ئۆزبېك ۋە قىرغىز سىياسىيونلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەققىدىكى قاراشلىرى
2006.06.14
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەسىس قىلىنغىنىغا بۇ يىل بەش يىل توشتى. مەزكۇر تەشكىلات دەسلەپتە قۇرۇلغاندا شاڭخەي بەشلىكى دەپ ئاتىلىپ، پەقەت چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مۇددىئا قىلغان بولسا، كېيىن ئاستا-ئاستا مەزمۇن دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، بىخەتەرلىك مەسىلىسى ۋە تېررورچىلىق، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش شۇنىڭدەك رايوننىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش شۇئارى بىلەن مەيدانغا چىقتى.
15 - ئىيۇن كۈنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ۋە بىر قىسىم كۆزەتكۈچى سالاھىيەتتىكى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى شاڭخەيگە جەم بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىدىن بىشارەت بېرىشتى. مەلۇمكى، شاڭخەي ھەمكارلىقى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشنى ئۆز ئالدىغا قويغان ئاساسىي مەقسەتلىرىنىڭ بىرى قىلىپ كەلمەكتە
شاڭخەي ھەمكارلىقى ئۆز مەقسىتىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە كېڭەيتمەكتە
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا رۇسىيە ۋە خىتاي شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان رەھبەرلىرى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىگە جەم بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 5 يىللىقىنى خاتىرىلىمەكتە.
بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇنىڭغا يادرو پىلانى مەسىلىسىدە ئىزچىل تۈردە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىگە بىلەن قارشىلىشىپ كېلىۋاتقان ئىران پرېزىدېنتى ماخمۇد ئەخمەدىنىجات ھەمدە ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ كېلىۋاتقان ئافغانىستان پرېزىدېنتى خامىد كارزاي قاتارلىقلارمۇ كۆزەتكۈچىلەر سۈپىتىدە ئىشتىراك قىلغان.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دەسلەپتە 1996 - يىلى خىتاي رەئىسى جاڭ زېمىن بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى بورىس يېلتسىننىڭ تەشەببۇسى ھەم قوللىشى بىلەن شاڭخەي بەش دۆلەت تەشكىلاتى دېگەن نام ئاستىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇھىم مۇددىئا قىلىنغان ئىدى. بىر قانچە يىللىق ھەمكارلىقلار ۋە سۆھبەتلەر نەتىجىسىدە خىتاينىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان چېگرىلىرى بېكىتىلىپ، تالاش-تارتىشلار ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان چېگرا مەسىلىسى ئۈزۈل- كېسىل ھەل بولدى دەپ جاكارلاندى.
شاڭخەي بەشلىكى 2001 - يىلى ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن رەسمىي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دەپ ئاتالدى ھەم ھەمكارلىق مەزمۇن دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە كېڭەيتتى ھەم كېڭەيتمەكتە.
شاڭخەي ھەمكارلىقىدىكى دۆلەتلەر ئامېرىكىغا، دېموكراتىيىگە قارشى ئىدېئولوگىيىگە ھەرىكەت باشلىدى. بۇ ئۇلارنىڭ دېموكراتىيىدىن قورققانلىقى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تۈپ مەقسىتى –دېموكراتىيىگە قارشى تۇرۇش
شاڭخەي ھەمكارلىقى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، مەزكۇر تەشكىلات ئۆز مەقسىتىنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، قانداقتۇر باشقا دۆلەتلەرگە قارشى ئەمەسلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ ھەربىي تەشكىلات ئەمەسلىكىنى تەكىتلىسىمۇ، لېكىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى كۆزەتكۈچىلەرنى باشقىچە قاراشلارغا ئېلىپ كەلمەكتە.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى سىقىپ چىقىرىش ھەمدە رايوندا دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتىنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى ھەم پارلامېنت ئەزاسى جاھانگىر مەمەتوپ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ھازىر خىتاي بىلەن رۇسىيە دېموكراتىيىنى توسۇش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن يېقىنلىشىشنى خالىغان ھەر قانداق بىر دۆلەتنى يېنىغا تارتىشقا تەييار.
جاھانگىر ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا كۆزلىگەن ئايرىم ھەم ئورتاق مەقسەتلىرى مەۋجۇت بولۇپ، ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دېموكراتىيىگە ئەڭ قارشى، مۇستەبىتلىك بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان رەھبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تۈزۈمىنى ۋە ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەقسىدى كەلگۈسىدە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىشغال قىلىشمۇ؟
جاھانگىر مەمەتوپ بىلەن رامىزان دىرىلدايېۋنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ مەقسىتى يەنىلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئارقىلىق كەلگۈسىدە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىشغال قىلىشتىن ئىبارەت.
قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى، قىرغىزىستان ئىنسان ھوقۇقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى رامىزان دىرىلدايېۋ ئەپەندى قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقان ئۆكتىچى رەھبىرى بولۇپ، ئۇنىڭ قارىشىچە، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېۋنىڭ يېقىندا خىتايغا بېرىپ، خىتاي بىلەن بىر قاتار كەلىشىملەرنى تۈزۈشى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق يىغىنىغا قاتنىشىشى قىرغىزىستاننىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن زىيانلىقتۇر، ئۇلار بۇ ئەھۋالنى چۈشەنمەيدۇ.
ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىۋاتىدۇ.
رامىزان دىرىلدايەۋنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان شەڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھەم كۆزەتكۈچى دۆلەتلەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە تېررورىزمغا زەربە بېرىش نامى ئاستىدا بىرلىكتە زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا. بۇ شاڭخەي ھەمكارلىقنىڭ ئاساسىي نىشانلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ قارىشىچە؛ بۇنىڭدىكى سەۋەب ھازىر، ئۇيغۇرلار خىتاي سىياسىتىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئاشكارىلىۋاتىدۇ.
ئۆزبېك سىياسىيونى جاھانگىر مەمەتوپ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ئىسلام كەرىموپ بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزبېكلەرنىڭ قېرىنداشلىرى ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇرلارنى چۆچۈتۈش ھەم ئالداشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ھازىر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۆز ماھىيىتىنى ھەربىي تەشكىلاتقا ئايلاندۇرۇش قەدەملىرىنى باسماقتا. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يېقىندا بىر يەرگە جەم بولۇپ، تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشكە پۈتۈشتى. خىتاي بۇ دۆلەتلەردىن "ئۈچ خىل كۈچ"لەرگە زەربە بېرىش نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە بىرلىكتە زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلىشنى ھەر بىر قېتىملىق يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە قويغان. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى مەقسىتى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقلار
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئامېرىكىغا قارشى
- شاڭخەي ھەمكارلىقى رامكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى
- ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەلگۈسى زور
- شاڭخەي ھەمكارلىقى كىمگە كېرەك؟
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى غەربكە قارشى كۈچ ئۇيۇشتۇرماقتا
- "ئوتتۇرا ئاسىيا بىرلىكىگە زەربە" ماۋزۇلۇق ماقالىنىڭ ئاپتورى بىلەن سۆھبەت
- رۇسىيە بىلەن خىتاي ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتمەكتە
- خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيە تەسىر كۈچىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەمدۇ ؟
- قازاقىستاندىكى سىياسىيون شەرپبېگ ئامېرىكا قوشۇنلىرى مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد ئوتتۇرا ئاسىيادا
- ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتەمدۇ؟
- ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەر شاڭخەي ھەمكارلىقىدىن ئەڭ ئازاپ چەككۈچىلەردۇر