ئامېرىكا، خىتاينىڭ غەربىي يېرىم شاردىكى تەسىرىگە دىققەت قىلماقتا


2005.04.07

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى چارشەنبە كۈنى "خىتاينىڭ غەربىي يېرىم شاردىكى تەسىرى" دېگەن تېمىدا ئىسپات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ غەربىي يېرىم شاردىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى بارغانسېرى كۈچەيتىشى ۋە ئۇ يەردىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى تالىشىشى قاتارلىق تېمىلاردا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

بۇنىڭدىن سىرت يەنە، خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى تەرەققىياتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا رايونىنى ئەندىشىگە سېلىشى، خىتاينىڭ مالىيە ۋە سودا سىياسىتى شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇنىڭدىن ئېشىپ يەنە شەرقىي يېرىم شاردىكى تەسىر دائىرىسىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مەزكۇر يىغىندا مۇزاكىرە قىلىندى.

خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى رېيبېرن سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ غەربىي يېرىم شار ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى مىنىستىرى روجېر نورېگا خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى تەسىرى ھەققىدە توختىلىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مەنپەئەتىنى ھەمدە ئۇ يەردىكى دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە خىتاينىڭ لاتىن ئامېرىكا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە بولۇپمۇ ھەربىي ئالاقىسىغا كۆپ دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئەمما ئۇ يەنە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە قارىغاندا، خىتاينىڭ ھەرگىزمۇ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا ھەمدە كارىب دېڭىزى رايونلىرىدىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئورنىنى باسالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ يەردىكى دۆلەتلەر بىلەن تارىختىن بۇيان ئۇزۇن يىللىق ئىقتىسادىي، مەدەنىي ۋە سىياسىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى بار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياردەمچى تاشقى مىنىستىرى روجېر سۆزىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ: " خىتاي بەلكىم دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكىگە ئوخشاش، غەربىي يېرىم شاردىمۇ تەسىر دائىرىسىنى بارغانسېرى جارى قىلدۇرىشى مۇمكىن. لېكىن، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئۆتمۇشتە ياكى كەلگۈسىدە بولسۇن، ئامېرىكا يەنىلا بۇ دۆلەتلەر ھەممىدىن بەك ئالاقە قىلىشنى خالايدىغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا بىلەن بۇ دۆلەتلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشان ۋە ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئىگە".

ئامېرىكا لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئىقتىسادىي تەسىرىنى يوقۇتۇپ قويۇش تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ

يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بۇ قاراشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما بەزىلىرى ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت تەرەققىياتىغا بولغان ئارىلىشىشىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئاۋام پالاتا ئەزاسى ۋىليام دېلاخۇنت بۇ مەسىلىگە پاسسىپ قاراشتا بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتە لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئىقتىسادىي تەسىرىنى يوقۇتۇپ قويۇش تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى شۇنداقلا دېموكراتىيە قارىشىنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: " ئەگەر ئامېرىكا بۇنىڭغا تەدبىر قوللانمىسا، ئۇ ھالدا بىز چوقۇم پۈتۈن لاتىن ئامېرىكىسىدا، كىشىلەرنىڭ ئامېرىكىغا بولغان پوزىتسىيىسىنىڭ بارغانسېرى تەسىرگە ئۇچراپ مېڭىشىنى كۆرىشىمىز مۇمكىن. بۇ كىشىنى تولىمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ. كىشىلەرنىڭ ھازىر دېموكراتىيىگە بولغان ئىشەنچىسى بارغانسرى يوقىلىۋاتىدۇ".

مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان بەزى ۋەكىللەر، كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ھەقىقەتەن لاتىن ئامېرىكىسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ ، بۇ يەرگە نەچچە ئون مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. يىغىندا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەتتا ئامېرىكا بىلەن ۋېنېسۇئېلاغا ئوخشاش دۆلەتلەرنىڭ نېفىت بايلىقىنى تالىشىۋاتقانلىقى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئەرزان ماللىرىنى ئۇ دۆلەتلەرگە تۆكمە قىلىپ كىرگۈزۈپ، ئۇ يەرلەردە سودا قىزىل رەقىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىن ئاخىرىدا بىر قىسىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاينىڭ بۇنداق ئادىل بولمىغان سودا ئۇسۇلىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە مەخسۇس قانۇن لايىھىسى تۈزۈپ چىقىش تەكلىۋىنى بەردى. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاي پۇلى قانۇن لايىھىسىنى تۈزۈش تەكلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ لايىھىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي پۇلىغا يېڭىدىن باھا بېرىشىنى تەلەپ قىلىش ئىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.