
يېقىندىن بۇيان 19-ۋە 20-ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر قىسىم خىتاي مىلىتارىستلىرىغا باھا بېرىش مەسىلىسىدە بەزى كۆز قاراشلارنىڭ مەيدانغا چىقىۋاتقانلىقى مەلۇم. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشكارا ھالدا ئۇلارنى ئاقلاپ، بىلدۈرۈش ئېلان قىلمىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مىلىتارىستلىقىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، "جۇڭگونىڭ زېمىنىنى قوغداپ قالغانلىقى" نى زور تۆھپە دەپ ھېسابلىماقتا.
شېڭ شىسەيگە ئائىت يېڭى مەلۇماتلار ۋە باھالار
مەلۇمكى، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-40-يىللىرىدا ئۇيغۇر ئېلىنى 11 يىل ئىدارە قىلغان شېڭ شىسەينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەممە مىللەتلەرنىڭ يۈرىكىگە ئۆچمەس داغ قالدۇرغان، ۋەھشىلىكتە تەڭداشسىز بىر جاللات ئىكەنلىكى ئىلگىرى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ھەمدە بۇ ھەقتە باشقىچە باھا بېرىشكە ئاشكارا يول قويۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما يېقىندىن بۇيان ئېلان قىلىنىۋاتقان بىر قىسىم ماتېرىياللاردا ئۇنىڭ ۋەھشىلىكى،100 مىڭلىغان ئادەمنى تۈرمىگە سولاپ ئۆلتۈرگەنلىكى ھەم خانىۋەيران قىلغانلىقىدەك جاللاتلىق قىلمىشى بىر چەتكە قايرىپ قويۇلۇپ، ئۇنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىكى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى تۇنجۇقتۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ستالىننى ئالداپ، ئۇيغۇر ئېلىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىۋەتمەسىن ۋە ياكى مۇستەقىل بولۇپ كېتىشىگە يول قويماستىن ساقلاپ قالغانلىقىنى ئەڭ زور تۆھپە دەپ قاراش خاھىشلىرىنىڭ باش كۆتۈرىۋاتقانلىقى مەلۇم. ھەتتا بىر قىسىم خىتاي تارىخچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەمگەكلىرىدە ئاشكارا ھالدا، ئۇنىڭ خىتاي دۆلىتىنىڭ ئالدىدىكى تۆھپىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكتە.
ئانداقتا قولى ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ قېنى بىلەن بويالغان شېڭ شىسەينى خىتاي دائىرىلىرى ئاخىرى ئاشكارا ۋە رەسمى يوسۇندا ئاقلاپ چىقارمۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ئالدىن تەييارلىقلار كېتىۋاتامدۇ قانداق؟ يېقىندا، خىتاي تىلىدىكى ئىنتېرنېت تورلىرىدىن بىرى www.creaders.com دا شېڭ شىسەيگە ئائىت بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ماقالىدە 50 نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىستلىرى ئىزچىل ھالدا غەزەپلىنىپ كەلگەن شىڭ شىسەينىڭ ماۋ زېدۇڭنىڭ ئىنىسى ماۋ زېمىننى ئۆلتۈرگەنلىك دېلوسى ئاقلىنىشقا تىرىشىلغان. "شېڭ شىسەي ماۋ زېمىننى ئۆلتۈردى، ك گ ب ئارخىپلىرى ھەقىقى جاللاتنىڭ بەلكى سوۋېت كوممۇنىستلار پارتىيىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى" دەپ ئاتالغان مەزكۇر ماقالىدە شىڭ شىسەينىڭ 1943-يىلى 9-ئايدا چېن تىەنچۇ، ماۋزېمىن قاتارلىق كوممۇنىست رەھبەرلىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋاقتىنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكى، ئەمەلىيەتتە بەزى كىشىلەرنىڭ ماۋ زېمىننى 1944-يىلى 6-ئايدا ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمىنىدىكى شېڭ شىسەينىڭ مەخپىي تۈرمىسىدە كۆرگەنلىكى بايان قىلىنغان.
بۇ ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ماۋ زېمىننىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى مۇنداق: گومىنداڭنىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈشنى خالىمىغان شېڭ شىسەي 1944-يىلى يازدا ستالىنغا خەت يېزىپ، شىنجاڭنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى قىلىشنى، ئۆزى رەئىس، ماۋ زېمىننى باش سېكرىتار قىلىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە تۈرمىدىكى ماۋ زېمىن بىلەن بۇ ھەقتە قايتا-قايتا سۆزلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما ماۋ زېمىن بۇنىڭغا قوشۇلمىغان، شۇنىڭ بىلەن شېڭ شىسەي غەزەپلىنىپ، ماۋ زېمىننى ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
يەنە بىر قاراش شېڭ شىسەي ماۋ زېمىننى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئەۋەتىپ بەرگەن بولۇپ، شۇ ۋاقتىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ك گ ب باشلىقى بېرىيا ماۋ زېمىننىڭ شىنجاڭدىكى چوڭ تازىلاشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشلىرىنى بىلگەنلىكى ھەمدە سوۋېت ك گ ب دائىرىلىرىنىڭ شېڭ شىسەي بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىغا قارشى تۇرغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۇنى ستالىندىن يوشۇرۇن ھالدا ئۆلتۈرۈۋەتتى دېگەندىن ئىبارەت.
بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ داھىسى ماۋ زېدۇڭنىڭ ئىنىسى ماۋ زېمىننىڭ شېڭ شىسەي تەرىپىدىن ئەمەس بەلكى، سوۋېت ك گ ب دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرىۋېتىلگەنلىكىنىڭ مەيدانغا چىقىشى تاسادىپىيلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ، بۇ بەلكى ۋەقەنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئارتىش ئارقىلىق، شېڭ شىسەينى ئاقلاشقا بېسىلغان يەنە بىر قەدەم بولۇشى مۇمكىن.
شېڭ شىسەينىڭ ئۆيى ۋە خوجا نىياز ھاجىمنىڭ قەبرىسى
ھەتتا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىنتېرنېت تورىغا شېڭ شىسەينىڭ غەربىي تاغدىكى تۇرالغۇ جايىنىڭ سۈرىتى قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئورۇن گەرچە ئۈرۈمچىدىكى زىيارەت قىلىدىغان تارىخىي جايلار سۈپىتىدە بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئىزچىل تۈردە جاللات دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان شېڭ شىسەينىڭ كونا ئۆيىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك كومپارتىيە كومىتېتى باشقۇرىدىغان مەزكۇر رەسمى ئىنتېرنېت تور بېتىدىن ئورۇن ئېلىشى ھەتتا ئۇنىڭدا كۆرسىتىلگەندەك ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ 104-پولكىنىڭ شېڭ شىسەينىڭ تۇرالغۇ ئۆيىنى قايتا ياساپ چىقىۋاتقانلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئويغا سېلىشى تەبىئىي. ۋاھالەنكى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر ئىنتېرنېت تورىدا ئەشۇ شېڭ شىسەي ئۆلتۈرگەن خوجا نىياز ھاجىمنىڭ، سابىت داموللامنىڭ، قازاقلارنىڭ قەھرىمانى شەرىپخاننىڭ ۋە باشقىلارنىڭ قەبرىلىرىگە، تۇرالغۇ جايلىرىغا ھېچ بولمىغاندا تارىخىي نۇقتىدىن بولسىمۇ ئورۇن بېرىلمىگەن. ھەتتا، مەلۇم بولۇشىچە مەزكۇر زاتلار ياتقان قەبرىستانلىقىنى تۈزلەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بىنا سېلىش ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ، مەزكۇر قەبرىستانلىقنىڭ تەقدىرى غۇۋا ھالاتتە تۇرماقتا.
ئۇيغۇرلار شۇنى بىلىدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى دۈشمەن، مىلىتارىست دەپ ئېلان قىلغان شېڭ شىسەينىڭ تۇرالغۇ جايى قوغدىلىپ ھەتتا ياسالغىنى بىلەن ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ كومىتېتى ئىچىدىكى تۇرالغۇ جايى ئاللا-بۇرۇن چېقىپ تۈزلىۋېتىلدى.
ئىنكاسلارغا قارىغاندا، يەنە خىتاي تىلىدا شېڭ شىسەينىڭ تەرجىمھالى ۋە ھاياتىغا ئائىت ئەسەرلەرمۇ ئېلان قىلىنىپ، كەڭ تارقىتىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭدىن مەلۇم يىللار ئىلگىرى شېڭ شىسەينىڭ قىزى ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغاندا ئۇ دادىسىنىڭ نامىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ناھايىتى ياخشى كۈتۈۋېلىنىشقا ئېرىشكەن ئىكەن.
ئومۇمەن، ھازىر خىتاي تىلىدىكى بىر قىسىم ماقالىلار ۋە كىتابلاردا زو زوڭتاڭ، ياڭ زېڭشىڭ، شىڭ شىسەي قاتارلىقلارنى ئاقلاپ، ئۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ بىرلىكىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى خەلقنى باستۇرغانلىقىغا قارىغاندا زور تۆھپە دەپ قاراش باش كۆتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلار ئارىسىدا مەيلى زو زوڭتاڭ،ياكى ياڭ زېڭشىڭ ۋە ياكى شېڭ شىسەي بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل ھاكىمىيەتلىرىنى يوقىتىش ئارقىلىق "ۋەتەننى قوغدىغانلىقى" ئۈچۈن ئۇلارنىڭ كوممۇنىست بولۇشى ۋە ياكى باشقا ئىدېئولوگىيىگە مەنسۇپ بولۇشى بەرىبىر دەپ قارايدىغان خىتاي مىللەتچىلىك خائىشىنىڭ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. (ئۈمىدۋار)