رۇسىيە-خىتاي مەخپىي مۇناسىۋەتلىرى


2007.02.07

rusiye-xitay--shht.jpg
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ 2006 – يىلى 15-ماي كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ شانغەيدە ئېچىلغان يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەرگەي لاۋرون بىلەن . AFP

رۇسىيە بىلەن خىتاي ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنى باشتىن كەچۈرۈش بىلەن بىرگە ھەربىي –سىياسى، سودا- ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق ھەر ساھەلەر بويىچە قويۇق ھەمكارلىق ئېلىپ بارماقتا. ئىككى تەرەپ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشلىرىدا پرېزىدېنت پۇتىن بىلەن رەئىس خۇ جىنتاۋ خىتاي –رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى دەۋرگە كىرگەنلىكىنى مەدھىيىلەپ، خىتاي –رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۇقىرى باھا بەرگەن ئىدى. ئۇنداقتا، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ قويۇق ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقى ھەقىقەتەن سەمىمىيەت ۋە ئىشەنچ ئاستىغا قۇرۇلغانمۇ؟ بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ يەنە قانداق ئارقا كۆرۈنۈشلىرى بار؟

رۇسىيىدە چىقىدىغان "ئازىيا ئىنفو" ناملىق ئۇچۇر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان "رۇسىيە-خىتاي مەخپىي مۇناسىۋەتلىرى" ناملىق ماقالە بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىدۇ.

"رۇسىيە-خىتاي مەخپىي مۇناسىۋەتلىرى" ناملىق ماقالىدە مەزكۇر ئىككى تارىختىن بۇيان بىر –بىرى بىلەن گاھىدا دوستلۇشۇپ، گاھىدا دۈشمەنلىشىپ كېلىۋاتقان ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشلىرى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلاردىن كۆرسىتىلىدۇ.

رۇسىيە –خىتاي ھەربىي مۇناسىۋەتلىرى

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە 2005-يىلى ئاۋغۇستتا رۇسىيە بىلەن خىتاي 40 يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم بىرلەشمە ھەربىي مانىۋەر ئۆتكۈزدى. خىتاي مانېۋىرنىڭ تەشەببۇسى، قاتنىشىدىغان قوشۇنلارنىڭ دائىرىسى ھەمدە مانېۋىرنىڭ پىلانىنى تۈزۈشنى زىممىسىگە ئالغان شۇنىڭدەك مانېۋىرنىڭ نىشانىنىڭ خەلقئارا تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە قارىتىلمايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، بۇ مانېۋىردا دېڭىز، ھاۋا قوشۇنلىرىنىڭ تۈرلۈك ئىلغار تېخنىكىلىرى ۋە جەڭ قىلىش ئۇسۇللىرى نامايىش قىلىنغان بولۇپ، ماس شىتابى ناھايىتى كەڭ بولغان. ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، مانېۋىرغا قاتناشتۇرۇلغان قوشۇن ۋە ھەربىي تېخنىكا ھەم باشقىلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇنىڭ تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇش قىلىش بىلەن مۇناسىۋىتى يوق بولۇپ، بۇ پۈتۈنلەي كەڭ كۆلەملىك، رەسمىي ئۇرۇش تۈسىنى ئالغان. ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر مانېۋىرنىڭ مەقسىتى غەرب دۇنياسىغا خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئاسىيا –تىنچ ئوكيان رايونىغا نىسبەتەن كونتروللۇقنى زىممىسىگە ئالغانلىقىنى، ھېچكىمنىڭمۇ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ھوقۇقلىرىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتىن ئىبارەتتۇر.

لېكىن، ماقالە ئاپتورى بۇ نۇقتا بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ھەر قايسىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا كۆزلىگەن مەقسىتى بارلىقىنى، ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ بىر-بىرىنىڭ ھەربىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش پۇرسىتىگە ئېرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، ئەگەر كەلگۈسىدە خىتاي رۇسىيىنىڭ دۈشمىنىگە ئايلانسا، مەزكۇر مانېۋىر رۇسىيە قوماندانلىق شىتابىغا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئەھۋالى، جەڭ ماھارىتى ۋە تاكتىكىلىرىنى بىلىۋېلىپ، تاقابىل تۇرۇشىدا پايدىلىق بولىدۇ.

مەزكۇر ماقالىدە يەنە خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ بىرلەشمە مانېۋىر ئارقىلىق ئۆز ئىلغار قوراللىرىنى نامايىش قىلىپ، خىتايغا قورال سېتىش رېكلامىسىنى قىلغان. 2000-يىلىدىن بۇيان رۇسىيە خىتايغا ھەر يىلى ئىككى مىليارد دوللار قىممىتىدە ئىلغار كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى سېتىپ بەرگەن بولۇپ، قورال سودىسى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىكى مۇھىم ئامىلدۇر. بىراق، رۇسىيە خىتاي بىلەن بولغان سودىدا خىتاينىڭ رۇسىيىنىڭ ئەڭ مۇرەككەپ، ئىلغار تېخنىكىلىرىغا ئىگە بولۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، قاچان بىر كۈنى ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلاشقاندا بولسا، ئەشۇ رۇسىيە قوراللىرىنى رۇسىيىگە قارشى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا رۇسىيە خىتايغا ئەڭ زامانىۋى مەھسۇلاتلىرىنى بېرىشنى ئىزچىل رەت قىلماقتا.

خىتاي-رۇسىيە ئېنېرگىيە مۇناسىۋەتلىرى

ماقالىدە رۇسىيە-خىتاي ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىدىكى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغا كۆزلىگەن مەقسەتلىرىمۇ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، خىتاي رۇسىيە ئېنېرگىيسىگە ئېرىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا. 2005-يىلى پۇتىن ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى، خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، رۇسىيە ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئۈچىنچى دۆلەتكە سېتىشنى تەشەببۇس قىلغان. پۇتىن بىلەن خۇ جىنتاۋ يەنە رۇسىيىدىن خىتايغا تۇتىشىدىغان گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ھەققىدە پۈتۈشكەن. لېكىن، خىتاي يەنە بىر تەرەپتىن قازاقىستان بىلەن ھەمكارلاشقان بولۇپ، ھازىر ئاتاسۇ- ئالاتاۋ نېفىت تۇرۇبا يولى ئارقىلىق خىتايغا قازاقىستان نېفىتلىرى ماڭدۇرۇلماقتا.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە مەملىكەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئېنېرگىيە جەھەتتە رۇسىيىگە بېقىنىپ قېلىشتىن ساقلانماقچى ھەمدە رۇسىيىگە رىقابەت پەيدا قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق رۇسلار كۆپ ياشايدىغان قازاقىستان ھەرگىزمۇ خىتاي بىلەن ئېنېرگىيە سودىسىنى- دەپ رۇسىيىگە قارشى سىياسەت يۈرگۈزمەيدۇ.

خىتاي –رۇسىيە ۋە شاڭخەي ھەمكارلىقى

"ئازىيا ئىنفو" ئۇچۇر ئانالىز ئاگېنتلىقىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان " رۇسىيە-خىتاي مەخپىي مۇناسىۋەتلىرى" ناملىق ماقالىدە يەنە نوپۇس مەسىلىلىرىمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا قانچىلىك ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىلىشتىن قەتئىي نەزەر، رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىدە خىتاي تەھدىدى يەنىلا كۈچەيمەكتە، 2005-يىلى رۇسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يىراق شەرقنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىد پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ قارىشىچە، يىراق شەرق ئاز نوپۇسلۇق رايون بولۇپ، ھەر يىلى 600 مىڭ ئەتراپىدا قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرى رۇسىيىگە كىرىدۇ.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ خىل كۆچمەنلەر دولقۇنى تەسادىپىي بولماستىن بەلكى، بېيجىڭ تەرىپىدىن پىلانلانغان. خىتاي نوپۇس ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇ رايونلاردىكى تەسىرىنى بارا-بارا ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان.

ماقالىدە يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەسىلىسىدىمۇ بىر قاتار كۆز قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇ كۆز قاراشلارغا تايانغاندا، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن كۆزلىگەن ئۆز ئالدىغا مەقسەتلىرى بار، رۇسىيە بۇ تەشكىلات ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقىدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى كۈچەيتىش، رايوندىكى چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى تىكلەش ھەم ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى سىقىپ چىقىرىش ۋە باشقىلار بولسا، خىتاي بۇ تەشكىلات ئارقىلىق ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت.

ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ئىستىقبالى

ماقالىنىڭ ئاخىرىدا خۇلاسە سۈپىتىدە رۇسىيە –خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە سۆز بولۇپ، يۇقىرىدىكى بىر قاتار تەرەپلەر نەزەر ئېلىنغان ئاساستا خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ بىخەتەرلىك، دۇنياۋى سىياسىي مەسىلىلەردە ھەمكارلاشسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ يېقىن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇزۇن داۋاملىشالمايدىغانلىقى، يېقىن كەلگۈسىدە رۇسىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىشىنىڭ ئېھتىمالى يوقلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ شۇنىڭدەك رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىدە داغىستان ۋە چېچېنىيىدىكىدەك ئىسلام رادىكالىزىمىنىڭ تەھدىدى يوقلۇقى، ئۇ يەردە پەقەت خىتاي تەھدىدى مەۋجۇتلۇقى، خىتاينىڭ رۇسىيىگە بېرىدىغان يوشۇرۇن تەھدىدىنىڭ رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە ۋە يىراق شەرقنىڭ كەلگۈسى بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن غەرب بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى تېزلىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى يەكۈنلىنىدۇ. " ھەقىقەتەن، ئەگەر خىتاي دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچ ھالىتىگە يەتسە، غەرب بىلەن رۇسىيە تېخىمۇ يېقىن ھەمكارلىق نۇقتىلىرىنى تاپىدۇ" دەپ خۇلاسە چىقىرىلىدۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىدا. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.