قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر سودىگەرلەر قېيىن ئەھۋالدا قالدى


2005.03.29

ئۆتكەن ھەپتە، قىرغىزىستاندادا پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېف ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلىشى جەريانىدا يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقتا، ئۇيغۇر سودىگەرلەر بۇلاڭ - تالاڭغا ئۇچراپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر زىيانغا دۇچ كەلگەن.

بېشكەك شەھىرىدىكى مەدىنە بازىرىدا ئۇيغۇر تىجارەتچىلىرىنىڭ بۇلاڭ - تالاڭغا ئۇچرىشى مىللىي زىددىيەت تۈپەيلىدىن ئەمەس بەلكى بىر قىسىم يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قەستەن قالايمىقانچىلىق چىقىرىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا

ئامېرىكا "ئازادلىق رادىئوسى" نىڭ قىرغىزىستاندىكى شۆبىسىنىڭ دېرىكتورى قىياس مولدىقاسىموف ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى روزى مەمەت باقىيىف بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.