0:00 / 0:00
يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى پاكسىتاندىن ئۇيغۇر ئېلىگە زىيارەتكە بارغان بىر قانچە ئۇيغۇر مۇھاجىرىنى چېگرىدا سوراق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشتىكى مەقسىتىنى قاتتىق سۈرۈشتە قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى پاكىستاندا، يەرلىك قانۇنلارغا رىئايە قىلىپ، ئۆز تۇرمۇشىنى ئېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆز مۇخبىرىمىز ئارزۇ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق تۇرسۇن ئەپەندىنى تېلېفوندا زىيارەت قىلىپ، ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى ئىگىلىدى.