رۇسىيە بىلەن خىتاي غەربنىڭ "ئەل قائىدە" گە ئوخشاش دۈشمىنىمۇ؟
2006.05.24

رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيانقى ھەمكارلىقلىرى، بولۇپمۇ ئىران مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا مەسىلىلەردىكى ئورتاق مەيداندا تۇرۇپ، ئامېرىكا باشلىق غەرب بىلەن رىقابەتلىشىشى شۇنىڭدەك شاڭخەي گۇرۇھىنى تەشكىل قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىگە تاقابىل تۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى غەرب مۇلاھىزىچىلىرىنىڭ تۈرلۈك تەھلىللىرىنى مەيدانغا چىقارماقتا.
ئەركىنلەشتۈرۈش بىلەن مۇتلەقلەشتۈرۈش ئارىسىدىكى كۈرەش
18-ئەسىردىن ئېتىبارەن دۇنياۋى سىياسەت ئەركىنلەشتۈرۈش بىلەن مۇتلەقلەشتۈرۈش ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا ئىپادىلەنگەن بولسا، ئەركىن قۇدرەتلىك دۆلەتلەر 20-ئەسىردىكى سوغۇق ئۇرۇش ۋە قوراللىق ئۇرۇش مەزگىللىرى جەريانىدا مۇتلەقلىق ئىدىيىسىگە قارشى كۈرەش قىلىپ كەلدى. 1989-يىلىدىن كېيىن بولۇپمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن، ئەركىنلىك ئىدىيىسى بىلەن كوممۇنىستىك مۇتلەقلەشتۈرۈش ئىدىيىسى ئارىسىدىكى كۈرەش ئاخىرلاشتى دەپ قارالغان بولسىمۇ، ئەمما يېڭى زىددىيەتلەر يەنى دىنىي، مىللىي ۋە مەدەنىيەت قارشىلىقلىرى مەيدانغا چىقتى.
ئىتالىيىدىكى La Repubblica گېزىتى" دە "رۇسىيە بىلەن خىتاي غەرب ئەركىنلىك ئىدىيىسىنىڭ "ئەل قائىدە" گە ئوخشاش دۈشمىنى بولامدۇ" دېگەن تېمىدا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان.
ماقالە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا رۇسىيە غەربچە ئەركىنلىشىش يۆلۈنۈشىگە قاراپ مېڭىش يۈزلىنىشىدە بولغان. خىتايدىمۇ دۆلەت ئىچىگە نىسبەتەن سىياسىي ئەركىنلەشتۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقاندەك شۇنىڭدەك ئەركىن چەت مەملىكەتلەر بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىشلار يۈز بېرىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىلگەن ئىدى. بىراق، بۈگۈنكى كۈندە ۋەزىيەت ئۆزگەرگەن بولۇپ، گەرچە ئىقتىسادىي جەھەتتە زور كۆتۈرۈلۈش بولسىمۇ، ئەمما خىتاي رەھبەرلىرى ئۆزىنىڭ بىر پارتىيىلىك ھاكىمىيىتىنى كۈچەيمەكتە، خەلق بولسا، سىياسىي مۇستەبىتلىك بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات ماسلاشقان "خىتاي مودېلى" ھەققىدە سۆزلىمەكتە. رۇسىيە رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ بۇ دۆلەتتىكى زور نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپاسلىرىغا تايىنىدىغانلىقىغا قارىماي، خىتاينىڭ مەزكۇر مودېلىنى قوللىماقتا.
رۇسىيە بىلەن خىتايدىن ئەركىنلەشتۈرۈشنى كۈتۈش قىيىن
ئىتالىيە گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، غەرب دۆلەتلىرى تېخى يېقىنغىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيىنى خەلقئارا ئەركىن جەمئىيەت تەركىبىگە ئېلىپ كىرىپ، ئۇلارنى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىش ئارقىلىق رۇسىيە بىلەن خىتايغا ئەركىنلىك قىممەت قاراشلىرىنى ئۆگىتىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىستراتېگىيە پەقەت رۇسىيە ۋە خىتاي جەمىيەتلىرىدە ئۆزگىرىش بولۇشىغا باغلىقتۇر. مەزكۇر ئىتالىيە گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، ئەگەر رۇسىيە بىلەن خىتاي ئۆزلىرىنىڭ مۇتلەقلىق ئىدىيىلىرى بىلەن تەرەققى قىلسا، بەلكى ئۇلارنىڭ غەرب دېموكراتىك ئىدىيىلىرىنى قوبۇل قىلىشىنى كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس.
