خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنى قۇل قىلىش ئۈچۈن دالاي لاماغا قارشى تۇرۇپ كەلمەكتە


2008.03.31

تىبەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى نامايىشى 3 ‏ - ئاينىڭ 10 ‏ - كۈنىدىن باشلاپ ھازىرغىچە توختىمىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 3 ‏ - ئاينىڭ 22 ‏ - كۈنى، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى تەكلىپ قىلغان 15 دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە خادىملىرى تىبەتنى زىيارەت قىلىپ قايتقاندىن كېيىنمۇ، تىبەتلەر لخاسا شەھىرىدە يەنە نامايىش قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى. زادى تىبەتلەر بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى تۈپ زىددىيەت نېمە؟ نېمە ئۈچۈن مەسىلە ھەل قىلىنماي كېلىۋاتىدۇ؟

ھازىر كانادادا تۇرۇشلۇق مۇستەقىل يازغۇچى شېڭ شۆ خانىمنىڭ قارىشىچە، ئەللىك نەچچە يىلدىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى تىبەت خەلقىنى قۇل قىلىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ دىنى داھىسى دالاي لاماغا قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

‏ - ‏ مەن ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لامانىڭ سۆھبىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىمەن، ‏ - ‏ دەيدۇ شېڭ شۆ خانىم، ‏ - ‏ بۇ ئىككى تەرەپ نۇرغۇن قېتىم ھەر خىل شەكىلدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئەمما سۆھبەتنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمىدى. ئېنىق كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەنكى، بۇ سۆھبەتتە دالاي تەرەپ سەمىمىي، ئۇ تىبەت خەلقىنىڭ ياخشىراق تۇرمۇش كەچۈرۈشنى، تۇرمۇشىدا ئەركىنلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەمما ئاجىز. خىتاي تەرەپ سەمىمىي ئەمەس، تىبەتنىڭ ھوقۇقى خىتاينىڭ قولىدا. خىتاي ھۆكۈمىتى مۇستەبىت تۈزۈمنى يوق قىلىدىغان ياكى ئاجىزلاشتۇرىدىغان گەپنى ئاڭلىمايدۇ، شۇڭلاشقا ھەر خىل باھانە - سەۋەب كۆرسىتىپ سۆھبەتنى كېچىكتۈرۈپ كېلىۋاتىدۇ.

شېڭ شۆ خانىم خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك گۇرۇھىغا چېتىلىدىغان يۇەنخۇا دېلوسى ھەققىدە كىتاب يېزىپ نام قازانغان يازغۇچى. شېڭ شۆ خانىم يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەر، تىبەت ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتى ھەققىدە ئىلمىي ئوبزورلارنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

‏ - ‏ جۇڭگو ئۆزىنىڭ زېمىن ‏ - تېررىتورىيە ھوقۇقىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدۇ، دېگەن سۆزگە مەن تازا ئىشەنمەيمەن، بۇ ھەقتە مېنىڭ تولۇق پاكىتىم بار، ‏ - ‏ دەيدۇ شېڭ شۆ خانىم مۇلاھىزىسىدە، ‏ - ‏ خىتاي ھۆكۈمىتى 'جۇڭگو زېمىنى' دەپ ئاتىلىدىغان زېمىندىن 40 تەيۋەنگە تەڭ زېمىننى رۇسىيىگە بېرىۋەتتىغۇ. خىتاينىڭ 'دۆلەتنىڭ تېررىتورىيە ھوقۇقى ئەڭ ئالىي پىرىنسىپ' دېگىنى يالغان. خىتاي ھەتتا بىركىمنىڭ كۈچى بولسا مۇستەقىل بولسىمۇ كارى يوق، ئەمما ئۇنىڭ ئاجىز خەلقلەرنى قۇل قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقى راس. ئۇ تىبەتلەرنىمۇ قۇل قىلماقچى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جايدا خەلق ھۆرمەتلەيدىغان، ئىتائەت قىلىدىغان دالاي لاماغا قارشى تۇرىدۇ. دالاي لامانى يوق قىلمىسا ئۆزىنىڭ كونتروللۇق ھوقۇقى تىكلەنمەيدۇ. دالاي لاما بىر سەمىمىي ئادەم، ئۇ خىتاينىڭ دۆلەت قانۇنى بۇيىچە تولۇق ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلاپ كەلمەكتە. ئەگەر بۇ مەسىلىدە سۆھبەت ئۆتكۈزسە، خىتاي يېڭىلىپ قالىدۇ. دالاي لامانىڭ ئابرويى تېخىمۇ ئۆسىدۇ. ئەمما خىتاي ھازىر ئۆزىنى كۈچلۈك دۆلەت دەپ ھېسابلاپ كۆرەڭلەۋاتىدۇ. تىبەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن رازى بولۇش - بولماسلىقىنىمۇ ھېسابقا ئالمايدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق شۇئارىنىمۇ كۆزگە ئىلمايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇ تىبەتلەردەك ئاجىز خەلق بىلەن ئىككى تەرەپ تەڭ باراۋەر شەكىلدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالىمايدۇ.

