سەنشا بوغۇزى خەلققە نىمە ئېلىپ كەلدى؟
2006.05.23
- سەنشا بوغۇزىنى تۇغانلاش قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى 2000 يىلدىن بۇيانقى مەدەنىيەت تارىخىدا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت دەپ تەبرىكىلىدى. بۇ قۇرۇلۇش ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان 100 نەپەر ئەربابنى ئەسلەپ ئۆتتى، - دەپ بايانىنى باشلايدۇ ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان "تەيمىس گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى مايكول شېرىدان، - سەنشا بوغۇزىنى تۇغانلىغۇچىلار "سەنشانى تۇغانلاش قۇرۇلۇشى ئەلمىساقتىن تارتىپ بۇ جايدا ھەر يىلى بولۇپ تۇرىدىغان كەلكۈن ئاپىتىنى ئاياقلاشتۇردى، چاڭجاڭ ۋادىسىدىكى مىڭ يىللاپ كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زىيىنىنى تارتىپ كېلىۋاتقان خەلقنى قۇتقازدى، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ھۆكۈمەتنىڭ "ئىرادىسى" نىڭ غەلىبىسى، دەپ تەشۋىق قىلدى. بۇرۇن بۇ تەشۋىقاتچىلار "ھۆكۈمەتنىڭ ئىرادىسى پەيدا قىلغان" يامان ئاقىۋەتلەرنى تىلغان ئالماي كەلگەن بولسىمۇ، ئەمدى سەنشا ئىنجىنېرلىرى بۇ تۇغان ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى بىر كۇزۇپ سىمۇنت لاينى تۆكۈلۈپ بولغاندا، ئاندىن قۇرۇلۇش جەريانىدا يۈز بەرگەن ئۈلۈم -يىىتم سانىنى ئېلان قىلدى.
- ئەمەلىيەتتە سەنشا بوغۇزىنى توغانلاش قۇرۇلۇشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ سانى ئاران 100 نەچچە ئەمەس، - دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان "تەيمىس گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى مايكول شېرىدان، - بۇ رايوندا يەنە ئەجدادلىرىدىن قالغان بارلىق مىراسلىرىدىن مەھرۇم بولغان سان-ساناقسىز ئادەم بار. مۇشۇ تۇغان پۈتكەندىن كېيىن، 8000 ئورۇندىكى ئەسارە-ئەتىقە، 1610 ئورۇندىكى زاۋۇت مۇشۇ 600 كىلومىتىرلىق ئۇزۇنلۇقتىكى چوڭ تۇغان دائىرىسىدە سۇنىڭ تېگىدە قالدى. دەريالارنىڭ سۈيى توسۇلۇپ، سۇ ئۆرلىگەنسىرى ئۆي -ماكانلىرى سۇنىڭ تېگىدە قالغان، دەرد-پەرياتىنى ھۈكۈمەتكە ئاڭلىتالماي، ئامالسىز ھالدا ئۆي -ماكانىدىن كۆچۈپ كېتىپ سەرسان بولغان 1 مىليون 300 مىڭ پۇقرا بار. بۇ چوڭ تۇغان دائىرىسىدە سۇ تېگىدە قالغان زاۋۇتلارنىڭ زەھەرلىك ماددىلىرى ھازىر سۇغا ئارىلىشىپ، بۇ ئىقلىمدىكى ئىكولوگىىلىك تەڭپۇڭلۇقنى مەڭگۈلۈك بۇزماقتا. بۇ ۋادىدىكى بېلىقچىلار ئەمدى تور سېلىپ تىرىكچىلىك قىلىشتىن ئۈمىد ئۈزۈپ، كۆمۈر كان ئىشچىسىغا ئايلىنىشنى سىناق قىلماقتا. تۇغاننىڭ باش ئېقىنىدىكى داچاڭ شەھەرچىسىنىڭ ئاھالىلىرىمۇ ئۆي -ماكانلىرىنى نىڭخې دەرياسىدا بىنا قىلىنغان ۋېيشۇي تۇغانىغا تاشلاپ بىرىپ، ئاتا مىراسلىرى بىلەن ۋىدالىشىشقا باشلىدى.
ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان "تەيمىس گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى مايكول شېرىداننىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ سەنشا بۇغۇزى ئەتراپىدا، دەريا بويلاپ نەگىلا بارسا، يۇرت -ماكانىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈپ دېلى ئازارلانغان پۇقرالارنىڭ يىغا-زارىنى ئاڭلىغان. ھۆكۈمەت بۇ ئەتراپتىكى خەلققە تا ساقچىلار مىلتىقىنى تەڭلەپ كەلگىچە "ئۆي بېرىمىز"، "پۇل بېرىمىز" دەپ چىرايلىق ۋەدە بىرىپ تۇرغان. خەلق ھەر قېتىم كۆچۈشكە مەجبۇرلىنىپ باستۇرۇلغاندىن كېيىنلا، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ئىدىيىۋىي خىزمەت ئىشلەيدىغان گۇرۇپپىلىرى تۈركۈم - تۈركۈملەپ كېلىپ، باستۇرۇپ بوي سۇندۇرالمىغان خەلقنى ئالداپ جىمىقتۇرغان.
- 19 ئەسردە، ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى مەنخاتون رايونىدىكىدا 38 سترو كۆۋرۈك بىنا قىلىنىپ، شۇنىڭدىن كېيىن قاتناش جانلىنىپ، شەھەر بىردىنلا ئاۋاتلىشىپ كەتكەنگە ئوخشاش، ھازىر سەنشا بۇغۇزىدىن 600 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى چوڭچىڭ شەھىرىمۇ بىردىنلا ئاۋاتلىشىپ كەتتى ،- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان "تەيمىس گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى مايكول شېرىدان، -- چوڭچىڭ شەھىرى بىلەن سەنشا بوغۇزىدىنىڭ ئارىلىدىكى ۋەنجۇ شەھىرىدە ليۇ فامىلىلىك بىر كىشى "بىزنىڭ ئۆي -زىمىنىمىز يوقالغان بولسىمۇ، ئەمما بىزگە سودا -تىجارەت قىلىدىغان يېڭى پۇرسەتلەرمۇ كەلمىدى ئەمەس" دېگەن. ئۇنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، ھازىر سەنشا بوغۇزىدا شەھۋانىي تىجارەت ناھايىتى ئەۋج ئالغان.
- سەنشا قۇرۇلۇشنى سىياسىي جەھەتتە لايىھىلىگەن لى پېڭنىڭ ئىز باسارلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، سەنشا بوغۇزى دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ تۇغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق بىر غايەت زور قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئاران 200 مىليارد يۇەن سەرپ قىلىنغان،- دەپ بايانىنى داۋاملاشتۇرىدۇ ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان "تەيمىس گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى مايكول شېرىدان، -- ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن 4 ھەسسە كۆپ. شۇنداق ئېيتىشقا بولدىكى، بۇ قۇرۇلۇش پەقەت ھۆكۈمەتنىڭلا زور غەلىبىسى. ھۆكۈمەت بۇ جايدىكى شەھەرچىدىن 100 مىڭ نۇپۇسنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا 1 مىليون 400 مىڭ نۇپۇسلۇ ق بىر شەھەر قۇرۇپ چىقتتى. بۇ ھازىر "خىتاينىڭ سۇ ئىلكتىر پايتەختى" دەپ ئاتىلىدۇ. ھۆكۈمەت ھازىر بۇ قۇرۇلۇشتىن 2008 - يىلىغا كەلگەندە 800 مىليارد 470 مىليۇن كىلوۋات ئىلكىتىر قۇۋىتى ھاسىل قىلىنىپ، نۇپۇسى بىر مىليوندىن ئاشىدىغان 28 شەھەرنى ئىلىكتىر قۇۋىتى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ، دەپ تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ چوڭ قۇرۇلۇش ئارقىلىق بۇ ۋادىنىڭ مۇھىتى قانچىلىك بۇلغىنىدىغانلىقىنى ھەرگىز تىلغا ئالمايدۇ. (ۋەلى)
- خۇ جىنتاۋ كېلەر ئايدىن باشلاپ دەريا ۋە كۆللەردىكى سۇنى دېھقانلارغا ساتماقچى
- خىتاي- ھىندىستان ئىستراتېگىيىلىرىدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلە (2)
- خىتاي ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت ۋە ئىچىملىك سۇ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانماقتا
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ ۋە ھاۋانىڭ بۇلغىنىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالماقتا
- بۇلغانغان سۇ ئۇيغۇر ئېلىدە 5 مىليوندىن كۆپ كىشىگە تەھدىت بولماقتا