قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزبېكلەشمەكتە
2006.02.20

پرېزىدېنت ئەسقەر ئاقايېۋ دەۋرىدە دائىم دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنى قارىلايدىغان، ئۇيغۇرلارنى تېررورىزم بىلەن باغلاپ، ئۇنىڭ قىرغىزىستاننىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، بىشكەك رەھبەرلىرىنى خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىزىستان جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا تۇپراقلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا يول قويماسلىق ئىدىيىلىرىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئۇچۇرلار ۋە ماقالىلار ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى. ئەسقەر ئاقايېۋ ھاكىمىيەت باشقۇرغان مەزگىل قىرغىزىستاننىڭ خىتاي بىلەن ھەر ساھە بويىچە ئەڭ زىچ مۇناسىۋەت ئورناتقان، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى بۇ دۆلەتتىمۇ ئوخشاشلا كۈچكە ئىگە بولغان دەۋر بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا بىر قىسىم ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى قىرغىزىستاندا بىرەر تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرى يۈز بەرسە، ھېچ تەكشۈرمەستىنلا ئۇنى دەرھال ئۇيغۇرلارغا باغلاپ ئۇچۇر تارقىتىپ، جەمىيەتتە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن سەلبىي ئىنكاسلارنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە كۈچىيىشىگە ئاساس ياراتقان ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ بىر قانچە قېتىم ئۆز نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.
قىرغىز مۇلاھىزىچىسىنىڭ نەزىرىدىكى ئۇيغۇرلار
بىشكەكتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئەسقەر ئاقايېۋ ھاكىمىيىتى يىقىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا يېڭى ھۆكۈمەت چىقىپ، دېموكراتىك ھوقۇقلارغا كاپالەتلىك قىلىش باشلانغاندىن بۇيان قىرغىزىستان مەتبۇئاتلىرىدا بۇ خىل ئەھۋاللارغا خاتىمە بېرىلىشكە باشلىغان. ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشىگە رۇخسەت قىلىنغان. ھەتتا، قىرغىز سىياسىيونلىرى ۋە ئانالىزچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئوبيېكتىپ باھا بېرىش تۈسىنى ئالغان ماقالىلارمۇ ئېلان قىلىنغان.
بۇنىڭ تىپىك مىسالى پەرغانە ۋادىسىدا چىقىدىغان " ئوئازىس" ناملىق ئىنتېرنېت ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان قىرغىز ئانالىزچىسى ئەركىن جاقىپ ئەپەندىنىڭ قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى، ئاساسلىق ئوش ئوبلاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئائىت ماقالىسىدۇر. رۇس تىلىدا يېزىلغان بۇ ماقالىدە ئاپتور ئاساسلىق قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دەيدۇ:
"ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە پارچە پۇل بولۇپ قالغان ئىدى. 90-يىللارنىڭ بېشىدا رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرى جىددىيلەشتى، يېڭى گېزىتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار پەيدا بولدى. مەدەنىيەت مەركەزلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ئاكتىپلاشتى. تەشكىلاتلارنىڭ بۇ ئاكتىپ پائالىيەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېھتىياچانلىقىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىيلىك دەپ بۇرمىلاش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىغا دۈشمەنلىك بىلەن قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى."
ئاپتورنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، بۇنىڭغا نىسبەتەن خىتاي ۋە قىرغىزىستان ھۆكۈمەتلىرى ھەققانىي پوزىتسىيىدە بولمىغان. ئەڭ سەلبىي ۋەقە 2004- يىلى سابىق قىرغىزىستان دۆلەت ئىشلىرى سېكرىتارى ئوسماناقۇن ئىبرائىموپنىڭ قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىتتىپاق جەمىيىتى ئۇيۇشتۇرماقچى بولغان مەزكۇر جەمىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىنى توختىتىپ قويغانلىقىدۇر. بۇنىڭدىكى سەۋەب ئىتتىپاق جەمىيىتىنىڭ رەئىسى روزى مۇھەممەد ئابدۇلباقىيېۋنىڭ "ئاغىم" گېزىتىدە ئېلان قىلغان سۆھبىتىدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كەلگۈسىدە مۇستەقىل بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى سۆزلىرىدۇر. ئوسماناقۇن ئىبرائىموپ روزى مۇھەممەد ئابدۇلباقىيېۋنىڭ سۆزلىرى خىتاي بىلەن قىرغىزىستاننىڭ دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتلىرىنى مۇرەككەپلەشتۈردى دەپ بىلدۈرگەن.
پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى
قىرغىز ئانالىزچىسى ئەركىن جاقىپ ئەپەندى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارقىلىشى ۋە بېسىپ ئۆتكەن تارىخىي مۇساپىلىرى ھەققىدە قىستۇرما بايان بېرىدۇ، ئۇنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار چۇي ۋادىسىدا، ئوش ۋە جالال ئاباد شەھەرلىرىدە ھەمدە قەشقەر قىشلاق يېزىسىدا توپلۇشۇپ ياشايدۇ.
