سابىق سوۋېت رازۋېتكىسى ئۇيغۇرلار دىيارىدا (2)
2006.05.08

ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە جىددىي ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. ياڭ زېڭشىڭ ۋە جىن شۇرېن قاتارلىق خىتاي مىلىتارىستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان "نادان قالدۇرۇش" " تاشقى دۇنيادىن قامال قىلىش" سىياسىي تاكتىكىلىرى ئاخىرى بازار تاپالماي قالدى. 1931-يىلى، قۇمۇل تاغلىرىدا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ زوراۋانلىققا قارشى قوزغىلاڭلىرى باشلاش بىلەن مەزكۇر قوزغىلاڭنىڭ تەسىرى ئاستىدا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدا كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى ئەۋجى ئېلىپ، پەقەت ئۈرۈمچىدىن باشقا جايلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قوزغىلاڭچىلار قولىغا ئۆتتى. مانا مۇشۇنداق زور ئۆزگىرىش ئۇيغۇر دىيارىغا قوشنا سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى. موسكۋا دائىرىلىرى قايتىدىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك چارە-تەدبىرلەرنى ئېلىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن رازۋېتكا ئورگانلىرىنى ئىشقا سالدى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى موسكۋانى ئەندىشىگە سالدى
20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدا كۆتۈرۈلگەن كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭلار نەتىجىسىدە ئۈرۈمچىدىكى خىتاي مىلىتارىستلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى جايلاردىن باشقا پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى قوزغىلاڭچىلار قولىغا ئۆتتى. 30-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەربىي سىياسىي ۋەزىيىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئاساسلىق ئۈچ خىل كۈچ مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار خوجا نىياز ھاجىمنى بايراق ۋە قوماندان دەپ تونۇغان قۇمۇل-تۇرپان ھەم تەڭرىتاغلىرىنىڭ جەنۇبىي قىسىملىرىنى كونترول قىلغان ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرى، ما جۇڭيىڭنىڭ باشلامچىلىقىدىكى تۇڭگان قوراللىق كۈچلىرى ۋە جياڭ پېييۈ|ئەن باشچىلىقىدىكى ئىلى ۋىلايىتى دائىرىسىدىكى شېڭ شىسەيگە قارشى خىتاي ھەربىي كۈچلىرى بولۇپ، بۇ ئۈچ خىل كۈچ جىن شۇرېننى ئاغدۇرۇپ ئۆلكە ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىۋالغان شېڭ شىسەيگە قاتتىق تەھدىت سالغان ئىدى.
مەزكۇر ئۈچ كۈچنىڭ كۆزلىگەن مەقسەتلىرى ئايرىم بولۇپ، جياڭ پېييۈ|ئەن باشچىلىقىدىكى خىتاي ھەربىيلىرى پەقەت ئۆلكە ھاكىمىيىتىنى ئىگىلەپ، ئۆلكىنى خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بويسۇندۇرۇشنى ئارزۇ قىلسا، تۇڭگان ما جۇڭيىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ ئىسلام دۆلىتى قۇرىمەن دەپ جار سالسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆز قوشۇنلىرى خىتاي گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە تەۋە 36-دىۋىزىيە دەپ ئاتىغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇشىغا قارشى تۇرغان ئىدى.
ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرى قىسمەن قىرغىز قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ بىرلىشىشى ئاستىدا 1933-يىلى 12-نويابىر كۈنى قەشقەردە سابىت داموللا رەھبەرلىكىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى رەسمى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، ئىنقىلابقا ئىشتىراك قىلغان ئابدۇقادىر ھاجىمنىڭ ئەسلىمىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جەنۇبتىكى قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ۋىلايەتلەردە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بايرىقى چىقىرىلدى.
كرېمىل ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىماسلىقنى قارار قىلغان
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا قوشنا بولغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىپ تۇرغان كرېمىل رەھبەرلىرى 1933-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى سوۋېت رۇسىيىسى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋورشىلوۋنىڭ رەھبەرلىكىدە " مەخسۇس سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى تەتقىق قىلىش" كومىسسىيىسى قۇردى. شۇ يىلى 7-ئايدا سوۋېت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ مەزكۇر كومىسسىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى تەكلىپلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. 1933-يىلى، 8-ئاينىڭ 3-كۈنى سوۋېت بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي تەقدىرى ھەققىدە رەسمىي قارار ماقۇللاپ، خىزمەت يۆلۈنۈشىنى بەلگىلەپ بەردى. بۇ قاراردا موسكۋانىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى يوقىتىپ، ئۆلكىدە خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەشنى ئاساسىي قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە قەتئىي يول قويماسلىق، ئۇنىڭ ئەكسىچە شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىش بەلگىلەنگەن ئىدى.
يېقىندا ئېلان قىلىنغان رۇسىيە مۇتەخەسسىسى ۋ ف نەخنىڭ "سوۋېت ك ن ۋ د سىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرىكەتلىرى" ناملىق ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 1931-1934-يىللىرىدىكى كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭلار نەتىجىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللاش بىلەن خىتاينىڭ بۇ ئۆلكىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىنى بالانس قىلدى. نەتىجىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋورشىلوۋ باشچىلىقىدىكى ئالاھىدە كومىسسىيەسى ئۈرۈمچى ھۆكۈمىتىنى قوللاپ، ئۆلكىنى خىتاي تەركىبىدە قالدۇرۇشنى قارار قىلدى. 1933-يىلى نويابىردا ئۆلكىگە سوۋېت قوشۇنلىرى كىرگۈزۈلدى، سوۋېت قوشۇنلىرى ئۆلكە ئارمىيىسى تەرىپىدە تۇرۇپ، قوزغىلاڭچىلارنى مەغلۇپ قىلدى. ئەنە شۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىتى تۈپەيلىدىن قوزغىلاڭچىلار مەغلۇپ بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پوزىتىسىيىسى بىلەن شېڭ شىسەينىڭ يېڭى سىياسىتى قوزغىلاڭچىلارنى پارچىلاپ، خوجا نىياز ھاجىم قاتارلىق بىر قىسىم رەھبەرلەر ھۆكۈمەت تەرىپىگە ئۆتتى.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، 1933-يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا كىرگۈزۈلگەن "تارباگاتايسكىي" ۋە "ئالتايسكىي" نامىدىكى ھەمدە 1937-يىلى كىرگۈزۈلگەن سوۋېت قوشۇنلىرى مۇنتىزىم قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرىدىن باشقا يەنە سوۋېت بىخەتەرلىك كومىتېتىغا بىۋاسىتە قارايدىغان چېگرا مۇداپىئە قوشۇنلىرى ھەم ن ك ۋ د ئەترەتلىرىدىن ئىبارەت ئىدى. بۇ مەزگىللەردە سوۋېت رازۋېتكىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەربىي ۋە ئاخبارات خادىملىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۈنۈملۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان.
موسكۋانىڭ قارارىدا سوۋېت جاسۇسلىرىنىڭ تەكلىپى ئاساس بولغان
رۇسىيە تارىخچىسى بارمىننىڭ "1918 - 1941-يىلىدى سوۋېت – خىتاي مۇناسىۋىتىدە شىنجاڭ" ناملىق كىتابىدىكى مەلۇماتلارغا تايانغاندا، 1931-يىلى قۇمۇل قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن ئىلگىرى ۋە كېيىن سوۋېت بىخەتەرلىك ئورگانلىرى ئۆز خادىملىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، شۇ جايدىكى ۋەزىيەتنى تەتقىق قىلغان. ھەتتا، 1921-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى، قەشقەرىيە قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈلگەن ماتېرىياللار ئاساسىدا ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونال تەرىپىدىن تەييارلانغان قەشقەرىيە-جۇڭغارىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش لايىھىسى سوۋېت رۇسىيىسى كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنغان. رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا بيۇروسىنىڭ باشلىقى رۇدزۇكتاك ئىنقىلاب قوزغاپ، قەشقەرىيە-جۇڭغارىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، ئەمما لېنىن قاتارلىق سوۋېت رەھبەرلىرى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى چىققاندىن كېيىن بۇ مەسىلە يېپىلغان.
