0:00 / 0:00
قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋەكىللىرى بېشكەككە يىغىلىپ، بۇ يىل ئىچىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ يىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلگەنلىكىنى قوللاش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى. خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا رابىيە قادىرنىڭ ئىسىمىنى ئاتاشنى چەكلىگەن شۇنداقلا ئۇنىڭ نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. بېشكەكتىكى ئاياللار پائالىيىتى مۇشۇ ۋەزىيەت ئاستىدا قانات يايدۇرۇلماقچى.
بۇ ھەقتە قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامدىن ئاڭلاڭ.