قەشقەر قىشلاقتىكى كىشىلەر ھازىرمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ قەشقەردىن كەلگەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ، رەسمى ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 43 مىڭدىن ئارتۇق، نا رەسمى مەلۇماتلارغا تايانغاندا 50 مىڭدىن كۆپ. ئوش ئوبلاستىدا 11 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشايدۇ. بۇ جايدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ يازدۇرغان. بۇنىڭغا بۇ ئىككى يېقىن مىللەت ئارىسىدىكى قىز بېرىش ۋە قىز ئېلىش ھەم باشقا مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاسسىمىلياتسىيە ئەھۋاللارى سەۋەب بولغان.
ئوش ئوبلاستلىق ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى ھەمراجان ئورۇنبايېۋ "رايونىمىزدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېنىق سانىنى بېكىتىش قىيىن، چۈنكى، بۇ يەردە بىر ئائىلىدە ئاكىسىنىڭ پاسپورتىدا ئۇيغۇر دەپ يېزىلغان بولسا ئۇكىسىنىڭكىدە ئۆزبېك يېزىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار. ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ بولماسلىقى، ئۆزبېك ۋە قىرغىزلار بىلەن بىرلىكتە توپلىشىپ ياشاش كۆپىنچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى ئۇنتۇپ، مىللىي كىملىك جەھەتتە ئۆزلىرىنى ئۆزبېك دەپ ئاتاشقا ئېلىپ كەلدى."دەيدۇ.
ھەقىقەتەن پەرغانە ۋادىسىدا ئەسلىدە ناھايىتى زور ساندا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغانلىقى ھەققىدە تارىخىي مەلۇماتلار بار. 19-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ياشىغان قازاق ئالىمى چوقان ۋەلىخانوپ پەرغانە ۋادىسىدا 350 مىڭ ئەتراپىدا قەشقەرلىك يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقىنى قەيىت قىلغان. چوقان ۋەلىخانوپنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلار پەرغانە ۋادىسىدىكى ئوش، جالال ئاباد، ئەنجان، شەھرىخان ھەمدە تاشكەنتنىڭ كونا شەھەر رايونى ۋە باشقا جايلارغا تارقالغان ئىكەن. 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلىرىنىڭ رەھبىرى ئابدۇللا روزىباقىيېۋمۇ پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈركىستاندا 600 مىڭدىن كۆپ ئۇيغۇر ياشايدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان ئىدى. 30-يىللاردا ئەنجاندا ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپى، ئۇيغۇر تېخنىكومى ۋە دراما-تېياتىرلىرى بولغان، بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى 1938-يىلىدىن كېيىن ستالىننىڭ زۇلمىدىن يوقىتىلغان ئىدى. ماقالە ئاپتورى ئەركىن جاقىپ ئەپەندى ئوش ئوبلاسىتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆ زلىرىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بەزى تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەنلىكى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ يەكشەنبىلىك ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش سىنىپلىرىنى ئاچقان بولسىمۇ، ئەمما دەرسلىك ماتېرىياللىرىىنىڭ ۋە ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ يوقلىقىدەك مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئاپتور تىل مەسىلىسىنى تەكىتلەپ، قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت ئىستاتىستىكىسنى ھېسابقا ئالمىغاندا خېلىلا نوپۇسى كۆپ مىللەتتۇر" دېيىش بىلەن قازاقىستاندا بۇ ئەھۋالنىڭ ياخشىلىقى، ئۇ يەردە 70 نەچچە ئۇيغۇرچە مەكتەپنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئوش تەۋەسىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى فىلىملەر كۆرسىتىلىدۇ
ئەركىن جاقىپنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا شەرقىي تۈركىستاندىن ئېلىپ كېلىنىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىدىكى تېلىۋىزىيە فىلىملىرى ناھايىتى مەشھۇردۇر. ھەر شەنبە كۈنى يەرلىك تېلىۋىزىيە قانىلى "ئوش ت ۋ" ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇ فىلىملەرنى كۆرسىتىدۇ. مەزكۇر تېلىۋىزىيە قانىلىنىڭ باش دىرېكتورى سابىرجان ئاخروروۋنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇ فىلىملەرنى كۆرسىتىشى ھەرگىزمۇ بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بۇ پەقەت مۇشۇ جايدىكى ئۇيغۇر فىلىملىرىگە بولغان تەلەپلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر
قازاقىستان، قىرغزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى ھەمدە مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.(ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقى قوغداش كومىتېتىنىڭ رەھبىرى رامازان دىرىلدايېۋ بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆھبەت(2)
- قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقى قوغداش كومىتېتىنىڭ رەھبىرى رامازان دىرىلدايېۋ بىلەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆھبەت(1)
- قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش پائالىيىتىنىڭ رەھبىرى ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىردى
- قىرغىزىستان كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى "بايامان ۋەقەسى" بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى رەت قىلدى
- قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر چېمپىيون ئابدىرېشىت دۇگانوف يەنە مۇسابىقىگە قاتناشماقچى
- قەشقەردىن قىرغىزىستاندا كېتىۋاتقان يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بۇلاڭچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى