پرىزىدېنت بولۇپ سايلانغان باقېيىف، نۆۋەتتە ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلەنمەكتە. سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر، باقېيىفنىڭ سايلامدىن بۇرۇنقى ئىپادىسى بىلەن سايلامدىن كېيىنكى ھەرىكىتىنىڭ بىردەك بولماسلىقى تۈپەيلى ئۇنىڭغا بولغان نارازىلىق ئاۋازلىرى كۆپىيىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە يەنە بىر تەرەپتىن، قىرغىزىستاندىكى سىياسىي گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدىكى مەۋجۇت ئىختىلاپلارنىڭ تېخىمۇ جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. (ئەقىدە)