قىرغىزىستان ئۆكتىچىلىرى ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى
2005.03.24

قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر ئىنقىلابى يېڭى مۇۋەپپەقەيەتلەرگە ئېرىشمەكتە. 24-مارت كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھرىدىكى مەركىزىي مەيداندا داۋاملاشقان نارازىلىق نامايىشلىرى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن.
ئاقايېۋ قېچىپ كەتكەن
قىرغىزىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى قۇرمانبېك باقىيېۋ قاتارلىقلار رەھبەرلىك قىلغان ئۆكتىچى پارتىيە –گۇرۇھلار باشچىلىقىدىكى باشلىرىغا "كەل، كەل" دېگەن قىرغىزچە خەتلەر يېزىلغان سېرىق لېنتىلارنى تاقىۋالغان نامايىشچىلار قوشۇنىنىڭ سانىنى بارغانسىرى كۆپىيىپ، دەسلەپتە 3000 مىڭ ئەتراپىدا بولسا، كېيىن بىراقلا يەتتە مىڭ ئەتراپىغا يەتكەن. بۇ نامايىشچىلار" كەل!، كەل!" يوقالسۇن ئاقايېۋ" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىشىپ، پرېزىدېنت بىناسىنى قورشىۋالغان.
نامايىش تېخىمۇ كۈچىيىپ، ئاخىرى نامايىشچىلار پرېزىدېنت بىناسىنىغا بېسىپ كىرىپ ئۇنى ئىگىلىۋالغان. بۇراق، بۇ چاغدا ئەسقەر ئاقايېۋ يوق بولۇپ، ئۇنىڭ نەگە كەتكەنلىكى ھەققىدە ھەر خىل مەلۇماتلار پەيدا بولغان.
ئازادلىق رادىئوسىنىڭ بىشكەكتىكى مۇخبىرىنىڭ رادىئو ئىستانسىمىزغا بىلدۈرىشىچە؛ ئەسقەر ئاقايېۋنىڭ نەگە كەتكەنلىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. بىراق، ئوخشىمىغان قاراشلار بار؛ ئېنىقراقى، ئۇنىڭ قەنت رايونىدىكى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا يوشۇرىنىۋالغانلىقىدۇر. يەنە بەزىر خەۋەرلەردە ئۇنىڭ قازاقىستانغا قېچىپ كەتكەنلىكىمۇ ئېيتىلماقتا.
رۇسىيىنىڭ ITAR- TASS ۋە "خەۋەرلەر" ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا نامايىشچىلار بىر قانچە يىلدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىۋاتقان سابىق مۇئاۋىن پرېزىدېنت فىلىكس كۇلوپ قاتارلىق ئاقايېۋ تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئۆكتىچىلەرنى تۈرمىدىن ئازاد قىلغان.
فىلىكىس كۇلوپ، قىرغىزىستاننىڭ ئاتاقلى ئۆكتىچى رەھبەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا پرېزىدېنتلىق كاندىداتلىقى سالاھىيىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ھەمدە ئۆكتىچى "ئار نومۇس" پارتىيىسىنى تەسىس قىلغان. ئەمما ، ئۇ 2002-يىلى ، ئاقايېۋ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.
قىرغىزىستاننى كىم باشقۇرۇشى مۇمكىن؟
ئازاتلىق رادىئوسىنىڭ مۇخبىرىنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە ھازىرچە كىمنىڭ قىرغىزىستاننى باشقۇرۇشى، قانداق شەكىلدە ۋەزىيەتنى كونتورۇل قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە ئۆكتىچىلەر رەھبەرلىرى ئارىسىدا جىددىي مۇزاكىرىلەر يۈرمەكتە.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە؛ بۇ يىل 10-ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمى بەلكى مۇددەتتىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن.
ھازىر قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچى رەھبەرلىرى ئىچىدە ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە فىلىكىس كۇلوپ، قۇرمانبېك باقىيېۋ ۋە روزا ئوتونبايېۋا قاتارلىقلارنىڭ قايسىسىنىڭ قىرغىزىستاننى باشقۇرۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ھەر خىل كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
ب ب چ ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا ئۆكتىچىلەر رەھبەرلىرىدىن بىرى قۇرمانبېك باقىيېۋ قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈنلەي ئىستىپاغا چىققانلىقىنى، جۈملىدىن باش مىنىستىر نىكولاي تانايېۋ، دۆلەت ئىشلىرى سېكرىتارى ئوسماناخۇن ئىبارايىموپ ۋە باشقىلارنىڭ ئىستىپا بەرگەنلىكىنى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ ئۆتكىچىلەر تەرەپكە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ب ب چ نىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا فىلىكىس كۇلوپنىڭ رەھبەر بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئۆزى بۇ ھەقتە ھېچ نېمە دېمىگەن.
قىرغىزىستاننىڭ "قابار" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، تۈرمىدىن بوشۇتۇلغان ئۆكتىچىلەر رەھبەرلىرىدىن بىرى فىلىكىس كۇلوپ سۆز قىلىپ، ئەسقەر ئاقايېۋنىڭ خەلق ئىچىگە قايتىپ كېلىپ، مەدەنىيەتلىك يول بىلەن ھوقۇقىنى ئۆتكۈزىشىنى، ئۇنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
خەلقارا ئىنكاسلار
ياۋروپا بىختەرلىكى ۋە ھەمكارلىقى تەشكىلاتى بىشكەكتىكى بۇ ۋەقەلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋەكىلى ئالويىز پىتېرلي ئۆكتىچىلەرنىڭ بىرلىككە كەلگەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇپ، توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلىگەن.
روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى لاۋروپ، قىرغىزىستاندىكى مەسىلىلەرنىڭ تىنچلىق يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭدەك بىشكەك ئەتراپىدىكى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ قوماندانىمۇ بىشكەكتىكى بۇ ۋەقەلەرگە ئارىلاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.قىرغىزىستاندىكى ۋەقەلەرگە ئامېرىكا، خىتاي ۋە قازاقىستان ھۆكۈمەتلىرىمۇ ئىزچىل تۈردە دىققەت قىلماقتا. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىزىستاندىكى ئۆكتىچىلەر ھۆكۈمەت بىناسىنى ئىگىلىدى
- خىتاي مەتبۇئاتلىرى، قىرغىزىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۈزەتمەكتە
- بېشكەكتە ساقچىلار نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلدى
- قىرغىزىستان پرېزىدېنتى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى
- قىرغىزىستاندىكى نارازىلىق نامايىشلىرى
- قىرغىزىستان ھۆكۈمەت خادىملىرى سايلامنىڭ نەتىجىلىك بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە