خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى كىملەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ ؟

0:00 / 0:00

خىتاي خەلقئارا رادىئو ئىستانسىسى تور بېتى يېقىندا يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ، گۇچۇڭ ناھىيىسىدىكى نامرات ئاھالىلەرنىڭ قىشنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، ھۆكۈمەتنىڭ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقى، بولۇپمۇ گۇچۇڭ ناھىيىسى شىگوبى كەنتىدىكى دىخانلارنىڭ قېيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشتا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

گەرچە خەۋەردە بايان قىلىنغان بۇ ۋەقەلىك ناھايىتى ئاددى بىر ۋەقەلىك ھېسابلانسىمۇ، ئامما مۇشۇنداق كىچىك ۋەقەلەردىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارغا نىسبەتەن پەرقلىق مۇئامىلە تۇتۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

بۇنىڭ تەپسىلاتىغا قىززىقسىڭىز، دېھقانلارنىڭ مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرى ۋە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئابلاجان لەيلى نامان ئەپەندىنىڭ بۇ خىل تەڭسىزلىككە بولغان قارىشىنى، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.