
قانات: ھۆرمەتلىك Sabin Willett ئەپەندى ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە. شۇڭا ئۇلار سىزنىڭ گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىڭىزنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە. ئامېرىكا فېدېرال سوتىنىڭ ئۆتكەن يىلى 12- ئاينىڭ 22- كۈنىدىكى قارارىدىن كېيىن يەنە قانداق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ھەقتە بىرئاز مەلۇمات بېرەمسىز ؟
Sabin Willett ئەپەندى : 22- دېكابىر كۈنى فېدېرال سوتچى گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى ئۇيغۇر تۇتقۇن ھەققىدە قارار چىقىرىپ، ئۇلارنىڭ گۇاناتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى ھۆكۈم قىلدى. لېكىن سوتچى چىقارغان ھۆكمىدە ئۇلارنى قويۇپ بېرىش سالاھىيتىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
بىز فېدرال سوتچىنىڭ ھۆكمىدىن بىر كۈن كېيىنلا، فېدېرال سوتنىڭ ھۆكمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئوتتۇرا سوتقا ئەرز سۇندۇق. بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئالىي سوتقىمۇ ئەرز سۇنۇپ، ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ بۇ مەسىلىنى دەرھال كۆرۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدۇق. ھازىر بىز ئوتتۇرا سوت ۋە ئالىي سوتنىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋاتىمىز. بۇ سوت جەريانى ناھايىتىمۇ ئاستا ماڭىدىغان بىر جەريان. شۇڭا بىز ھەر ئىككى سوتقا داۋاملىق خەت يېزىپ ئۇلاردىن بۇ مەسىلىنى تېزدىن قولغا ئېلىشىنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. ئالىي سوت ئاپرىل ئېيىغىچە مەسىلىنى كۆرۈپ چىقىشنى قوبۇل قىلىدىغان، قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا بىر ھۆكۈم چېقىرىشى مۇمكىن. ئەمما ئوتتۇرا سوت مەسىلىنى چوقۇم كۆرۈپ چىقىدۇ. قاچان بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەلمەيمەن، لېكىن ئەتىيازدا سوت ئېچىلىشى مۇمكىن دەپ قارايمەن.
قانات: سىزچە ئوتتۇرا سوت قانداق بىر ھۆكۈم چېقرىشى مۇمكىن؟
Sabin Willett ئەپەندى : مەن خىلى ئۈمىدۋارلىق ئىچىدە تۇرۇۋاتىمەن. ئوتتۇرا سوت بۇ دۆلەتتە كىشىلەرنىڭ سەۋەبسىز تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇلارنى قويۇپ بېرىش توغرىسىدا بىر يول تېپىش ئۈچۈن، مەسىلىنى ھۆكۈم چىقارغان سوتقا قايتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. مىنى ئەندىشىلەندۈرىۋاتقان مەسىلە، بۇ سوت جەريانى ناھايىتى ئۇزۇن داۋاملىشىپ كېتىشى. ياز ئايلىرىغىچە بىر جاۋاب چىقماسلىقى مۇمكىن. بۇ سوت جەريانى يەنى ئادىل ۋە ئابابەكرىنىڭ ئىشى بىر تەرەپ بولمىغۇچە، گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان باشقا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئىشىنىڭ بىر تەرەپ بولۇشى قىيىن. چۈنكى ئۇلارنىڭ مەسىلىسىگە قاراۋاتقان فېدېرال سوتچىلار ھۆكۈم بېرىش ئۈچۈن ئوتتۇرا سوتنىڭ ئادىل ۋە ئابابەكرىنىڭ مەسىلىسىدە قانداق ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى كۈتمەكتە.
قانات: ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىسىتىرلىقى گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ ئىسىملىرىنى ۋە دۆلەت تەۋەلىكىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ گۇانتانامودىكى ئۇيغۇلار مەسىلىسىگە تەسىرى بولامدۇ؟
Sabin Willett ئەپەندى : ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇندىن بۇرۇن گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ سوراق خاتىرىلىرىنى ئېلان قىلغان. لېكىن سوراق خاتىرىلىرىدە مەھبۇسلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە دۆلەت تەۋەلىكى يېزىلغان يەرلەرنى ئۆچۈرۈۋەتكەن. لېكىن ئۆتكەن ھەپتە مەزكۇر سوت خاتىرىلىرىنى مەھبۇسلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە دۆلەت تەۋەلىكى بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلدى.

ئەمما بۇ سوت خاتىرىلىرىدە مەھبۇسلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە دۆلەت تەۋەلىكى بىر رەت بويىچە ئېلان قىلىنمىغان. بىر ئىسىمنى تېپىش ئۈچۈن پۈتۈن ھۆججەتكە قاراپ چىقىش كېرەك. ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سوت خاتىرىلىرىدىن ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئىسمىلىرىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن بىر ھەپتە ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن. سوت خاتىرىلىرىنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتغا ئىگە بولىمىز. بۇنىڭ يەنە قانداق تەسىرى بولىدىغانلىقىنى ۋاقىت كۆرسىتىدۇ.
