سابىق رۇسىيە پرېزىدېنتى بورىس يېلتسىن ۋە دېموكراتىيە


2007.04.23

YELTSININ1991-200-1.jpg
سۈرەتتە، 1991 - يىلى 19 – ئاۋغۇست كۈنى، بورىس يەلتسىن، رۇسىيە فەدەراتسىيەسىنىڭ موسكىۋادىكى ئىش بىناسىنىڭ ئادىغا توھتىتىلغان بىر تانكانىڭ ئۈستىدە، نامايىشچىلارغا سۆز بەرمەكتە. AFP PHOTO FILES, August 19th, 1991

سابىق رۇسىيە پرېزىدېنتى بورىس يېلتسىن دۈشەنبە كۈنى 76 يېشىدا ۋاپات بولدى.

رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بورىس يېلتسىن يۈرىكىنىڭ تۇيۇقسىز توختاپ قېلىشى سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان ئىكەن. لېكىن، بىر قىسىم مەتبۇئاتلار ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس دەپ كۆرسەتكەن.

بورىس يېلتسىن دېموكراتىيە ئۈچۈن ھەسسە قوشقان

بورىس يېلتسىننىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغان سابىق سوۋېت مۇستەقىل دۆۋلەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ بىرىنچى ۋە ئاخىرقى پرېزىدېنتى مىخائىل گورباچېف يېلتسىننىڭ ئايالىغا تەزىيەنامە يوللاپ، ئۆز قايغۇسىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيىنىڭ ئىتارتاس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا " ئارىمىزدا كۆپلىگەن ئىختىلاپلار بار ئىدى، بۇ سىياسىي جەريانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى، بىراق، مۇشۇ پەيتتە مەن يېلتسىننىڭ ئائىلىسىگە ئۆزۈمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قايغۇسىنى بىلدۈرىمەن" دەپ يازغان مىخائىل گورباچېف تەزىيىسىدە. بىراق، ئۇچۇردا گورباچېفنىڭ يېلتسىنغا قانداق باھا بەرگەنلىكى كۆرسىتىلمىگەن.

"رۇسىيە ئوڭچى كۈچلەر بىرلەشمىسى" دەپ ئاتالغان پارتىيىنىڭ رەئىسى نىكىتا بېلىخ يېلتسىننىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ھاياتىغا باھا بېرىپ، " بۇ كۆپ جەھەتلەردە زىددىيەتلىك بىر ئىنسان ۋە سىياسەتچى بولسىمۇ، بىراق، شۈبھىسىزكى، ئۇ زور ئارتۇقچىلىق بەلگىلىرىگە ئىگە ئەربابتۇر. ئۇنىڭ دەۋرىدە مەملىكەت دېموكراتىك تەرەققىياتقا يول ئالدىئى. ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭدا (يولىمىزدا) بارا-بارا بۇرۇلۇش يۈز بېرىۋاتىدۇ" دەيدۇ.

ئامېرىكا ئاق ساراي باياناتچىسى يېلتسىننى تارىخىي شەخس دەپ تەرىپلەش بىلەن ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرى ۋە رۇسىيە خەلقىغە بولغان تەزىيىسىنى بىلدۈردى.

ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى تونىي بلايىر "يېلىتسىن مەشھۇر شەخس، ئۇ دېموكراتىيە ۋە ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەن" دەپ باھا بەردى.

ئۇنىڭ ھاياتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر

بورىس يېلتسىننىڭ ھاياتى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا كومپارتىيىنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشى شۇنىڭدەك رۇسىيىنىڭ بىر قاتار سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دېموكراتىك ئۆزگىرىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نىسبەتەن تۈرلۈك باھالار ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

بورىس يېلتسىن 1931-يىلى رۇسىيىنىڭ سۋېردلوف ئوبلاستىدا دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، سانائەت ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇزۇن يىللار ئۆزى تۇغۇلغان ئوبلاستتا سانائەت ساھەسىدە ئىشلىگەن. ئۇ، 1968-يىلىدىن ئېتىبارەن سىياسىي ساھەگە كىرىپ، 1976-يىلى سۋېردلوف ئوبلاستى پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارى بولغان.

بورىس يېلىتسىن 1981-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغاندىن كېيىن، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىغا كىرىپ، ئۆز تەسىر دائىرىسىنى ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

بورىس يېلتسىن 1987-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتەتى ۋە سىياسىي بىيورىسىنى تۇنجى قېتىم تەنقىد قىلىپ، سىياسىي بىيورىنى ئىستىپاغا چاقىرغان. نەتىجىدە، مىخائىل گورباچېف ئۇنى ئەيىبلەپ، موسكۋا شەھىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سېكرىتارلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرىۋەتكەن. يېلتسىن بۇنداق تەنقىدىي مەيدانىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، 1990-يىلى 29-مايدا رۇسىيە سوتسىيالىستىك فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىسى بولغان.

مەزكۇر دەۋر يېلتسىننىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارادىكى تەسىرى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقىش مەزگىلى بولۇپ، ئۇ 1990-يىلى، 1-ئىيۇلدا سوۋېت رەھبەرلىرى ئىچىدە تۇنجى قېتىم كوممۇنىستلار پارتىيىسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى جاكارلىغان كىشىگە ئايلانغان. ئۇ، 1991-يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، موسكۋالىقلارنى دېموكراتىيىنى قوغداشقا چاقىرغان، ئارقىدىنلا سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىستلار پارتىيىسىنى قانۇنسىز پارتىيە دەپ جاكارلاش بىلەن ئۇنىڭ پائالىيىتىنى چەكلىگەن.

يېلتسىن شۇ يىلى 7-8-دېكابىرلاردا ئۇكرائىنىيە، بېلورۇسىيە پرېزىدېنتلىرى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنى يوق قىلىپ، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنى بەرپا قىلىدىغان كېلىشىم ئىمزالىغان، ئەنە شۇ يېلتسىننىڭ ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن سوۋېت ئىتتىپاقى يوق قىلىنغان. ئەينى ۋاقىتتا مىخائىل گورباچېف سوۋېت ئىتتىپاقىنى يوقىتىشقا قوشۇلسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ دۆلەتنى باشقىچە يېڭى بىر شەكىلدىكى "ئىتتىپاق" ھالىتىدە ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلغان، ئەمما، يېلتسىن ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىنى تەمىن ئېتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1991-يىلى، 25-دېكابىر گورباچېف ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلدى ھەمدە ئۇ ۋەزىپىسىنى بورىس يېلتسىنغا تاپشۇردى.

شۇنىڭدىن كېيىن يېلىتسىن رۇسىيە فېدېراتسىيىنىڭ تۇنجى پرېزىدېنتى سۈپىتىدە بۇ دۆلەتنى 9 يىلغا يېقىن باشقۇرۇپ، رۇسىيىنىڭ دېموكراتىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ دۆلەتتە، ئىقتىسادىي، سىياسىي كرىزىسلار كۈنسايىن ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكى، بولۇپمۇ، چېچەن ئۇرۇشىدىن كېيىن رۇسىيىنىڭ تېخىمۇ زور كرىزىسقا پاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئۇنىڭ سىياسىي تەسىرى ئاجىزلىغان ھەمدە 1999-يىلى 31-دېكابىردا ئىستىپاغا چىقىپ، ئورنىغا ھازىرقى پرېزىدېنت پۇتىننى دەسسەتكەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.