
مەزكۇر يېغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان تۈركىيىدىكى قۇچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تېمۇر خوجائوغلى، دۇنيادا يۇق بولۇپ كېتىش خەۋپى ئاستىدا قالغان تۈركىي تىللارنىڭ بىرى بولغان قارايىم تىلى ھەققىدە ئىلمىي دوكلات سۇنۇپ، بۇ تىلنىڭ يوق بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق چارە -تەدبىرلەر قوللىنىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
يېقىندا ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى جۇرجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا دۇنيادىكى يوق بولۇپ كېتىش خەۋپى ئاستىدىكى تىللار ھەققىدە بىر ئىلىمىي مۇھاكىمە يېغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر يېغىنغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان تۈركىيىدىكى قۇچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تېمۇر خوجائوغلى، دۇنيادا يۇق بولۇپ كېتىش خەۋپى ئاستىدا قالغان تۈركىي تىللارنىڭ بىرى بولغان قارايىم تىلى ھەققىدە ئىلمىي دوكلات سۇنۇپ، بۇ تىلنىڭ يوق بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق چارە -تەدبىرلەر قوللىنىش كېرەكلىكى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مۇخبىرىمىز قانات پروفېسسور تېمۇر خوجائوغلىنى زىيارەت قىلىپ، تىلى يوقىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان تۈركىي خەلق قارايىملارنىڭ تارىخى، تىلى ۋە نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
پروفېسسور تېمۇر خوجائوغلى شەرقىي تۈركىستاندادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن قارايىملارنى سېلىشتۇرۇپ، گەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپ بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان تىل سىياسىتى تۈپەيلى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇرۇنقى جانلىقلىقىنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى، قارايىملارنىڭ يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان تىلىنىڭ بولسا ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان دۆلەتلەر ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوغدىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ يەنە ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقى ۋە بالىلارغا ئائىلىلەردە ئانا تىلنى ئۆگىتىشنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقى ھەققىدە توختالدى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ئۆمەر قاناتنىڭ پروفېسسورى تېمۇر خوجائوغلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.