ئىتالىيە گېزىتى La Repubblica نىڭ يېزىشىچە، رۇسىيە ۋە خىتاي ئەركىنلەشتۈرۈش بىلەن قارىشىلاشماقچى، بۇنىڭ ئىپادىلىرى ھازىرمۇ كۆرۈلگەن بولۇپ، ئۇلار سۇدان، ئىران، بېلارۇسىيە، ئۆزبېكىستان، زىمبابۇۋﯤ ۋە بىرما قاتارلىق ئەللەرگە نىسبەتەن جازالاش قارارلىرىنىڭ چىقىرىلىشىغا قارشى تۇرماقتا. بۇلارنىڭ ھەممىسى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ماددىي ئېھتىياجىغا باغلىنىشلىق بولۇپ، خىتاي ئىران بىلەن سۇداننىڭ نېفىتلىرىگە ئېرىشىشنى، رۇسىيە بولسا ئاتوم رېئاكتورلىرى ۋە قوراللىرىنى سېتىش ئارقىلىق نەچچە يۈز مىليونلىغان دوللارغا ئىگە بولۇشنى خالايدۇ. ھەتتا رۇسىيە بىلەن خىتاي كەلگۈسىدە ئۆزلىرى ئۈستىدىنمۇ جازالاش قارارلىرىنىڭ چىقىرىلىپ قېلىشىدىن قورقىدۇ.
رۇسىيە بىلەن خىتاي غەربنىڭ يەر شارىدا بولۇپمۇ، ئۇلارنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەتلىرى مەۋجۇت جايلاردا ئەركىنلەشتۈرۈش سىياسىتىنى تارقىتىشىغا نىسبەتەن سەلبىي قارايدۇ. ئۇكرائىنىيە، گرۇزىيە ۋە قىرغىزىستاندىكى "رەڭلىك ئىنقىلابلار"غا رۇسىيە بىلەن خىتاي سەلبىي قارىغان بولۇپ، ئەمما، غەرب دۆلەتلىرى بولسا، بۇنى ئەركىنلەشتۈرۈش ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتى دەپ ھېسابلىدى. بىراق، رۇسىيە بىلەن خىتايدا بۇ ھەرىكەتلەر غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشى ۋە تەشكىللىشى ئاستىدىكى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مەنپەئەتلىرىنى چەكلەيدىغان سىياسىي ئۆزگىرىش دەپ قارالدى.
رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ھەقىقى مۇناسىۋەت ئەمەس
مەزكۇر ئىتالىيە گېزىتى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ خاراكتېرىگە باھا بېرىپ، ئەركىنلەشتۈرۈش بىلەن مۇتلەقلەشتۈرۈش ئارىسىدىكى كۈرەشنىڭ تېخى دۇنيانى ئايرىپ بولالمىغانلىقىنى، چۈنكى، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەقىقى ئىتتىپاقچىلار ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەر ئىككىلىسىلا ئەركىنلەشكەن غەربنىڭ بازارلىرىغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئەمەلىيەتتە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەر ئىككىلىسىنىڭلا غەرب ئەركىن دۆلەتلىرى بىلەن ئورتاق مەنپەئەتلىرى مەۋجۇت.
ئاپتورنىڭ خۇلاسە چىقىرىشىچە، ھازىرقىدەك ئەھۋال ئاستىدا غەربنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيىدە ئەركىنلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشى ئەمەلىيەتتە، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ غەربكە قارشى نا رەسمى ئۆكتىچى ئىتتىپاقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۈگۈنكى كۈندە "ئەل قائىدە" غەربنىڭ ئەركىنلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرالايدىغان ئەڭ ئاساسلىق ۋە بىردىن بىر تەھدىت بولالماسلىقى مۇمكىن.
ئىتالىيە گېزىتى" لا رەپۇببلىكا " خۇلاسە سۈپىتىدە خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ غەربكە قارشى ئاساسىي تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقلار
- خىتاي بىلەن رۇسىيە ئاسىياغا ھۆكۈمرانلىق قىلماقچىمۇ؟
- رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى قاراشلار
- ئەجدىھا يولى
- خىتاي بىلەن رۇسىيە قازاقىستان نېفىتىنى تالاشماقتا
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى غەربكە قارشى كۈچ ئۇيۇشتۇرماقتا
- خىتاي- رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى كىمگە قارىتىلدى؟
- رۇسىيە بىلەن خىتاي ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتمەكتە
- خىتاي ئاسىياغا تەھدىتمۇ؟