رابىيە قادىر خانىمنىڭ گېرمانىيىدىكى زىيارىتى ئۇتۇقلۇق داۋاملاشماقتا (1)

0:00 / 0:00
Rabiye-150.jpg
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم. UAA Photo

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان گېرمانىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، رابىيە قادىر خانىم 21- ئۆكتەبىر كۈنى ھامبۇرگ شەھىرىدىكى گېرمانىيە خەلق سەنئىتى مۇزېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتىگە قاتناشقان ۋە ھامبۇرگ شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت ۋە ئاخبارات ساھەسى بىلەن ئۇچراشقان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، رابىيە قادىر خانىمنىڭ گېرمانىيە زىيارىتى ئىنتايىن ئۇتۇقلۇق داۋام ئەتمەكتە ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز جۈمەنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان سۆھبەت خاتىرىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.