تەيۋەندىكى ناھىيە-شەھەر باشلىقلىرى سايلىمىدا خىتاي نېمە ئۈچۈن ئېھتىياتچان ؟

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان ناھىيە-شەھەر باشلىقلىرى سايلىمىدا، ئۆكتىچى پارتىيە يەنى ئادەتتە كۆكچىلەر دەپ ئاتىلىدىغان گومىنداڭ، چىڭمىڭداڭ تەرەپدارلىرى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، پارلامىنېتتا 14 ئورۇننى ئىگىلىگەن.

يېشىلچىلار دەپ ئاتىلىدىغان ھازىر ھوقۇق تۇتىۋاتقان دېموكراتىيە-ئىلغارلىق پارتىيىسى ئاران 6 ئورۇننى ئىگىلىگەن. بۇ قېتىمقى ناھىيە-شەھەر باشلىقلىرى سايلىمىدا يۈز بەرگەن بۇنداق ئۆزگىرىش تەيۋەندە بۇنىڭدىن كېيىن يەرلىك بايلىقلاردىن پايدىلىنىش جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى 2008 - يىلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمى ئۈچۈنمۇ تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقى مۇقەررەر. شۇڭلاشقا ھازىر تەيۋەندە ھوقۇق تۇتىۋاتقان دېموكراتىيە ئىلغارلىق پارتىيىسى ئۆزىدىكى يېتەرسىز ئامىللارنى تېپىپ چىقىپ، سىياسەت - يۆنۈلۈشلىرىنى قايتىدىن تەڭشەشكە مەجبۇر بولماقتا. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دېموكراتىك-ئىلغارلىق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى سۇجېنچاڭ ئەپەندى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن، مەمۇرىي پالاتا باشلىقى جۇئو روڭتەيمۇ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

"تەيۋەننىڭ ئىچكى ئىشى"

يېڭى ئەسىر ژۇرنىلىدا 12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئېلان قىلىنغان "تەيۋەندىكى سايلاملار بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە قانداق ساۋاق بەردى ؟" دېگەن ئوبزوردا، بۇ قېتىم تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلغان ناھىيە-شەھەر باشلىقلىرى سايلىمى جەريانىدا چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گەپ -سۆز جەھەتتە ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقى، ھەتتا خىتاي مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەيۋەن ئىشخانىسى مۇدىرى ۋاڭ زەيشىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ "بۇ تەيۋەننىڭ ئىچكى ئىشى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئارىلاشمايدۇ" دېگەنلىكى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزۈلگەن.

مەزكۇر ئوبزوردا بايان قىلىنىشىچە، تەيۋەن، خوڭكوڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ ياماندىن قورقىدىغان مىجەزىنى بىلىدۇ. تەيۋەن خىتاينىڭ "بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم" دېگەن سىياسىتىنى رەت قىلغان ئىدى، شۇڭلاشقا "بۇ تەيۋەننىڭ ئىچكى ئىشى، بىز ئارىلاشمايمىز" دەپ تۇرىدىغان بولدى. ئەمما خوڭكوڭ خىتاينىڭ "بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم" دېگەن سىياسىتىنى قوبۇل قىلغان ئىدى، ھازىر خوڭكوڭدا نامايىش قىلىشنىمۇ چەكلەيدىغان بولۇۋالدى.

خىتاينىڭ ئېيتقىنىدەك بولمىدى

راستىنى ئېيتقاندا، تەيۋەندە بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن 3 قېتىملىق سايلام خىتايغا ئوبدان ساۋاق بەرگەن ئىدى. ئالايلۇق، 1996 - يىلى تەيۋەنگە ئېلىپ بېرىلغان بىرىنچى قېتىملىق پرېزىدېنت سايلىمى تازا داغدۇغىلىق قانات يېيىۋاتقاندا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە قارىتا باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئۇرۇش پوپوزىسى قىلىپ، خۇددى تەيۋەندە پرېزىدېنت سايلاپ چىقالىسا، ئىككى قىرغاق ئوتتۇرىسىدا دەرھال ئۇرۇش بولىدىغاندەك بىر ھالەتنى پەيدا قىلغان ئىدى، بۇ چاغدا لى دېڭخۇيغا بېرىدىغان ئاۋاز سانى ناھايىتى تىز كۆپەيدى. شۇنىڭ بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەنگە قىلغان ئۇرۇش پوپوزىسى مەسخىرىگە قالمىدىمۇ؟

2000 - يىلى تەيۋەندە ئىككىنچى قېتىم پرېزىدېنت سايلىمى بولغاندا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى "ئەگەر مۇستەقىلچى چېن شۇيبىيەن تەيۋەنگە پرېزىدېنت بولۇپ سايلانسا، تەيۋەن يامان ئاقىۋەتكە قالىدۇ" دەپ يەنە ئۇرۇش پوپوزىسى قىلغان ئىدى، بۇ چاغدا چېن شۇيبىيەنگە بېرىدىغان ئاۋاز سانى تىزلىكتە كۆپەيدى. يەنە بىر قېتىملىق سايلامدا داۋاملىشىۋاتقاندا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەن سودىگەرلىرى ئايروپىلان كىرالاپ، بېيجىڭ بىلەن تەيبېي ئوتتۇرىسىدا ئايروپىلان قاتناتماقچى بولغانلىقىغا قارشى تۇرغان ئىدى، چېن شۇيبىيەنگە بېرىدىغان ئاۋاز يەنە كۆپىيىپ داۋاملىق سايلاندى. بۇ قېتىم بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇرۇنقى ساۋاقلارنى قوبۇل قىلىپ گەپ - سۆزدە ئۆزىگە ئاگاھ بولىۋاتقان بولسا كېرەك.

تەيۋەن، خوڭكوڭلارمۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق ھېلى ئىشلىتىدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي كۈچىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ. مەسىلەن، خوڭكوڭدا 2003 - يىلى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى 500 مىڭ كىشىلىك نامايىش بولغان ئىدى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تۈزمەكچى بولغان 23 ماددىلىق قانۇن لايىھىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدىغۇ! (ۋەلى)