0:00 / 0:00
قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە سەنئەت ساھەسىدە ئۇيغۇرلارنى باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇۋاتقان ناخشىچى سۇلتان كېرىموف ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس بەلكى قىرغىزىستاندىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئارىسىدا ئالاھىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان سەنئەتكاردۇر.
سۇلتان كېرىموف 1959-يىلى قىرغىزىستاندا تۇغۇلغان بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئانىسى رەجەپخاننىڭ سەنئەت جەھەتتىكى تالانتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
سۇلتان كېرىموف 2002- يىلى قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قىرغىزىستاندا خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىس دېگەن نام بېرىلگەن. بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى قىرغىزىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ سۇلتان كېرىموف ئەپەندىنى زىيارەت قىلىش ئاساسىدا تەييارلىغان پروگراممىسىدىن ئاڭلاڭ.