خىتاي ھۆكۈمىتى خۇ جىنتاۋنىڭ مەمەت ساۋۇرغا قايتۇرغان جاۋاب خېتىنى ئۆگىنىش ھەرىكىتىنى كېڭەيتمەكتە

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي پارتىيە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نۆۋەتتە، لوپنۇر داشى كەنتىنىڭ ئىتتىپاق سېكرىتارى "مەمەت ساۋۇرنىڭ خۇ جىنتاۋنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشى، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى مۇھىم ئىش" دەپ تەشۋىق قىلماقتا.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ھۆكۈمەت ئاخباراتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى خۇ جايەن مەخسۇس بىر ھال سوراش ئۆمىكىنى باشلاپ، داشى كەنتىگە مەمەت ساۋۇردىن ھال سورىلىغىلى بارغان. ئۇ، باش سېكرىتار خۇ جىنتاۋنىڭ مەمەت ساۋۇردىن كۈتكەن ئۈمىدى، پۈتۈن ئۇيغۇر ياشلىرىدىن كۈتكەن ئۈمىدى دەپ سۆز قىلغان ھەمدە خۇ جىنتاۋنىڭ خېتىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ھەركىتىنى پۈتۈن ئوبلاست ھەم ئاپتونۇم رايوندا كېڭەيتىش ھەققىدە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكومنىڭ يول يورۇقىنى يەتكۈزگەن.

داشى كەنتى ئىتتىپاق سېكرىتارى مەمەت ساۋۇرنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن خۇ جىنتاۋغا خەت يېزىشى ھەمدە خۇ جىنتاۋنىڭ ئۇنىڭغا خەت قايتۇرىشىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر سىياسىي ئۆگىنىش دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلگەنلىكى،چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاسلارنى قوزغىدى.