شاڭخەي ھەمكارلىقى كىمگە كېرەك؟
2005.10.27

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باش مىنىستىرىلىرىنىڭ يىغىنى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى موسكۋادا ئاخىرلاشتى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بىر يېڭىلىقى شۇكى، كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشقان پاكىستان، ھىندىستان، ئىران ۋە موڭغۇلىيە ھۆكۈمەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتقا ئەزا بولۇش قىزغىنلىقىنى ئىپادە قىلدى.
رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن يىغىنغا قاتناشقان بارلىق باش مىنىستىرلارنى قوبۇل قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۇنيانىڭ تەخمىنەن ئۈچ مىليارت نوپۇسىنى ئۆزىگە جەم قىلغان، "دۇنيا سىياسىتىدىكى مۇئەييەن ئامىلغا" ئايلانغانلىقى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بۇرۇنقى رامكىدىن چىقىپ كەتكەتكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك شۇنىڭدەك زەھەرلىك چېكىملىكلەر سودىسىغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت كونا تېما تەكرارلانغاندىن سىرت يەنە بىر يېڭىلىق سۈپىتىدە بۇ تەشكىلاتنىڭ كېلەر يىللىق خام چوت مەسىلىسى، بۇ تەشكىلات رامكىسى ئاستىدا ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان سودا ئىشلىرى ئورگىنى قۇرۇش، بانكا، سودا-ئىقتىساد ھەم مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالاندى.
ۋلادىمىر ژرونوۋسكىي: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ھەربىي ئىتتىپاققا ئايلاندۇرۇش كېرەك
غەرب كۆزەتكۈچىلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ باشلامچىلىقىدىكى، غەربكە قارشى ھەربىي ئىتتىپاققا ئايلىنىشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى تەھلىل قىلماقتا . ئامېرىكا، شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يۈزلىنىشىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
بۇنىڭدىن خاتىرجەمسىزلىك ھېس قىلغان خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي ئىتتىپاق شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بۇ ھەقتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى جاڭ دېگۇئاڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئوچۇق بىلدۈرۈش ئېلان قىلغان.
رۇسىيىنىڭ ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە جاڭ دېگۇئاڭ "بىزنىڭ ھازىر قىلىۋاتقان ھەممە ئىشلىرىمىز، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قانداقتۇر بىر يېپىق ئىتتىپاق ياكى ھەربىي ئىتتىپاق ۋە ياكى يېپىق سىياسىي ئىتتىپاق بولۇشىنى مەقسەت قىلمايدۇ. ھەرقانداق ئۇنداق-مۇنداق ئوي بۇ يەردە مەۋجۇت ئەمەس" دېگەن.
ئەمما، تېخى يېقىندىلا خىتاينى رەسمى زىيارەت قىلىپ قايتىپ كەلگەن رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، رۇسىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ۋلادىمىر رونوۋسكىي ئۆزىنىڭ خىتاي سەپىرىدىن ئالغان تەسىراتلىرى ھەققىدە توختالغاندا، ئاشكارا ھالدا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ھەربىي ئىتتىپاققا ئايلاندۇرۇشقا چاقىرغان.

رۇسىيىنىڭ www.strana .ru ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، خىتاي –رۇسىيە ۋە غەرب مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان ۋلادىمىر ژرونوۋسكىي" ئەگەردە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەربىي ئىتتىپاققا ئايلانسا، بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئارمىيىسىنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئارمىيىسىدىن سان ۋە سۈپەت جەھەتتىن خېلىلا كۈچلۈك بولىدىغانلىقى"نى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھىندىستان ،پاكىستان ۋە ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئالسا، دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەپ، تېز ئارىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تەڭداش كۈچ بولالايدىغانلىقىنى" تەكىتلىگەن.
رۇسىيىنىڭ www.strana .ru ئاگېنتلىقىدىكى ئۇچۇردىن قارىغاندا، رۇسىيە دېموكراتلىرى تەرىپىدىن فاشىزم بىلەن تەنقىتلىنىۋاتقان مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى ۋلادىمىر ژرونوۋسكىي يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ شەرقتىكى ۋارىيانتىغا ئايلاندۇرۇش مۇمكىنلىكىنى، ئۇنىڭ پايتەختىنى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرى قىلىپ بېكىتىشنى، شۇنداق قىلغاندا 10-15 يىل ئىچىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى دۇنيا ئاھالىسىنىڭ يېرىمىنى بىرلەشتۈرگەن ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ھەربىي تەشكىلاتقا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۆزبېكىستان دېموكراتىك قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى، ئىسلام كېرىموفنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى، ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان جاھانگىر مەمەتوپ ئەپەندى ئۆزىنىڭ تەنقىدىي پوزىتسىيىسىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھەقىقەتەن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىگە قارشى ھەربىي ئىتتىپاق قۇرۇش غەرىزى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ۋلادىمىر ژرونوۋسكىينىڭ يۈز پىرسەنتلىك ئۆزگىرىشى
رۇسىيە پارلامېنتىدا مۇھىم ئاۋاز كۈچىگە ئىگە رۇسىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى، پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ۋلادىمىر ژرونوۋكسىي ئەسلىدە ئون نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاينى ئەيىبلەپ، ئۇنى رۇسىيە ئۈچۈن ئەڭ زور تەھدىت دەپ قاراپ، ئۇنىڭ رۇسىيىدىكى مەنپەئەتلىرىنى چەكلەش تەشەببۇسىدا بولۇپ كەلگەن. ئۇنىڭ قاتتىق پوزىتسىيىسى خىتاينى بىئارام قىلغان ئىدى. ئەمما ئۇ بۇ قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ ئالىي دەرىجىدە كۈتۈۋېلىشلىرىغا سازاۋەر بولغان، رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى ئۇنىڭ مەزكۇر زىيارەتتىن كېيىن، خىتايغا بولغان پوزىتسىيىسىنى بىراقلا ئۆزگەرتكەنلىكىنى كۆرسىتىشمەكتە. رۇسىيىنىڭ سترانا .رۇ ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، خىتاينىڭ سابىق دۈشمىنى ۋلادىمىر ژرونوۋسكىي بىردىنلا بۇرۇنقى تونىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى خىتاينى خاتا چۈشىنىپ قالغانلىقى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىدىن كۆزلىگەن ھېچقانداق نىيىتىنىڭ يوقلىقىنى، خىتاي تەھدىدىنىڭ خىتايلارنىڭ خىيالىدىمۇ يوق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن تېخىمۇ ئىتتىپاقلىشىشقا دەۋەت قىلغان. مۇلاھىزىچىلەر، ئۇنىڭ بۇ كۆز قاراشلىرىدا غەربكە قارشى كەيپىياتنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
ئوتتۇرا ئاسىيا دېموكراتىك ئۆكتىچىلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا قارشى
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سېكرىتارى جاڭدېگۇئاڭ، بۇ قېتىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى كۈرەشتە غەلىبىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق، ئامېرىكىدا تەسىس قىلىنغان ئۆزبېكىستان دېموكراتىك قۇرۇلتىيى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي مۇددىئاسىنىڭ تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ ئۆز دۆلەتلىرىدىكى دېموكراتىك كۈچلەرنى، سىياسىي ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئۆزبېكىستان دېموكراتىك قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى جاھانگىر مەمەتوپ ئەپەندى ، ئەگەردە ئۆزبېكىستاندا دېموكراتىك ئۆزگىرىش بولۇپ، ھاكىمىيەت دېموكراتلارنىڭ قولىغا ئۆتسە، ئۆزبېكىستاننىڭ شاڭخەي تەشكىلاتىدىن چىقىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھازىر ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ تەشكىلاتتا ھېچقانداق مەنپەئەتلىرىنىڭ يوقلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىسلام كېرىموف، ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ، ئامېرىكىغا قارشى تۇرماقتا. خىتاي ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرماقتا. ئىسلام كېرىموف بۇ جەھەتتە قېرىنداش ئۇيغۇرلارغا ئەمەس، بەلكى خىتايلارغا ياردەم قىلماقتا.
ئۇ ئۆزبېكىستان دېموكراتىك قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقىنى ئۆزبېكلەرنىڭ ئازادلىقى دەپ چۈشىنىدىغانلىقى، ئۇيغۇرلار ئازاد بولغان كۈننى ئۆزبېكلەر ئۈچۈن كاتتا بايرام دەپ ھېسابلايدىغانلىقىنى، ئىسلام كېرىموفتا مىللىي تۇيغۇ يوق بولۇپ، ئۇنىڭدا تەخت تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاقتى كەلسە ئۇيغۇرنىلا ئەمەس ھەتتا ئۆزبېكلەرنىمۇ خىتايغا تۇتۇپ بېرىشتىن يانمايدىغانلىقىنى شەرھىلىدى.
قىرغىزىستان، قازاقىستان ئۆكتىچىلىرىمۇ ئۆز ھۆكۈمەتلىرىنى خىتاينىڭ بېسىمى ۋە خىتايدىن ئالىدىغان پايدىنى دەپ قازاق، قىرغىز قاتارلىق خەلقلەر بىلەن مىللىي تۇغقانچىلىققا ئىگە تۈركىي خەلق -ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قۇربان قىلماسلىققا دەۋەت قىلماقتا. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى غەربكە قارشى كۈچ ئۇيۇشتۇرماقتا
- رۇسىيە بىلەن خىتاي ھەربىي ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتمەكتە
- خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا رۇسىيە تەسىر كۈچىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەمدۇ ؟
- قازاقىستاندىكى سىياسىيون شەرپبېگ ئامېرىكا قوشۇنلىرى مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد ئوتتۇرا ئاسىيادا
- ئامېرىكا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قوشۇنلىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتەمدۇ؟
- ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەر شاڭخەي ھەمكارلىقىدىن ئەڭ ئازاپ چەككۈچىلەردۇر
- قەھرىمان غوجامبەردى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنى ھەققىدە توختالدى