رابىيە قادىر :خىتايغا نىسپەتەن ئۇنىڭ سىياسىتىگە نارازى بولغاننىڭ ھەممىسى توسالغۇ

0:00 / 0:00
MIT-rabiye1-150.jpg
رابىيە خانىم MIT دىكى نۇتقىدىن كېيىن، سوئاللارغا جاۋاپ بەرمەكتە. بۇ يىغىندا، رابىيە خانىم ئۇيغۇر مەسىلىرىنى چۇشەندۇرگەندە، ئىچكىرىگە ئېلىپ كېتىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەھۋالىنىمۇ تونۇشتۇرغان. ماي، 2007. May, 2007 / Photo by UAA

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بۇيىچە بۇ يىل ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا ‏- ناھىيىلەردىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىمەكچى بولغان ئەمگەك كۈچلىرىنى بىر مىليون ئىككى يۈز مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان ئىدى.

شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى مەزكۈر پىلاننىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئىنتايىن نەتىجىلىك يۈرۈشىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى، ئەجەپلىنەرلىكى1 - ئاۋغۇست ئۇيغۇر يەرلىك گېزىتلىرىدە ، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ، "ئۇيغۇر ئېلى دېھقانلىرىنىڭ ئىدىيىسى قالاق ،سىرتقا چىقىپ ئىش ئىزدەشكە قېيىق ھەمدە خىتاي تىلىنى راۋان سۆزلىيەلمىگەچكە ۋە يەنە سىرتقى يات مۇھىتقا ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بولۇشتەك توسالغۇغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ" دەپ بايان قىلدى.

ئەزەلدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقان ياشلارنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر قىزلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش سىياسىتىنى ماختاپ ھەم دېھقانلارنىڭمۇ مايىل بولىۋاتقانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكسىچە توسالغۇغا يولۇقىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىشى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدە گۇمان قوزغىدى.

مەزكۈر مەسىلىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم مەزكۈر مەسىلە ئۈستىدە يۈرگۈزگەن مۇلاھىزىسىنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلىغايسىز.