رابىيە قادىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى تام لانتوس بىلەن ئۇچراشتى


2005.09.08

rabiye-tom.jpg
رابىيە قادىر، 27-ئاپرىل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بويىچە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى تام لەنتوس

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزالىرىنىڭ بىرى ھېسابلانغان ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كىشىلىك ھوقۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى، تام لانتوس ۋە ئۇنىڭ ئىشخانا مۇدىرلىرى بىلەن ئۇچراشتى .

رابىيە قادىر شۇنى كۈنى يەنە ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن مۇ ئۇچراشتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات رابىيە قادىر خانىمنى زىيارەت قىلىپ، بۇ ئۇچىرىشىشلارنىڭ مەقسىدى ۋە ئۇچرىشىشلار جەريانىدا قانداق مەسىلىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ھەققىدە رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.