ئۇيغۇر بالىلىرى ئالدانماقتا، سېتىلماقتا، سەرگەردان بولماقتا ..... (2)


2004.12.24

مەيلى خىتاي ئۆلكىلىرىدە بولسۇن ۋە ياكى ئۇيغۇر ئېلىدىكى چوڭ شەھەرلىرىدە بولسۇن، سەرسان ھايات كەچۈرۈۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى، ئالداپ كېتىلگەن ياكى سېتىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇلار جەمىيەتتە ئىگە چاقىسىز ناھايىتى ئېچىنىشلىق ھاياتنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە.

ئۇيغۇر بالىلارنىڭ سەرگەردانلىققا يۈزلىنىش ئەھۋالىنىڭ بارغانچە ئېغىرلاۋاتقانلىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى . ئۇلار خىتايدا سەرگەردان بالىلار مەسىلىسىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە جەمىيىتىنىڭ بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكى ۋە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئىقتىسادى ئورنىنىڭ تۆۋەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ھەم مىللىي ئەدەپ ئەخلاق قارىشىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقى سەۋەب بولماقتا دەپ مۇلاھىزە قىلماقتا.

بۇ ھەقتە ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېليار ئەپەندى ھەمدە كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى گۈزەل خانىملارنىڭ بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىنى ئاڭلاپ كۆرۈڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.