ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس "ئەگەر قىرغىزىستاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە زوراۋانلىق ھەرىكىتى كۆرۈلمىگەن بولسا، ئۇ ھالدا بۇ يەردە دېموكراتىيە بەرپا بولغانلىقىنىڭ مىسالى بولغان بولاتتى" دېدى.
بىراق، رايىس سۆزىدە يەنە "ھازىرچە قىرغىزىستان كوچىلىرىدا يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ھەرىكىتىنىڭ قانداق بىر يۆنۈلۈشكە قاراپ تەرەققى قىلىدىغانلىقىدىن ھۆكۈم چىقىرىش قېيىن" دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئەندىشىسى، گەرچە پرېزىدېنت ئاقايېف تەختتىن ھەيدەپ چۈشۈرىۋىتىلگەن بولسىمۇ، يەنىلا قىرغىزىستاندا كونتورۇل قىلغىلى بولمايدىغان سىياسىي قالايمىقانچىلىقنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىن ئىبارەت ئىكەن.
بېشكەكتە يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرى تۈپەيلى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس بىر قانچە دۆلەتلەر بىلەن بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. رايىس، پرىزىدېنت جورج بۇش ۋە ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەك ستراۋ شۇنىڭدەك ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسلىرى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ۋەزىيىتىنى قانداق ياخشىلاش توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.
كوندىلىزا رايىس، گرېتسىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مولىۋىيادىس بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنى چاقىرىپ، ياۋرۇپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى خەلقئارادا رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا چاقىردى، بولۇپمۇ قىرغىزىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تىنچلىق ۋە دېموكراتىك نەتىجىگە ئېلىپ مېڭىشىنى تەلەپ قىلدى.
بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ "ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە قىرغىزىستان مەسىلىسىدە مەنپەئەت توقۇنىشىغا دۇچ كەلمەكتە" دېگەن قارىشىغا رەددىيە بەرگەن كوندىلىزا رايىس "قىرغىزىستاننىڭ كەلگۈسى ھەققىدە خەلقئارادا ئورتاق قاراش مەۋجۇت، مېنىڭ قارىشىمچە ياۋرۇپا ۋە رۇسىيە ، بارلىق كىشىلەرنىڭ زوراۋانلىق ھەركەتلەرنى ئېلىپ بارماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇنداقتا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا بىردىن - بىر يول سىياسىي دىئالوگ قۇرۇشتىن ئىبارەت" دەپ تەكىتلىدى.
كوندىلىزا رايىس سۆزىدە يەنە: "بىز ھازىرچە قىرغىزىستان ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن ئاخىرقى خۇلاسىنى چىقىرالمايمىز، بىراق بىز قىرغىزىستان خەلقىگە ئۆتكۈنچى بىر دەۋىردىن كېيىن، ئاخىرقى قەدەمدە چوقۇم دېموكراتىيىگە قاراپ مېڭىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرىشىمىز كېرەك" دېدى.
قىرغىزىستان خەلقىنىڭ پۈتۈن دۇنيا خەلىقلىرىگە ئوخشاش ئەركىنلىككە ۋە دېموكراتىيىگە تەشنا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن كوندىلىزا رايىس يەنە "خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇلىيىتى، قىرغىزىستان ۋەزىيتىنى مۇقىم بىر سىياسىي تۈزۈمگە باشلاش" دەپ كۆرسەتتى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكىنىڭ قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سىتىۋىن، بېشكەكتە تۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدە رۇسىيە بىلەن ئالاقە باغلىغانلىقىنى، چۈنكى روسىيىنىڭ قىرغىزىستانغا كۆرسەتكەن تەسىرىنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
سىتىۋىن سۆزىدە يەنە، ئامېرىكا، روسىيە ھەر ئىككى تەرەپ، قىرغىزىستاننىڭ مۇقىم بولىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، قىرغىزىستاننىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئامېرىكا قىرغىزىستاندىكى ھاۋا بازىسىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق، ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەركىتىنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. (ئەقىدە)