"يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇق ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق" ماۋزۇلۇق خەلقئارا يىغىن ئەنقەرەدە باشلاندى
2008.03.11

تۈركىيە ئارمىيىسى باش شتابى تېررور بىلەن كۈرەش قىلىش مەركىزى ئويۇشتۇرغان "يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇق ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق" ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئەنقەرەدە رەسمىي باشلاندى. 3-ئاينىڭ 10-11-كۈنلىرى بولۇپ، جەمئىي ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىندا، تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشنىڭ ئۇسۇللىرى، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەشتىكى ئېھتىياجلار ۋە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر، تېررورنىڭ ئىجتىمائىي ۋە پسىخولوگىيىلىك تەرىپى، تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشتە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ رولى، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشنىڭ قانۇنى ۋە باشقا جەھەتتىكى ھەمكارلىق ساھەلىرى قاتارلىق تېمىلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
بۇ يىغىنغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رەھبەرلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋەكىللىرى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مەسئۇللىرى، ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە گرۇزىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيە باش شتابى باشلىقلىرى، خىتاي مىللىي مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى باشلىقى ياڭ يى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى پوتوماك سىياسەت تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتى مۇدىرى پروف. در. يوناھ ئالېكساندىر ، پاكىستان، ياپونىيە، رۇسىيە ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش 80 دۆلەتتىن 690 تېررور مۇتەخەسسىس قاتناشماقتا. بۇ كىشىلەر ئىككى كۈن جەريانىدا يۇقىرىدىكى تېمىلاردا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارىدىكەن.
يەر شارى `خاراكتېرلىك تېررورلۇق ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق` ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىنى تۈركىيە ئارمىيىسى باش شتابى باشلىقى ئورگېنىرال ياشار بۈيۈكانىت قىلدى. ئۇ سۆزىدە تېررورنىڭ مەقسەت ئەمەس، بىر مەقسەتنىڭ ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىنى، يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورنى دۇنيادىكى تەڭپۇڭسىز نوپۇس كۆپىيىشىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، دۇنيادا بىر مىليارد 100 مىليون كىشىنىڭ يوقسۇللۇق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، تېررور تەشكىلاتلىرىنىڭ بولسا بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تېررورچى تېپىۋاتقانلىقىنى دېدى.
ئۇ سۆزىدە ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلاشماي تۇرۇپ تېررورنى يوق قىلالمايدىغانلىقىنى، ئەمما دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرى تېررور دېگەن نېمە دېگەن سوئالغا ئورتاق جاۋاب تېپىپ چىقىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلاشماي تۇرۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تېررور تەشكىلاتلىرىغا قارشى يالغۇز مۇجادىلە ئېلىپ بېرىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى ھەممىمىزگە مەلۇم. شۇڭا دۇنيا دۆلەتلىرى تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئەمما شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويايكى، تېررور دېگەن نېمە؟ دېگەن سۇئالغا خەلقئارادا تېخى ئورتاق بىر جاۋاب بېرىلمىدى، جاۋابى ئېنىق بولمىغان تېررورچىلىققا قارشى قانداقمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك كۈرەش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ؟"
تۈركىيە ئارمىيىسى باش شتاب باشلىقى ئورگېنىرال ياشار بۈيۈكانىت ئەپەندى` يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇق ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق `ماۋزۇلۇق يىغىندا قىلغان ئېچىلىش نۇتىقىدا تۈركىيىنىڭ تېررورغا بولغان كۆز قارىشى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "تېررورنىڭ ھەر قاندىقىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىپادىلەپ كەلگەن تۈركىيە، رايون ۋە دۇنيا خاراكتېرلىك ۋەزىپىلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەت. شۇنداق بولسىمۇ ، بەزى دۆلەتلەر بىزنىڭ پ ك ك تېررور تەشكىلاتىغا قارشى مۇجادىلىمىزنى دېگەندەك قوللاپ قۇۋۋەتلىمەي كەلدى، بىز بۇنىڭغا قاتتىق ئەپسۇسلىنىمىز. بىز يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشتە ئاكتىپ ھەمكارلاشقاندىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالايمىز."
ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، بۈگۈنكى شارائىتتا تېررور دېگەن نېمە؟ دېگەن سۇئالغا ئورتاق ئىزاھات بېرىشنىڭ قېيىن ئىكەنلىكىنى ، چۈنكى بەزى دۆلەتلەر تېررورچى دېگەن كىشىنىڭ، بەزى مىللەتلەر ئۈچۈن قەھرىمان ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ بىر مىللىي داۋا ئىكەنلىكىنى، تېررور ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىقماستىن بۇرۇن بۇ داۋانىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.
ئىككى كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىندا 80 دۆلەتتىن كەلگەن 690 ئەتراپىدا تېررور مۇتەخەسسىسى يەر شارى خاراكتېرلىك تېررورلۇق ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق ھەققىدە تەييارلىغان ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇپ، بۇ ھەقتە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بارىدىكەن. (ئەركىن تارىم)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- تۈركىيە قوشۇنى كۈرد قوراللىق ئۇنسۇرلىرىغا قاتتىق زەربە بەردى
- تۈركىيە قوشۇنى كۈرد قوراللىق ئۇنسۇرلىرىغا زەربە بەرمەكتە
- تۈركىيە شىمالىي ئىراقتىكى كۈرد پارتىزانلىرىغا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قوزغىدى
- تۈركىيە شىمالىي ئىراقتىكى PKK پارتىزانلىرىنى يەنە بومباردىمان قىلدى
- تۈركىيە ئارمىيىسى، كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ بازىلىرىنى يەنە بومباردىمان قىلدى
- تۈركىيە ئارمىيىسى ئىراق چېگرىسى ئىچىدە كۇردلارغا ھۇجۇم قىلماقتا
- تۈركىيە ئارمىيىسى باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ رەئىسى كۇرد توپىلاڭچىلىرىنىڭ ھەربىي نىشانلىرىنى غەلىبىلىك بومباردىمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
- تۈركىيە ھاۋا ئارمىيىسى ئىراقتىكى كۇردلارغا ھۇجۇم قوزغىدى
- بېيجىڭ تەرىپىدىن تېررورچى تامغىسى ئۇرۇلغانلار
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايس رەسمى زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلدى
- كاندىلىزا رايس تۈركىيىنى كۈرد بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوللانماسلىققا كۆندۈرمەكچى
- تۈركىيە دۇچ كېلىۋاتقان 'پ ك ك' مەسىلىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار
- تۈركىيە ئارمىيىسى 15 نەپەر كۇرد قوراللىق ئۇنسۇرىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى
- تۈركىيىدە مىليونلارچە ئىنسان شېھىدلىرى ئۈچۈن ياش تۆكمەكتە









