روزا ئوتانبايېۋا، خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا ھەربىي بازا ئاچىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
2005.06.15
روزا ئوتانبايېۋا ئامېرىكىدىكى زىيارەت كۈنتەرتىپى بويىچە، سەيشەنبە كۈنى "ئامېرىكا ئاۋازى" رادىئوسىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى قىرغىزىستاننىڭ مۇۋاققەت پرېزىدېنتى قۇرمانبەگ باقىيېۋ، خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا قوشۇن تۇرغۇزۇشىنى تەلەپ قىلدى، دېگەن خەۋەرنىڭ توغرىلىقىنى ئىنكار قىلدى.
قىرغىزىستان ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدۇ
ئوتانبايېۋانىڭ تەكىتلىشىچە، قىرغىزىستان نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئاستىدا 3 - بىر دۆلەتنىڭ قىرغىزىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇشىنى ئويلاشمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوتانبايېۋا، " قىرغىزىستان مەزكۇر دۆلەتتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى داۋاملىق ساقلاپ قالىدۇ شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن دوستانە مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.
قىرغىزىستان ۋەزىيىتىدىكى مۇقىمسىز ئامىللار، ئاقايېۋ ھۆكۈمىتى بۇ يىل 24 - مارتتىكى بېشكەك لىمۇن ئىنقىلابىدا ئاغدۇرۇلۇپ، ھاكىمىيەت ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن بېرى ھازىرغا قەدەر داۋام قىلماقتا.
قىرغىزىستان يېڭى ھەربىي بازا قۇرۇشنى ئويلاشمايدۇ
روزا ئوتنابايېۋا، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىرغىزىستاننىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى شۇنداقلا خىتاي - قىرغىزىستان ۋە ئامېرىكا - قىرغىزىستان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرى يېقىندا مۇۋاققەت پرېزىدېنت قۇرمانبەگ باقىيېۋنىڭ خىتايغا جەنۇبىي قىرغىزىستاندا ھەربىي بازا قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ سۇنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ، خىتاينىڭ ھەربىي بازا قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ تاپشۇرۇۋالسا ئويلىشىپ كۆرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.
ئەمما ئوتانبايېۋا، بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى رەت قىلدى. ئوتانبايېۋا مۇنداق دەيدۇ: "مېنىڭچە يېڭى ھەربىي بازا قۇرۇش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق پەرەزلەر. مەن قىرغىزىستاننىڭ مۇۋاققەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى دىيەلەيمەنكى، بىز زېمىنىمىزدا ھەر قانداق بىر يېڭى ھەربىي بازا قۇرۇشقا يول قويمايمىز. مېنىڭچە قىرغىزىستاندىكى ئىككى ھەربىي بازا يىتەرلىك. بىز يېڭى ھەربىي بازا قۇرۇشقا ئېھتىياج ئەمەس."
خىتاي مەتبۇئاتلىرى، ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن سىياسى ئۆزگىرىش بىلەن ئالاقىسى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى گۇمانلارنى رەت قىلغان.
قىرغىزىستاننىڭ مۇساپىرلار مەسىلىدىئىكى مەيدانى ئامېرىكىنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن
ئوتانبايېۋا، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس بىلەن ئۇچراسقاندا قىرغىزىستان ۋەزىيىتى ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۆزبېك مۇساپىرلار مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مىككورماكنىڭ ئاشكارىلىشىچە، قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا 4 نەپەر مۇساپىرنى ئۆزبېكىستانغا قايتۇرۇۋېتىش ۋەقەسى كوندىلىزا رايىسنى پەۋقۇلاددە ئۈمىدسىزلەندۈرگەن.
مىككورماك مۇنداق دەيدۇ: " قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى 4 نەپەر ئۆزبېك مۇساپىرنى دۆلىتىگە قايتۇرۇۋېتىش ۋەقەسى بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. ئۇلار سىياسى پاناھلىق تىلىگەن كىشىلەر ئىدى. دائىرىلەر ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتىنىڭ ۋەكىلىگە مەسلىھەت سالمىغان شۇنداقلا بۇ كىشىلەر ئۆزبېكىستانغا قايتىپ بارسا جازاغا تارتىلىش ئىھتىمالى بارلىقىنى ئويلاشمىغان."
مىككورماكنىڭ تەكىلىشىچە، رايىس بىلەن ئوتانبايېۋا مۇساپىرلار مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش، ئاخبارات ۋە سۆز ئەركىنلىكى ، خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان. ئوتانبايېۋا، مۇساپىرلار مەسىلىسىدە ب د ت بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قىرغىزىستان دائىرىلىرىنىڭ مۇساپىرلارنى قايتۇرۇۋېتىش ۋەقەسى، ب د ت مۇساپىرلار كومىتېتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتى، قىرغىزستان دائىرىلىرىنى خەلقئارا مۇساپىرلار ئەھدىنامىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- روزا ئوتانبايېۋا، خىتاينىڭ قىرغىزىستاندا ھەربىي بازا قۇرىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى
- ئامېرىكىدىكى كاتتا باي سوروس قىرغىزىستان ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مائاش بېرىشنى پىلانلىماقتا
- قىرغىزىستان ئوشتا يېڭى ھەربىي بازا قۇرۇشى مۇمكىن
- قىرغىزىستان ئامېرىكىنىڭ ماناس ئايدۇرۇمىنى داۋاملىق ئىشلىتىگە قوشۇلدى
- ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ياۋروپا قىرغىزىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ياردەم كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە