0:00 / 0:00
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بۇ يىل 4 - ئايدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلماقچى. يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە شۇنداقلا لوس ئانجىلىستىكى دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق ئورۇنلار خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، " خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن خىتايدىكى بىر قىسىم سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشى كېرەك " دەپ تەلەپ قىلماقتا.
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ خۇ جىنتاۋغا بولغان تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.