قانات: ھۆرمەتلىك سېبىن ئەپەندىم، سىز گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇتۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تۈرمىدىن قۇتقۇزۇپ، ئەركىنلىككە چېقىرىش ئۈچۈن ئۆز خىراجىتىڭىز بىلەن سوتتا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆپ تەرەپلىمە پائالىيەتلىرىڭىزدىن باشقا يەنە، ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنىڭ گۇانتانامودىكى مەھبۇسلار بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى قوزغاش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتىسىز. بۇ پائالىيەتلىرىڭىز قانداق نەتىجە بېرىۋاتىدۇ. ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىيالىدىڭىزمۇ ؟
Sabin Willett ئەپەندى : بىز ئامېرىكا خەلقىنىڭ بۇ پائالىيەتلىرىمىزگە قايتۇرغان جاۋابىدىن ناھايىتى مىننەتدارمىز. بىزگە ئامېرىكا خەلقىدىن گۇانتانامودىكىلەرنى تۇتۇپ تۇرۇشنىڭ خاتا ئىكەنلىكى ۋە بۇ خاتالىقنى تۈزىتىش كېرەكلىكى ھەققىدە نۇرغۇن ئىنكاسلار كېلىۋاتىدۇ. لېكىن ئەپسۇس خەلقىنىڭ كۆرسەتكەن بۇ ھېسداشلىقى تېخى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ۋە سوتقا كېرەكلىك تەسىرىنى كۆرسىتەلمىدى. ئەمما بىز پائالىيتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ پائالىيەتلەردىن باشقا يەنە، مەلۇم دۆلەتلەر بىلەن گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا سىياسىي پاناھلىق بېرىش توغرىسىدا سۆھبەتلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ.
قانات: ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى، ئوتتۇرا سوتقا گۇانتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلارنىڭ ئۇ يەرگە قانداق بېرىپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ئورنى، ھازىرقى ئەھۋالى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى ۋە خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقى قاتارلىقلار تونۇشتۇرۇلغان بىر دوكلات ئەۋەتىپ، سوتتىن ئۇلارغا باشقىلاردىن پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. سىزچە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ بۇ دوكلاتىنىڭ سوتنىڭ ھۆكمىگە بىر تەسىرى بولۇشى مۇمكىنمۇ؟
Sabin Willett ئەپەندى : بۇ مەسىلىنى سورىغانلىغىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەخمەت. بەزى ئەھۋاللاردا بىر سوتنىڭ ھۆكمىگە نارازىلىق ئەرزى سۇنۇلغاندا، بۇ دېلو بىلەن ئالاقىسى بولمىغان لېكىن سوتنىڭ توغرا قارار چىقىرىشى ئۈچۈن تىرىشىدىغان ئۈچىنچى بىر تەرەپ، ئوتتۇرا سوتنىڭ ھۆكمىگە تەسىر قىلىش ئۈچۈن سوتقا بىر خەت سۇنىدۇ. بۇ خەتنى قانۇن تىلىدا ئامىكىس خېتى دەيدۇ.
گۇانتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلار ھەققىدە ئوتتۇرا سوتقا ئىككى خەت سۇنۇلدى. بۇ خەتلەر ئوتتۇرا سوتنىڭ قانداق ھۆكۈم چېقىرىشىدا ناھايىتى چوڭ رول ئوينايدۇ. بۇ خەتلەرنىڭ بېرى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن سۇنۇلدى. بۇنىڭ ئۈچۈن بىز كۆپ رەخمەت ئېيتىمىز. ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ دوكلاتى بولۇپمۇ، سوتچىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ كىم ئىكەنلىكى، گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق قىلىپ ئۇ يەر گە كېلىپ قالغانلىقى، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇلارنىڭ ئامېرىكا جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇپ، ئامېرىكا جەمئىيىتى بىلەن ماسلىشىپ ياشاۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ.
گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوتتۇرا سوتقا سۇنۇلغان ئىككىنچى ئامىكىس خىتىمۇ ناھايىتى مۇھىم ۋە سوتنىڭ ھۆكمىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر خەت. بۇ خەت بىر گۇرۇپپا دەم ئېلىشقا چىققان ئامېرىكا فېدرال سوتچىلىرى تەرىپىدىن سۇنۇلغان. بۇ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بىر ئەھۋال. ئۇلار خېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ گۇانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلۇشىنىڭ ئامېرىكا قانۇنلىرىغا ۋە قىممەت قارىشىغا خىلاپ بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
قانات: ھۆرمەتلىك سېبىن ئەپەندىم، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك، گۇانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى پۈتۈن ئۇيغۇرلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر مەسىلە. ئۇلار سىزنىڭ ھەقسىز، ئۆز ئىختىيارىڭىز بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىڭىزنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار سىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا بۇنداق كۆپ قىزىقىشىڭىزنىڭ سەۋەبىنى بېلىشنى خالايدۇ.
Sabin Willett ئەپەندى : ئۇيغۇلارغا ھەقسىز خىزمەت قىلىۋاتقان مەنلا ئەمەس، بىزنىڭ قانۇن شىركىتىمىزدە ئىشلەۋاتقان پۈتۈن ئادۋۇكاتلار. شىركەتتىكى نۇرغۇنلىغان كەسىپداشلىرىم، بىزنىڭ ئىدارىدە ئىشلەۋاتقان نۇرغۇن كادىرلار بۇ ئىش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىۋاتىدۇ. بىزنىڭ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈشىمىزنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دۆلىتىمىزنىڭ گۇانتانامودا كىشىلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ئارقىلىق ئىشلىگەن خاتالىقىنى تۈزىتىشتىن ئىبارەت. بىز گۇانتانامونىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. مەن ئۇيغۇرلار بىلەن تونۇشقانلىقىم ئۈچۈن كۆپ خوشالمەن.