لېكىن، 1931-يىلى قۇمۇل قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن بىر قىسىم سوۋېت رەھبەرلىرى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىنقىلاب قوزغاشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى دەپ ھېسابلاپ قايتىدىن موسكۋاغا تەكلىپ بەرگەن. مەسىلەن، رۇس ئالىمى بارمىننىڭ يېزىشىچە، رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا بىيورىسىنىڭ باشلىقى بائۇمان ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئومۇمىي يۈزلۈك مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت قوزغاشنى تەشەببۇس قىلغان. ئەمما، ئۇيغۇر دىيارىغا رازۋېتكىغا ئەۋەتىلگەن بىر قىسىم ئاخباراتچىلار بۇنىڭغا قارشى چىقىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قېچىپ كەلگەن سوۋېتكە قارشى ئادەملەرنىڭ قەشقەرگە توپلانغانلىقى، ئۇلارنىڭ قەشقەرنى بازا قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۇجۇم قىلىشى خەۋپى بارلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئەنگىلىيىنىڭ جەنۇبتىكى ئىشلارغا ئارىلىشىپ، ئۇلاردىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى پايدىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. سوۋېت رازۋېتكا خادىملىرى يەنە قەشقەرىيىدە ئىسلام دىنى ئېتىقادىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى، گەرچە ھازىر ئىنقىلابنى قوللىغان بىلەن كېيىن بەلكى ئومۇمىي يۈزلۈك سوۋېتكە قارشى كەيپىياتلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا پايدىسىز ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، ئۇنى كونترول قىلىشنىڭ تەسكە چۈشىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
ئۇيغۇر دىيارىدا مىللىي ئازادلىق ھەرىكەت ئارقىلىق مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلۇشىنى قوللاش تەرەپدارلىرى ئاساسلىقى ئۈچىنچى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ مەخپىي ئادەملىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ بولغان ئىكەن. بۇ ئۇيغۇرلار موسكۋاغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنقىلابىنى قوللاش تەكلىپلىرىنى بەرگەن. ئەمما، ستالىن ئاخىرقى ھېسابتا ئۆز جاسۇسلىرىنىڭ تەكلىپلىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولۇشىنى قوللىماي، ئۇنىڭ ئەكسىچە شېڭ شىسەيگە ياردەم بېرىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى 1937-يىلىدىكى ئابدۇنىياز بەگ ھەم ما خۇسەن باشچىلىقىدىكى قوراللىق قوزغىلاڭنى باشتۇرۇشنى قارار قىلدى.
بۇ ۋەقەلەردە سوۋېت رازۋېتكا ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىرىدىن رۇسلاردىن رىبالكىن، ئوبۇخوپ، پالىنوپ، ئۇيغۇر-قىرغىزلاردىن قادىر ھاجى، مەۋلانوپ ۋە باشقا ئونلىغان ئادەملەر مۇھىم رول ئوينىدى. شېڭ شىسەينىڭ چېگرا باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئامانلىق ساقلاش ئىدارىسى دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ خادىملىرىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشى ۋە ئارىلىشىشى ئاساسىدا قۇرۇلغان ھەم ئىش ئېلىپ بارغاندىن سىرت يەنە موسكۋا ئۆزىنىڭ نۇرغۇنلىغان مەخپىي رازۋېتكا خادىملىرىنىڭ ھەر خىل سالاھىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە 1944-يىلىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب مەزگىلىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان سوۋېت ئىتتىپاقى جاسۇسلىرىدىن ئەلى ئەپەندى، زاكىر ئەپەندى ۋە ئىسكەندەر ئەپەندى ھەم مەۋلانوپ دېگەنلەر مۇھىم رول ئوينىغان ئىكەن. ( ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- سابىق سوۋېت رازۋېتكىسى ئۇيغۇرلار دىيارىدا (1)
- بىر رۇس مۇتەخەسسىسىنىڭ خىتايدىكى مىللىي مەسىلە ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى
- ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرالمىدى؟(4)
- ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرالمىدى؟(3)
- ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرالمىدى؟(2)
- ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرالمىدى؟(1)
- رۇس ئالىمى گېلبارس: رۇسىيىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ساتقىنلارچە پوزىتسىيە
- ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبېكلەر شاڭخەي ھەمكارلىقىدىن ئەڭ ئازاپ چەككۈچىلەردۇر
- ئۇيغۇرلار يەنە قاچانغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ؟
- سىبىرىيىدىكى مۇنازىرىلەر: ئۇيغۇرلار مۇستەقىل دۆلەت قۇرالامدۇ؟ (2)