بىر رۇس مۇتەخەسسىسىنىڭ خىتايدىكى مىللىي مەسىلە ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى


2006.05.01

رۇسىيە-خىتاي ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى كۈنسايىن چوڭقۇرلۇشىۋاتقان، ئىككى مەملىكەت رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ كەلگۈسىدە رۇسىيىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مىللىي بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن تەھدىتى كۈچ بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەش خاھىشلىرى رۇسىيە پۇقرالىرى ۋە سىياسەتشۇناسلىرى ئارىسىدا پەسەيگىنى يوق.

رۇسىيە مۇتەخەسسىسلىرى ۋە سىياسىيونلىرى ئارىسىدا خىتاينى تەھدىت دەپ ھېسابلاپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئېھتىياتچان مۇئامىلە قىلىش بىلەن خىتاينى تەھدىت دەپ قارىماي، ئەكسىچە خىتايلارنى رۇسىيىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللىنىشىدىكى مۇھىم تاشقى ئامىل قىلىشتىن ئىبارەت ئاساسىي ئىككى خىل پىكىر ئېقىمى مەۋجۇت.

خىتاينى تەھدىت دەپ قارايدىغان مۇتەخەسسىسلەر كۆپىنچە ھاللاردا خىتاينىڭ بۈگۈنكى ھالىتىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ تارىخى، سىياسىتى بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتارلىق مەسىلىلەردىن چىقىش قىلىدۇ. رۇسىيە خىتايشۇناسى ئالېكساندىر روجىنسېپ ئۆزىنىڭ خىتايغا ئائىت بىر قاتار ماقالىلىرى قاتارىدا خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسىگە ئائىت ماقالىلارنىمۇ ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇ رۇسىيە تاشقى سىياسەت قاتلىمىنى خىتايدىكى مەسىلىلەرنى يېقىندىن كۆزىتىشكە ۋە خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىدە ھوشيار بولۇشقا دەۋەت قىلىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، بۈگۈنكى خىتايدىكى خەنزۇ مىللىتى ئەسلىدىن خۇئاڭخې ۋە چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دەريا ۋادىسىدا ياشىغان بولۇپ، ئۇلار بارا-بارا سىرتقا كېڭىيىپ، بۈگۈنكىدەك بىر مىليون كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق زېمىنگە ئېرىشتى. كۆپ ئەسىرلىك كۆچۈش نەتىجىسىدە خىتاي كۆپ مىللەتلىك مەملىكەت بولۇپلا قالماستىن بەلكى دۇنيادىكى ئۆز تېررىتورىيىسىدە 50 نەچچە مىللەت ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ھەم مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتان دۆلەتكە ئايلاندى.

ئاپتورنىڭ نەزىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى

رۇس خىتايشۇناسى ئالېكساندىر روجىنسېپ ماقالىسىدە ھازىرقى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ياشاۋاتقان ئاساسلىق چوڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ھېسابلىنىدىغان جۇئاڭزۇ، موڭغۇل، تىبەت، موڭغۇل، تۇڭگان ۋە ئۇيغۇر قاتارلىقلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، ئۇلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە خىتاي دۆلىتى بىلەن بولغان تارىخىي ھەم سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، بۇ مىللەتلەرنىڭ ئەسلىدىن خىتاي دۆلىتى بىلەن بىر ئەمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ئايرىم ئېتنىك تارىخى، سىياسىي تارىخى ۋە مەدەنىيەت تارىخى بارلىقىنى، قەدىمقى ۋە ئوتتۇرا ھەم يېقىنقى ئەسىرلەردە بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھەر خىل مۇستەقىل دۆلەتلەرنى قۇرۇپ، بەزىلىرى ئايرىم دائىرىلەر بويىچە ھۆكۈمرانلىق ئورناتقان بولسا، بەزىلىرىنىڭ بىر مەزگىل پۈتۈن خىتايغا ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئاپتورنىڭ كۆز قارىشىچە، جۇئاڭزۇلار تارىختا خىتاينىڭ جەنۇبىغا ئۇزۇن مەزگىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان خانىدانلىقلارنى قۇرغان مىللەت بولسا، موڭغۇللار ئوتتۇرا ئەسىردە چىڭگىزخان رەھبەرلىكىدە ئىمپېرىيە قۇرغان. ھازىرقى خىتاي موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ تەۋەسىگە كىرگەن بولۇپ، خىتاي تارىخىدىكى "يۇەن سۇلالىسى" دېگىنى ئەمەلىيەتتە موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر قىسىمىدىن ئىبارەت.

