خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنى ئەندىشىگە سالماقتا


2005.04.04

بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كىيىم- كېچەكلەرنىڭ ئېكىسپورت سان چەكلىمىسى بىكار قىلىنغاندىن كىيىن، خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كىيىم- كېچەكلىرى ئامېرىكا، ياۋرۇپا ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرگە كەڭ كۆلەمدە ئېقىپ كىردى.

خىتاي ماللىرى كۈنسايىن كۆپەيمەكتە

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدىلا خىتايدىن ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىنغان پاختا مايكىلارنىڭ سانى 85 مىليون پارچىغا يېقىنلاشقان. بۇ ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا 1258 پىرسەنت ئاشقان. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا خىتايدىن ئىمپورت قىلغان پاختا ئىشتان، ئىچ كىيىم قاتارلىقلارنىڭ سانىمۇ ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1500 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئاشقان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە باشقا تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىمۇ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئوخشاش بولمىغان نىسبەتتە كۆپەيگەن. بۇنىڭدىن ئەندىشە قىلغان ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە تۈركىيە قاتارلىق ئوتتۇرا دېڭىز رايۇنىدىكى دۆلەتلەرنىڭ توقۇمىچىلىق ساھەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ياۋرۇپا توقۇمىچىلىق ساھەسى جەمئىيىتى بۇ يىل 3 - ئاينىڭ باشلىرىدىن بۇيان ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنى تەدبىر قوللىنىپ، خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كىيىم- كېچەكلىرىنىڭ ياۋرۇپا بازىرىدا ھەددىدىن تېز كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلماقتا.

خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش كېرەك.

ياۋرۇپا توقۇمىچىلىق ساھەسى جەمئىيىتىنىڭ سودا ۋە سانائەت ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى مەچنىي ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"ئىنتايىن ئېنىقكى، خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەيدىغان تەدبىرنى تېزدىن قوللىنىش كېرەك. قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى. چۈنكى ھازىر ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ توقۇمىچلىق بازىرى قالايمىقان قىلىۋېتىلدى. خىتايدىن ياۋرۇپا بازىرىغا ئېكىسپورت قىلىنغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سانى ۋە قىممىتى 10٪ ، 20٪ ئەمەس، بەلكى يۈز پىرسەنتلەپ ئۆستى. نەتىجىدە بۇ ياۋرۇپا بازىرىنىڭ قۇبۇل قىلىش دەرىجىسىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ خىل ئەھۋالنى ياخشىلاش ئۈچۈن، بىزنىڭ قارىشىمىزچە چوقۇم خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش كېرەك.

خىتاي چارا قوللانمىسا، ياۋروپا ئىتتىپاقى قوللىنىدۇ

بۇنىڭ ئالدىدا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا ھەيئەت ئەزاسى پىتىر مەندەلسىن، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلانغان سودا ئىستاتىستىكىلىرىنى تېخى ھېسابلاپ چىقمىغانلىقىنى، شۇڭا ھازىر خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويۇشنىڭ تېخى بالدۇرلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ كۆپ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كىيىم كېچەكلىرىنىڭ ئېكىسپورتىنى كونترول قىلىشقا چاقىرىپ، ئەگەر خىتاي توقۇمىچىلىق ماللىرىنىڭ ياۋرۇپا بازىرىدا تېز كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالمىسا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ چەكلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ماللىرىغا چەكلىمە قويۇشى مۇمكىنمۇ؟ خوڭكوڭ سودا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لى شىيۇخىڭ ئەپەندى، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا چەكلىمە تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى:

"ھازىرچە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ سانلىقستاتىستىكىلىرى تېخى ھېسابلىنىپ چىقمىغاچقا، ھازىر ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ھەقتە بىر نېمە دېمىكى بىراز قىيىن. بىراق مېنىڭچە، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكىسپورت سان چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنىشى بىلەن، بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرى ياۋرۇپا بازىرىدىكى خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىر ھەسسە ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ.

خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كىيىم- كېچەكلىرى پۈتۈن دۇنيا توقۇمىچىلىق بازىرىنىڭ 28٪ ئىنى ئىگىلەيدۇ ھەمدە خىتاي پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كىيىم- كېچەكلەرنى ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ يىل 1 - ئايدا خىتايدىن ئىمپورت قىلغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سانى ئۆتكەن يىلقى ئوخشاش ۋاقىتتىكىدىن 43٪ ئېشىپ، قىممىتى 430 مىليون دوللارغا يەتكەن. كىيىم - كېچەك ئىمپورتىمۇ ئوخشاش تېز ئاشقان بولۇپ، بىر قىسىم ئاياللار كىيىم- كېچەكلىرىنىڭ ئىمپورت مىقدارى ئۆتكەن يىل 1 - ئايغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە ئاشقان.

ئېغىر ئاقىۋەت

ئەگەر ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ياۋرۇپا توقۇمىچلىق ساھەسى جەمئىيىتىنىڭ تەلىپىگە ئىنكاس قايتۇرماي، خىتاينىڭ توقۇمىلىق مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويمىسا، ئۇ ھالدا ياۋرۇپانىڭ توقۇمىچىلىق ساھەسى قانداق تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن دېگەن مەسىلىگە قارىتا، ياۋرۇپا توقۇمىچىلىق ساھەسى جەمئىيىتىنىڭ ئەمەلدارى مەچىنىي ئەپەندى مۇنداق دېدى:

"ئۇ ھالدا، ئېغىر سىياسىي ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىدۇ. ئىشسىزلىق ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەر سىياسىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھازىر بۇ مەسىلىنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى خىتاي توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ياۋرۇپا بازىرىدا تۆكمە قىلىپ سېتىلىۋاتىدۇ. تەننەرقى ئىنتايىن ئەرزان. ئەرزانلىقتا ھەتتا خام ئەشيالارنىڭ چىقىمىنىمۇ كۆتىرەلمىگىدەك دەرىجىدە. بۇ خىل تۆكمە قىلىپ سېتىش، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى كۆپ قىسىم توقۇمىچىلىق شىركەتلىرىنى ۋەيران قىلىپلا قالماستىن، ھىندىستان ۋە ئوتتۇرا دېڭىز رايون دۆلەتلىرىدىكى توقۇمىچىلىق شىركەتلىرىگىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ئىشسىزلىق

مەچىنىي ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، توقۇمىچىلىق ساھەسى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى ھېسابلىنىدىكەن. نۆۋەتتە ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدا ئىككى مىليون بەش يۈز مىڭ ئەتراپىدا توقۇمىچىلىق ئىشچىسى بار بولۇپ، ئالاقىدار مەلۇماتلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۆتكەن يىلى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى توقۇمىچىلىق ساھەسى يۈز نەچچە مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغان. ئەمما بۇلارنىڭ خىتاي ماللىرىنىڭ كىرىشى بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى بارلىقى ھەققىدە ئىسپات يوق ئىكەن.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كىيىم - كېچەكلەرنىڭ ئىمپورت سان چەكلىمىسى بىكار قىلىنغان بۇ ئۈچ ئايدىن بۇيان، ئامېرىكا توقۇمىچىلىق ساھەسىدە 17200 دەك ئىش پۇرسىتى كېمەيگەن. ئامېرىكىدىكى دۆلەتلىك توقۇمىچىلىق كېڭىشىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا چەكلىمە قويۇشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى، ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپادىكى دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېز ئېشىپ كېتىشى ھەققىدىكى ئەندىشىلىرىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كىيىم- كېچەكلەردىن ئېكىسپورت تاموژنا بېجى ئېلىشقا باشلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە كىيىم- كېچەكلەرگە ئەڭ تۆۋەن باھا چېكىنى بىكىتىش تۈزۈمىنى ئورنۇتۇشنى ئويلىشىۋاتقان ئىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.