‏ - ‏ تىبەتنىڭ بۇرۇن قۇللۇق جەمئىيەتنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قۇللۇقنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ‏ - ‏ دەيدۇ شېڭ شۆ خانىم مۇلاھىزىسىدە، ‏ - ‏ ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، ھازىر بۇنىڭغا گۇمانلىنىدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك، دۇنيادا بۇرۇن ئىپتىدائىي ھالەتتە تۇرغان ئەللەردە كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىلگىرىلەش بولدى، ئۇلار يېڭىچە دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلاندى. خىتاينىڭ 'تىبەتنى ئازاد قىلدۇق' دېگىنى توغرا ئەمەس، ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنى باشقىچە بىر خىل شەكىلدە قۇل قىلىۋاتىدۇ، تىبەتلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان سىياسىي تۈزۈم ھۆكۈمەت دەھشەتلىك قىرغىنچىلىق قىلسىمۇ، ئۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگۈزمەيدىغان ۋەھشى تۈزۈم. تىبەتلەرنىڭ بۇنداق تۈزۈمنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ئاللىقاچان ئىسپاتلاندى. ئەمما كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتلەرگە ماددى جەھەتتىن ئاز - تولا مەنپەئەت بەرسە قانائەت قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ، بۇ نەزىرىيە ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتنى چۈشەنمىگەنلىك. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى 'قوساق تويغۇزۇش ھوقۇقى' دەپ قارايدۇ. بۇ خەلققە قىلىنغان ھاقارەت. ئىنسانىي ھاياتنىڭ مەزمۇنى پەقەت قوساق تويغۇزۇشلا ئەمەس، ئۇنىڭ تېخىمۇ كام بولسا بولمايدىغان مەنىۋىي تەلەپلىرى بار. خىتاي ھەر قانچە كۆپ پۇل سەرپ قىلسىمۇ، تىبەتلەرنىڭ مەنىۋىي ھاياتىنى سېتىۋالالمايدۇ. خىتاي مەبلىغى ئەمەلىيەتتە تىبەتلەرنى قۇل قىلىش ئۈچۈن قىلغان دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى. ھازىر تىبەتلەرنىڭ ئۆتكۈزۈۋاتقان قارشىلىق نامايىشلىرى، بىرەر ئىمكانىيەت بولسىلا دۇنياغا ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈپ تۇرغانلىقى ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا. ئەمەلىيەتتە ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىيىسى مەغلۇپ بولدى.

كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور جاڭ ۋېنشۇەننىڭ قارىشىچە، خىتايدا ھازىر مىللىي مەسىلە ناھايىتى ئېغىر، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب خىتايلارنىڭ ھازىر ئۆزىدىن باشقا نوپۇس سانى ئاز مىللەتلەرگە ھەددىدىن ئارتۇق ھاكاۋۇرلۇق قىلىۋاتقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. (داۋامى بار، ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.