ئاپتور مانجۇلار ھەققىدە توختىلىپ، ئۇلارنىڭ مەنچىڭ ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ، خەنزۇلارغا تەۋە بولغان مىڭ سۇلالىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ تەۋەسىنى ئۆز دۆلىتى تەركىبىگە كىرگۈزگەنلىكى، بۈگۈنكى شۇنچە چوڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى زېمىنىنىڭ ئەمەلىيەتتە مانجۇ خانىدانلىقى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىش بەدىلىگە پەيدا قىلىنغانلىقىنى، ئەگەردە مەنچىڭ خاندانلىقى بولمىغان بولسا، بۈگۈنكىدەك خىتاي زېمىنىنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئاپتور يۇقىرىدا ئېيتىلغان مىللەتلەرنىڭ خەنزۇلار بىلەن بولغان پەرقى ھەققىدە توختىلىپ، يۇقىرىدا نامى ئېيتىلغان مىللەتلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە موڭغۇللارنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ۋە زېمىن سىياسىتىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەخسۇس بايان قىلىنغان

ئاپتور ماقالىسىدە مەخسۇس ئۇيغۇرلار ھەققىدە توختالغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلار ئېلىنى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتاش بىلەن بۇ زېمىننىڭ 1759-يىلى مەنچىڭ ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ نوپۇس ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جايغا نوپۇس كۆچۈرىشىدىن قەتئىي نەزەر بەرىبىر خىتايلارنىڭ بۇ جايدا ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا ئاز سانلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خىتايدىكى خەنزۇ كۆچمەنلىرى ماكانلىشىشنى خالىمايدىغان بىردىن –بىر جاي ئىكەنلىكىنى، 80-يىللاردىن باشلاپ، بۇ يەردىن سابىق خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ كونا ھەربىلىرى، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ پېشقەدەم خادىملىرى ھەتتا ياش ئەۋلاد خىتايلارنىڭمۇ كېتىشكە باشلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئاپتور بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن خەنزۇلارنىڭ تارىختىن تارتىپ خاتىرجەم تۇرالمىغانلىقىنى، چۈنكى شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىنلا مىللىي ۋە دىنىي ئازادلىق كۈرەش مەنبەلىرى بولۇش بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن قېتىم قوزغىلاڭلارنى كۆتۈرگەنلىكىنى شەرھلەيدۇ. ئۇ بۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە 1864-يىلىدىكى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا پارتلىغان قوزغىلاڭلارنى كۆرسىتىدۇ.

ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى

رۇس ئاپتورى ئالېكساندىر روجىنسېپ ماقالىسىدە 20-ئەسىردىكى ئىككى قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭلار نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى قېتىم مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان بولسىمۇ، بىراق بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭلا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەرىكەت قىلىشى ئاستىدا يوقىتىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاپتور 1933-يىلى 12-نويابىردا قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى، تۇڭگان گېنېرالى ما جۇڭيىڭنى يوقىتىپ، شەڭ شىسەينى تىكلەشتە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئاپتور 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمىدىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قولى بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، 1949-يىلى بۇ رايوندا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاكىمىيىتى ئورنىتىلغاندىن كېيىن بېيجىڭ رەھبەرلىرى مەزكۇر رايوندا خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىشنى جىددىيلەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ رايوندا ئەسلىدە 5% كە يەتمەيدىغان نوپۇس بىلەن ئاز سانلىق مىللەت دەپ قارالغان خەنزۇلار 90-يىللارغا كەلگەندە رايوننىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 40%نى ئىگىلىگەن. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خەنزۇلار بىلەن يەرلىك مىللەتلەر ئارىسىدىكى پىلانلىق تۇغۇت، ئىشقا ئورۇنلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك زىددىيەتلەر ئۆتكۈرلەشكەن. ھازىر بولسا، ئاشكارا قارشىلىقلار تېخىمۇ روشەنلەشمەكتە.

رۇس ئاپتورى ماقالىسىنىڭ ئاخىرىسىدا خۇلاسە چىقىرىپ، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھەقىقىي تەھدىتتىن ئىبارەت، چۈنكى بۇ زېمىنلەردە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بېرىشى مۇمكىن دېگەندەك كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن خىتاينىڭ 21-ئەسىردە ياۋرو-ئاسىيانىڭ بىردىن بىر خوجايىنىغا ئايلىنىش نىيىتى بارلىقىنى، بېيجىڭنىڭ بۇنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى،شۇڭا رۇسىيىنىڭ بۇنىڭغا دىققەت قىلىپ، شەرقىي چېگرىلىرىنى قوغدىشى لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.