ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى "قوش تىللىق مائارىپ" مەسىلىسىنى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى دەپ كۆرسەتتى
2007.07.25
سەيشەنبە كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچراۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش يولىدا ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پروگراممىسى "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق سىياسىتى ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان" دېگەن تېمىدا ئىسپاتلىق دوكلات ئېلان قىلدى.
دوكلات تەييارلىغۇچى ئېرۇن گۇرەي ئەپەندى مەزكۇر دوكلاتىدا "ئۇيغۇر تىلى ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا " دېيىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتى ئارقىلىق يوق قىلىش تەھدىتى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى،ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىگە بوي سۇنۇشقا مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر دوكلاتنىڭ تەييارلىنىش جەريانى ھەمدە مەقسەتلىرى ھەققىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى ياردەمچى خادىملىرىدىن رۇقىيە خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇخبىرىمىز بىلەن سۆھبەتتە بولدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ رۇقىيە خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇرلار قانداق قىلغاندا مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قالالايدۇ؟ (1)
- تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر بالىلار ئۈچۈن ئانا تىل كۇرسى رەسمى باشلاندى
- خىتايچە تىل-يېزىق 'دۇنيانى بويسۇندۇرىدىغان تىل-يېزىق' بولالامدۇ؟ (2)
- خىتايچە تىل-يېزىق 'دۇنيانى بويسۇندۇرىدىغان تىل-يېزىق' بولامدۇ؟ (1)
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى نەشىر قىلدى
- تىل- مىللىي قەدىرىيىتىمىزنىڭ بەلگىسى
- قازاق مەكتەپلىرى تاقالماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىيىدە كوڭزى ئىنىستىتۇتى قۇرماقچى
- مۇسۇلمان ئاياللىرى ۋە ئىلىم - مەرىپەت
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا قاراتقان " بۆلگۈنچىلىك" كە قارشى تەربىيىسى ھەقىقى رولىنى جارى قىلدۇرالامدۇ؟
- كىچىك ئۇيغۇر قىزى ئارزۇ خەلقئارا كەشپىياتچىلار مۇسابىقىسىدە ئالاھىدە دەرىجىگە ئېرىشتى
- خىتايدىكى رەھىمسىز جەڭ -ئالىي مەكتەپكە تاللاپ قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى