خىتاي تىبەتلەرنىڭ ھەرىكىتىگە تېررورىزم جىنايىتى ئارتىشقا قەدەم باسماقتا
2008.03.24
22 - مارت كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "جۇڭگو ئاخبارات تورى" دالاي لاما گۇرۇھى ' شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى' بىلەن بىرلىشىپ تېررورلۇق قىلىشنى پىلانلىغان دېگەندەك ئەيىبلەشلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ ئەيىبلەش ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە تىبەتلەرنىڭ ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي ھوقۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرەشلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭ تېررورىزم بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى تەكىتلەشتى.
خىتاي تىبەتلەرنى شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتى بىلەن باغلىدى
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەم ھۆكۈمىتى 14 - مارت كۈنى لخاسادا يۈز بەرگەن تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھەم ئۇنىڭ باستۇرۇلۇشىنى تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لاماغا دۆڭگەپ، ئۇنىڭ دالاي گۇرۇھىنىڭ تەشكىللىك، پىلانلىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى.
22 - مارت كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى ھېسابلىنىدىغان جۇڭگو ئاخبارات تورى ۋەقە ھەققىدە يېڭى خەۋەر ئېلان قىلىپ، لىخاسادىكى ۋەقەلەرنى شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتى بىلەنمۇ باغلىدى.خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: "يېتەرلىك ئىسپاتلار بۇ ئىشنىڭ دالاي گۇرۇھىنىڭ تەشكىللىشى. پىلانلىشى ھەم قۇتراتقۇلۇق قىلىشى ئاستىدا بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. دالاي گۇرۇھى مەخسۇس ئادەملەرنى تەربىيىلەپ، چېگرىدىن كىرگۈزۈپ، بۇزغۇنچىلىق قىلغان ھەمدە شەرقىي تۈركىستان تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، شىزاڭدا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاپ، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى شىزاڭغا بۇراش ئارقىلىق شىزاڭدا قالايمىقانچىلىق چىقىرىش مۇددىئاسىغا يەتمەكچى بولغان."
لخاسا قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي مەتبۇئاتلىرى تېررورىزم ھەم چەت ئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بىلەن باغلىمىغان ئىدى. ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقان، خامىلتون شىركىتىنىڭ خادىمى، خىتاي سىياسىي مەسىلىلىرى تەھلىلچىسى ئىلشات ئەپەندى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا مۇنداق ئۇچۇرنىڭ چىقىشىنىڭ مەلۇم ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، چۈنكى، تىبەتتىكى تىنچ نارازىلىقلارنىڭ باستۇرۇلۇشىنىڭ خەلقئارادا قاتتىق نارازىلىق ئىنكاسلارنى پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن دالاي لامانىڭ ئابرويىنى چۈشۈرۈشكە باھانە ئىزدەپ، بۇنىڭدىن كېيىن تىبەتلەرنىڭ ھەرىكىتىنى تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى.
ئۇيغۇرلار تىبەتلەرنىڭ نامايىشلىرىغا ئاكتىپ قاتناشقان
ئىلشات ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە خىتاي مەتبۇئاتلىرى تىبەتلەرنى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ھەرىكىتى بىلەن باغلاپ، ئۇنى تېررورىزم بىلەن ئەيىبلەشكە تىرىشسىمۇ، بىراق، خەلقئارادا بازار تاپالامايدۇ، ئامېرىكا باشلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېررورىزم بىلەن قارىلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ.
خىتاينىڭ تىبەتلەرنى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرىغا باغلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب، بۇ قېتىم ئامېرىكا، گېرمانىيە، كانادا، گوللاندىيە ۋە باشقا ئەللەردىكى تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ، تىبەتلەرنى قوللىغانلىقىدادۇر.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى مەزكۇر قارىلاشلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقى مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدە خىتاينى تەنقىد قىلىشى جۈملىدىن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى نەنسى پېلۇسىنىڭ دارامسالاغا بېرىپ، دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ، تىبەتلەرنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشىگە توغرا كەلگەن ئىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇرشۇناسى شون روبېرتس خىتاينىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى تېررورىزم بىلەن ئەيىبلىشىنىڭ پاكىتسىز ۋە قارىلاش تۈسىنى ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ۋاڭ لىشوڭ قاتارلىق ئۆكتىچىلەر ئوچۇق خەت يېزىپ، بېيجىڭنى دالايلاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى
خىتايدا تىبەت ۋەقەسى ھەم دالاي لاما خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئومۇمىي يۈزلۈك قارىلىنىش ھەم ئەيىبلىنىش دولقۇنى قوزغالغان بۇ پەيتتە 22 - مارت كۈنى ۋاڭ لىشوڭ، ليۇ شاۋبو قاتارلىق 30 غا يېقىن دېموكراتىك پىكىردىكى خىتاي يازغۇچى ۋە ئالىملىرى بېيجىڭنى تىبەتكە قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە ۋە دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشىشكە چىقىرىدىغان 12 تۈرلۈك پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەخسۇس ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان. ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ۋاڭ لىشوڭ ۋە ليۇ شاۋبو قاتارلىق بىر تۈركۈم خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ئوچۇق خەت ئېلان قىلىشى، خىتايدا مىللىي مەسىلىلەرنىڭ ئېغىرلىقى، دېموكراتىك تەلەپلەرنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىراق، ئۇلارنىڭ بۇ ئوچۇق خېتى ھازىرچە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتەلمەسلىكى مۇمكىن.
لخاسادىكى تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى 14 - مارت كۈنىدىن بۇرۇنلا داۋاملاشقان بولۇپ، ئەسلىدىن تىنچلىق بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق 14 - مارت كۈنىگە كەلگەندە توقۇنۇشقا ئايلانغان ھەمدە خىتاي ھەربىي قوشۇنلىرى لخاساغا كىرگۈزۈلۈپ، نامايىشچىلار باستۇرۇلغان ئىدى.
گەرچە، خىتاي تەرەپ ئون نەچچە ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى ئۆلگەنلەرنىڭ 80 دىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لخاسادىكى باستۇرۇلۇش پۈتۈن دۇنيادىكى تىبەتلەرنىڭ نارازىلىقلىرىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تىنچ نارازىلىق بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان تىبەتلەرنىڭ كۈچ ئىشلىتىپ، قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىش باسقۇچىغا ئۆتۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلۇسىنىڭ دارامسالا زىيارىتى
- تىبەتلەر خىتايلارنى قوغلاپ چىقىرىش ھەركىتى ئېلىپ بارغان
- ۋاڭ لىشوڭ: نامايىش قىلىۋاتقانلاردىن سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ غەزىپى كۈچلۈك
- دالاي لاما پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە سۆھبەتكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
- كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىر زوراۋان گۇرۇھ، ئۇ تىكلىگەن يەرلىك ئەمەلدارلارمۇ نومۇسسىز يالغانچى
- خىتاي، تىبەتتىكى نارازىلىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشقا تېخىمۇ زور كۆلەمدە ھەربىي كۈچلىرىنى ئىشقا سالماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نامايىشتا دالاي لامانىڭ ئەيىبلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
- گوللاندىيە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر بىرلىكتە خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى
- بىر تۈركۈم خىتاي دېموكىراتچىلىرىنىڭ تىبەتتىكى توقۇنۇشلارغا قارىتا ئىنكاسى
- لخاسادا تىبەتلەرنىڭ نامايىشى باستۇرۇلغاندىن كېيىنكى يېڭى مۇلاھىزىلەر
- لخاسانىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا جىددىي، ئىسيان تىبەتنىڭ قوشنا رايونلىرىغا كېڭەيدى
- 14 - مارت لخاسا توقۇنۇشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنكاسلىرى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا يۈز كۈنلۈك 'سېرىققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى' نى باشلىدى
- تىبەتتە يۈز بەرگەن توقۇنۇشقا تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىلدى
- ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا بولغان تىبەتلەر نامايىشىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
- تىبەتتىكى نامايىش توقۇنۇشقا ئايلاندى