ئامېرىكا ئانالىزچىسىنىڭ نەزىرىدىكى رۇسىيە-خىتاي ھەربىي مانېۋىرى
2005.08.16
رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ ھەربىي-سىياسى ھەمكارلىقلىرىمۇ قويۇقلاشماقتا. يېقىندا رۇسىيە بىلەن خىتاي تارىختا تۇنجى قېتىم بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدۇ.
بۇ مانېۋىرنىڭ نىشانى نېمىگە قارىتىلغان؟
ئىلگىرى بىر- بىرى بىلەن دوستلاشقان ھەم بىر- بىرىنى خەتەرلىك رەقىپ ھېسابلاپ، ھەر زامان ئۆزارا ھوشيار بولۇشقا ئادەتلەنگەن رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بۈگۈنكى كۈندە بىردىنلا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي بىر ھەربىي-سىياسىي ئىتتىپاقداشلارغا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟ بۇ ھەربىي مانېۋىرنىڭ تۈپ مەقسەتلىرىنىڭ ئارقىسىغا نېمىلەر يوشۇرۇنغان؟
رۇسىيە –خىتاي مۇناسىۋەتلىرى جۈملىدىن ئىستراتېگىيە مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى جەلىپ قىلغان رۇسىيە –خىتاي ھەربىي مانېۋىرى ئامېرىكا ئانالىزچىلىرىنىڭمۇ دىققەت نەزىرىدىن خالى قالمىدى. "ۋاشىنگتون پوچتىسى " گېزىتىنىڭ 15 –ئاۋغۇست كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان ھەربىي-سىياسى ئانالىزچى پېتېر فايىننىڭ بايانلىرى ۋە تەھلىللىرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە تەيۋەن بىلەن بولغان مۇرەككەپ ئويۇنلىرى ئۈچۈن رۇسىيىدىن پايدىلانماقچى بولغان، خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كېڭەيتمەكتە. رۇسىيە ئۈچۈن ئاساسلىق مەسىلە ئۆزىنىڭ قوراللىرىنى خىتايغا سېتىشتىن ئىبارەت.
پېتېر فايىننىڭ ئوتتۇرىغا قويىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ دائىرىسى كۈنسايىن كېڭەيگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قورال –ياراق سودىسىمۇ بار. رۇسىيە ۋە خىتاي ھەربىي ئىشلار تەھلىلچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە ئۆزىنىڭ ياخشى خېرىدارى ھېسابلانغان خىتايغا رۇسىيىنىڭ ئىلغار ھەربىي-سانائەت ۋە تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ بېرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىلغار ئىستراتېگىيىلىك قوراللاردىن يادرو قوراللىرىنى ئېلىپ يۈرگۈچى بومباردىمانچى ئايروپلانلار ۋە باشقىلارمۇ بار.
ئامېرىكا ئانالىزچىسى پېتېر فايىننىڭ يېزىشىچە، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قوماندانلىق قىلىش مانېۋىرى ئالدى بىلەن پەيشەنبە كۈنى ۋلادىۋوستوكتىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئارقىدىن مانېۋىر خىتاينىڭ شەندوڭ ئۆلكىسىگە يۆتكىلىپ، سېرىق دېڭىزى رايونىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ ھەربىي مانۋەرغا ئىككى تەرەپتىن ئون مىڭدىن ئارتۇق جەڭچى-ئوفىتسېر قاتناشتۇرىلىدۇ.
ئامېرىكا ئانالىزچىسى پېتېر فايىن بايانلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ قېتىمقى ھەربىي مانېۋىرنىڭ تۈپ مەقسىدى ۋە ئۇنىڭ كىملەرگە قارىتىلغانلىقى ھەققىدە توختىلىدۇ. ئۇ، مەزكۇر مانېۋىرنىڭ نىشانى ھەققىدىكى تەھلىلىلىرى ئۈچۈن رۇسىيە، خىتاي قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ ئانالىزچىلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئۇنىڭ يېزىشىچە، موسكۋالىق ھەربىي ئىشلار تەھلىلچىسى ئالېكساندر گولس رۇسىيىنىڭ مەزكۇر مانېۋىردىن كۆزلىگەن مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ، "خىتايلار ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكا ۋە تەيۋەن بىلەن بولغان مۇرەككەپ ئويۇنلىرى ئۈچۈن رۇسىيىدىن پايدىلانماقچى بولغان، خىتاي ھازىر ئۆزىنىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كېڭەيتمەكتە. رۇسىيە ئۈچۈن ئاساسلىق مەسىلە ئۆزىنىڭ قوراللىرىنى خىتايغا سېتىشتىن ئىبارەت." دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي رەسمى ئاخبارات ساھەسىگە تەۋە " يېڭى خىتاي خەۋەرلىرى"دە بولسا " بۇ قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىر ئىككى مەملىكەتنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنىڭ خەلقارا تېررورىزم، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ" دەپ باھا بېرىلگەن.
