0:00 / 0:00
خىتاي بىلەن رۇسىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىرى باشلىنىش بىلەن تەڭ، تۈركىيىدىكى مەتبۇئاتلار ماقالىلار ئېلان قىلىپ، مانېۋىرنىڭ ئاسىيادا بارغانسەرى كېڭىيىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ تەسىرىدىن بىئارام بولىۋاتقان رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلماقتا.
رۇسىيە – خىتاي ھەربىي مانېۋىرىنىڭ مەقسىتى زادى نېمە؟ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم تۈركىيىدىكى ياۋرو – ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى رۇسىيە تەتقىقاتلىرى بۆلۈمى باشلىقى دوكتور سىنان ئوگان ئەپەندى ۋە تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.