0:00 / 0:00
27- ئىيۇل كۈنى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدە خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر مەسىلسى تېمىسىدا ئېچىلغان ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنى بۈگۈن ئاخىرلاشتى.
خەلقئارا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەشكىلاتى ۋە خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇلغان يېغىنغا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرى، تىبەت پائالىيەتچىلىرى، خىتاي دېموكراتلىرى ھەمدە چەتئەللىك سىياسەتچىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇخبىرىمىز قانات مەزكۇر يېغىنغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.