خىتاي تەيۋەن مەسىلىسىنى باشقىلار بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنماقتا. بىراق، رۇسىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى بۇ مەسىلە بىلەن باغلاش مەقسىتى يوق. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مەنپەئەتلىرى بىر-بىرىگە بەك يېقىن. بۇ ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئامېرىكىنىڭ ناھايىتى ئاكتىپ يۈرگۈزۈۋاتقان سىڭىپ كىرىشىگە قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەت.
ئامېرىكا ئانالىزچىسى پېتېر فايىن خىتاينىڭ بۇ يەردە كۆزدە تۇتىۋاتقان "بۆلگۈنچىلىك" مەسىلىسى تەيۋەنگە قارىتىلغانلىقى، دېمەك خىتاينىڭ رۇسىيىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى چەكلىمەكچى بولغانلىقى، لېكىن ئەمەلىيەتتە رۇسىيىنىڭ تەيۋەنگە تۇتقان پوزىتسىيىسى باشقىچە بولۇپ، چۈنكى، رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىدا مانېۋىر ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى رەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇ بۇ ھەقتە يەنە بىر موسكۋالىق ئانالىزچى دىمىترىي كورمىلسېۋنىڭ كۆز قارىشىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ:
" خىتاي تەيۋەن مەسىلىسىنى باشقىلار بىلەن باغلاشقا ئۇرۇنماقتا. بىراق، رۇسىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى بۇ مەسىلە بىلەن باغلاش مەقسىتى يوق. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مەنپەئەتلىرى بىر-بىرىگە بەك يېقىن. بۇ ئۆزلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سالاھىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئامېرىكىنىڭ ناھايىتى ئاكتىپ يۈرگۈزۈۋاتقان سىڭىپ كىرىشىگە قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەت".
رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ كۆزلىگەن مەقسەتلىرىدە پەرقلەر مەۋجۇت
ئامېرىكا ئانالىزچىسى كۆپلىگەن تەھلىللەرنى ۋە ئۇچۇرلارنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق بۇ قېتىمقى رۇسىيە –خىتاي ھەربىي مانېۋىرىدىن خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ كۆزلىگەن مەقسەتلىرىدە ھەم ئورتاقلىق ھەم پەرقلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇنىڭ يەكۈنىچە، رۇسىيە ئۈچۈن مۇھىمراق مەسىلە مانېۋىردىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىلغار ھەربىي تېخنىكىلىرىنى نامايىش قىلىش يەنى يادرولۇق ئۇس ئاستى پاراخودلىرى ۋە ئىستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپلانلىرى ۋە باشقىلارغا نىسبەتەن خىتاينىڭ قىزىقىشىنى قوزغاشقا تىرىشىش. چۈنكى، خىتاي بۇ قوراللارنى ئۆزىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان پىلوتىغا تاقابىل تۇرۇشىغا ئىشلىتىشى مۇمكىن.
ئاپتورنىڭ بۇ قاراشلىرىنى خىتاينىڭ نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر نەپەر پروفېسسورىمۇ قۇۋەتلەپ، "رۇسىيىنىڭ بۇ قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىر ئارقىلىق خىتاي بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق ئورنىتىپلا قالماستىن بەلكى، خىتايغا رۇسىيە قوراللىرىنى تېخىمۇ كۆپ سېتىشنى مەقسەت قىلىدىغان "لىقىنى تەكىتلىگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ئىزچىل تۈردە رۇسىيە بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋەتكە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىي ساھەدىكى ھەمكارلىقى تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇش قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، خىتاي ئوفىتسېرلىرىنى رۇسىيە باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ ئالىي ھەربىي مەكتىپىگە ئەۋەتىپ تەربىيىلەش، ھەربىي تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ۋە باشقىلاردۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە خىتاي رۇسىيىنىڭ ئەڭ چوڭ قورال سېتىۋالىدىغان خېرىدارى بولۇش سۈپىتىدە بىلەن ھەر يىلى رۇسىيىنىڭ ئىلغار كۈرەشچى ئايروپلانلىرى ۋە باشقا قوراللارنى كۆپلەپ سېتىۋالماقتا. بۇ جەھەتتە رۇسىيە خىتايدىن ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايدۇ.
خىتاي بىلەن رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى كۆزىتىشكە قاتنىشىدۇ. ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان پىلوتىمۇ مانېۋىرنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتىشى مۇمكىن .
بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ باشلامچىلىقىدا شاڭخەي ھامكارلىق تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىلى ۋىلايىتى تەۋەسىدە ھەمدە قازاقىستاندا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇ قېتىملىق مانېۋىرنىڭ بىۋاستە ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە قارشى تۇرۇش ئىكەنلىكى جاكارلانغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيە تەسىر كۈچىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەمدۇ ؟
- خۇ جىنتاۋنىڭ رۇسىيە زىيارىتى ۋە رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى
- خىتاي - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى قەيەرگە بارىدۇ؟
- خۇ جىنتاۋ، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى رۇسىيىدە زىيارەتتە بولماقچى
- رۇسىيە-خىتاي ۋە ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچراشتى
- خىتاي بىلەن رۇسىيە ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ
- خىتاي ۋە رۇسىيە كېلەر يىلى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكچى